ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كېچىنى كۆز يۇمماي ئۆتكۈزۈش ياكى كۆز يۇمۇش بىلەن غەيرىي چۈش كۆرۈش، 1-3 سائەتنى ئۇخلاش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، بىر كېچە كۈندۈزنى ئۇيقۇسىراش بىلەن ئۆتكۈزۈش بۇ كېسەللىكنىڭ مۇھىم ئالامىتى ھېساپلىنىدۇ. ئۇنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:
ھەر قېتىم ئۇخلاشتىن بىر سائەت ئىلگىرى يەتتە دانە سوقا چىلاننى ئۇرۇقچىسى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلسا شىپا بولىدۇ
2. كۈندە كەچ يېتىشنىڭ ئالدىدا تىزنىڭ تۆۋەنكى قىسمىنى ئىلمان سۇغا 5-15 مىنۇتقىچە چىلاپ يۇيۇپ بەرسە، شىپا بولىدۇ.
3. يېڭى لىموننى پۇرىسا ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ، روھنى قوزغىتىپ، يۈرەكنى شادلاندۇرىدۇ.
4. يۇمغاقسۈت كۆكىنى چىڭ سىقىپ، سۈيىگە مەلۇم مىقداردا شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.
5. كۈندە كەچ ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى بىر ئىستاكان سۇۋۇتۇلغان قايناق سۇغا بىر قوشۇق ئاچچىقسۇنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىۋەتسە، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.
6. بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى ئازلاپ كەتسە، قوينىڭ قۇيرۇق يېغىنى بالىنىڭ ساغرىسى، غولى، يىرىقلىرى ۋە ئۈگىلىرىگە سۈركەپ بەرسە ياخشى ئۇخلايدۇ.
7. كاللەكبەسەينى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، بۇرنىغا تېمىتىپ بەرسە، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ.
8. تەرخەمەكنى پۇراپ بەرسە ياكى پوستىنى سويۇپ پېشانىگە قويۇپ بەرسە، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ.
9. ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر بىر تال سۇڭپىيازنى ئاقلاپ بىر نەچچە پارچە قىلىپ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ياستۇقنىڭ يېنىغا قويۇپ قويسا، تېزلا ئۇخلاپ قالىدۇ.
10. چەكلىك تاماققا كۆپ مىقداردا پىياز قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، نېرۋا ۋە بەدەننىڭ چارچىغانلىقىنى يوقىتىپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.