جىنسىي تۇرمۇش بەك ئاز بولسا مەزى بېزى زەخىملىنىشنى ۋە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
جىنسىي تۇرمۇش بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ياخشى بولمايدۇ، ئۇنداقتا بەك ئاز بولۇپ قالسىچۇ؟ ئۇزاق مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش بولمىغاندا پىسخىكىلىق مەسىلە كۆرۈلۈپ، جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، يەنە مەزى بېزى ياللۇغى ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى، ھەتتا ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەگەر مەقسەتلىك ھالدا ئۆزىنى چەتكە ئالسا، پىسخىكا قاتلىمىغا زەربە بېرىپ، سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىپ، ئارقىدىنلا جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇزاق مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمىگەندە مەزى بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى ۋاقتىدا چىقىپ كېتەلمەي، مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئاغرىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇنداقلا جىنسىي تۇرمۇشتا مەنىي چىقىرىشنىڭ بەك تېز بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
جىنسىي تۇرمۇش كۆپ بولسا بولمايدۇ، ئاز بولسىمۇ ياخشى ئەمەس، ئۇنداقتا جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى قانداق بولغاندا ئەڭ ساغلام بولىدۇ؟
چەتئەللىك جىنسىيەت مۇتەخەسىسلىرى بىر پايدىلىنىش فورمۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، يەنى ياشنىڭ ئونلەر خانىسىنى توققۇزغا كۆپەيتىپ، ئېرىشكەن سانلىق قىممەت، مەسىلەن:
20 نەچچە ياشلىق كىشىلەر: 2*9=18 يەنى 10 كۈندە سەككىز قېتىم؛
30 ياشتىن ئاشقانلار: 3*9=27 يەنى 20 كۈندە يەتتە قېتىم؛
40 ياشتىن ئاشقانلار: 4*9=36 يەنى: 30 كۈندە ئالتە قېتىم؛
بۇ فورمۇلانى چەتئەللىك جىنسىيەت مۇتەخەسسىسلىرى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ، نورمال جىنسىي تۇرمۇش تۇرمۇش قېتىم سانى ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا كونترول قىلىش كېرەك، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىنكى كۈنى چارچىمىسا كۆپ ھېسابلانمايدۇ.