ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ئىقتىدارى ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 12 ﺧﯩﻞ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ بىلۋىلىڭ
1. ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﻯ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ
ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯧﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻣﯘ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ، ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ، ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.
2. ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯩﮕﯜﻡ ﻛﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ
ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﮕﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﺳﻰ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺶ، ﻗﯘﺳﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻣﯘ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﺪﯗ.
3. ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﺘﻪ ﻛﯚﭘﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ
ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﺘﻪ ﻛﯚﭘﯜﻙ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﯩﻦ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻜﻪ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﯩﺮﺳﻪ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﺘﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯚﭘﯜﻙ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
4. ﺑﻪﻝ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ
ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﻪﻝ ﺋﻮﻣﯘﺭﺗﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﻝ ﺋﺎﻏﺮﯨﻴﺪﯗ.
5. ﻛﯚﭖ ﺳﯩﻴﯩﺶ، ﺋﺎﺯ ﺳﯩﻴﯩﺶ
ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎﻧﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 4-6 ﻗﯧﺘﯩﻢ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 800-2000 ﻣﯩﻠﻠﯩﻠﯩﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
6. ﺳﯘﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ
ﺳﯘﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﺧﻼﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﻗﺎﭘﺎﻕ، ﻳﯜﺯ، ﭘﺎﻗﺎﻟﭽﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺳﯘﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯘﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﻤﯩﮕﻪﻥ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺳﯘﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﺎﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
7. ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻗﯧﻨﻰ
ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﺘﻪ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭘﻼ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
8. ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻖ
ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻖ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻗﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﮪﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﮪﻮﺭﻣﯘﻥ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻘﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.
9. ﺩﯨﻴﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ
ﺩﯨﻴﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﺘﯩﻦ ﺯﻩﮪﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
10. ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ
ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ-ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
11. ﻳﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﻮﻏﯘﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﻟﯩﻖ ﻗﺎﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ
ﻳﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﻮﻏﯘﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﻟﯩﻖ ﻗﺎﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ، ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﯩﻨﻰ ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﭼﯚﻛﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺪﯗ.
12. ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ
ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ، ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯘﺯﺍﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﺘﯩﻜﻰ «ﺋﯜﭺ ﺧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭ»
1. ﭘﯘﺗﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ
ﭘﺎﻳﭙﺎﻕ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﭘﯘﺗﻨﯩﯔ ﺑﯧﻐﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻳﺎﻻﯓ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻧﻪﻡ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﯜﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﻮﺗﻘﺎﻧﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﭘﯘﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ، ﻣﯜﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ؛ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺗﻨﻰ ﮪﺎﯞﺍ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭺ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﭘﯜﯞﻟﯩﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
2. ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﺕ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ
ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﺗﻨﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ، ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﻨﯩﯔ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﭼﺎﭘﻼﭖ، ﻛﯜﭼﻪﭖ ﺋﯘﯞﯗﻻﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﺗﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺪﯗ.
3. ﺳﯘﻧﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺶ
ﺳﯘﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ ﺯﻩﮪﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﻰ ﺳﯘﻳﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ، ﺗﺎﺵ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 8 ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ (ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ: ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺩﻩﺳﺴﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ).
4. ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﺧﻼﺵ
ﻛﯩﻠﯩﻨﯩﻜﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺶ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﺩﺍ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ، ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ، ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﯘﺧﻼﭖ، ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺗﯘﺭﯗﺵ، ﻧﻪﭘﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﯞﻩﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ.
5. ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﺴﯩﯟﺍﻟﻤﺎﯓ
ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻗﯩﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺩﻭﯞﺳﺎﻕ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﺩﻭﯞﺳﺎﻕ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺭﯦﻔﻠﯧﻜﺴﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﯞﻩ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻗﯩﺴﺘﺎﺵ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻧﻪﻳﭽﯩﺴﻰ، ﺩﻭﯞﺳﺎﻗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺋﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﺰﻣﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺋﯧﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺟﺎﻣﻰ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.
6. ﺷﯚﻟﮕﻪﻱ ﻳﯘﺗﯘﺵ
ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯚﻟﮕﻪﻳﻨﯩﯔ ﺳﯜﺯﯛﻙ، ﺳﯘﻳﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺷﯚﻟﮕﻪﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﺎﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ؛ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺗﯩﻞ ﺋﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﺗﺎﯕﻠﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﺎﻻﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﯩﻼﻥ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﺷﯜﻣﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺴﯩﻤﯘ ﮪﯚﻟﻠﯜﻙ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
7. ﺑﻪﻟﻨﻰ ﺋﯘﯞﯗﻻﺵ
ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﻪﻝ ﯞﻩ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﻨﯩﯔ ﺑﻪﺵ ﺑﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﭗ، ﺟﻪﻳﻨﻪﻙ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﭼﻪﭖ، ﺑﻪﺵ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﻨﻰ ﺑﻪﻝ ﺋﻮﻣﯘﺭﺗﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻝ ﯞﻩ ﺩﯛﻣﺒﻪ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﯘﺭﯨﻤﯩﺰ.
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﻨﻰ ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ 30 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺷﺎﭘﯩﻼﻗﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺑﯘ ﺑﻪﻝ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺭﯦﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﭖ، ﺟﻪﯞﮪﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺪﯗ.
8. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﻴﯩﺶ
ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯜﻧﺠﯜﺕ، ﻗﺎﺭﺍ ﻣﻮﺭ، ﻗﺎﺭﺍ ﮔﯜﺭﯛﭺ، ﺯﺍﺭﺍﯕﺰﺍ، ﻗﺎﺭﺍ ﭘﯘﺭﭼﺎﻗﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﻪﭖ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭼﺎﻳﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﭖ، ﻗﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻤﯘ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ-ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﭗ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.