قىش پەسلىدە ئىمونىت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان تۆۋەندىكى يەتتە خىل يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بىرىشنىڭ تۆۋەندىكى پايدىلىق تەرەپلىرى بار ئىكەن بىلۋېلىڭ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئالىملارنىڭ دىيىشىچە بۇ خىل كۆكتاتلار راك كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش رولى بار، ئادەم بەدىنىگە بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىسى ئنتايىن يۇقىرى كۆكتات ھېساپلىنىدۇ.
2. ئاق رەڭلىك مۇگو- ئاق رەڭلىك مۇگو بەدىنىڭىزنى كۈچلەندۈرۈپ زۇكامنىڭ، ھەتتا راكنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇزۇقلۇقشۇناسلىق ژورلىنىدا كۆرسىتىلىشىچە موگو ئىممۇنىت سېستىمىسى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرىدىكەن. شۇڭلاشقا كۈندىلىك تامىقىڭىزدا موگونى يىنىك قورۇپ يەپ بېرىشنى ئۇنۇتماڭ.
3. ئۆچكە ئىرىمچىكى- پىچىنە پرەنىككە قارىغاندا ئۆچكە ئىرىمچىكى ئىممۇنىت سېستىمىڭىزغا پايدىلىق بولغان مىس ئېلىمىنتىنڭ مۇھىم كىلىش مەنبەسى. شۇ ۋەجىدىن ئۆچكە ئىرىمچىكىنى بولكىغا تۇخۇم سېرىقى قىيامى بىلەن سۈرتۈپ ياكى قاتتىق پوستىلىق مىۋە ۋە قۇرۇق مىۋىلەر بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
4. چېچەك سەي- كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى بۇ خىل بىرىكمە كۆكتات سىزنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىڭىزنى كۈچەيتىشكە پايدىسى بار بۇلۇپ. بىئو-خېمىيە ئۇزۇقشۇناسلىق ژۇرنىلىدا كۆرستىشىچە، بۇ خىل كۆكتاتنى چايناپ بەرگەندە بىر خىل خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بەدىنىمىزدىكى يۇقۇملۇققا قارشى ئاق قان ھۈجەيرىسىنى تەڭشەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن. بۇ خىل كۆكتاتنى پىشۇرۇرپ ئىستىمال قىلغاندا بەدەنگە قۇبۇل قىلىنش مىقدارى ئازىيىپ كىتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى بەك پىشۇرۋەتمەي ئىستىمال قىلىش كېرەك ئىكەن.
5. گىلاس- ئېغىزغا بىر سالسىلا تۈگەيدىغان بۇ مىۋىنىڭ تەركىبىدە سىزنىڭ ئىممۇنىت سېستىمىڭىزنى ھەركەتلەندۈرىدىغان ۋە ئەركىن ماددىلارنى تازلاپ چىقىرىدىغان كۆپ مىقداردىكى ئانتۇسىئانىدىن بار بۇلۇپ. گەرچە قىش پەسلىنىڭ كىلىشىگە ئەگىشىپ بۇ مىۋىلەر ئاياغلىشىدىغان بولسىمۇ، لېكىن سىز يەنىلا قۇرۇتۇلغان ياكى توڭلۇتۇپ ساقلانغان گىلاس كونسىرۋالىرىنى ئىستىمال قىلىپ بەرسىڭىز بۇلىدىكەن.
6. قېتىق- تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنشچە قېتىق ئىچىشنى 12 ھەپتىگىچە داۋاملاشتۇرغان كىشىلەرنىڭ نەپەس يول ۋە ئاشقازان كىسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىش نىسپىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا، 60پىرسەنت تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ ئاساسلىقى قېتىق تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتاسىنىڭ تەسىرىدىن بولىدىكەن. شۇڭلاشقا كۈندە ساپ قېتىقنى ياكى قېتىق بىلەن مىۋە ئۇيۇتمىسى، بانان يالپاقچىسى، خاسىڭ مەلھىمى، سۇيۇق ھەسەل، تاتلىق مىۋە شەربىتى قاتارلىقلار بىلەن بىر نەچچە قۇشۇقتىن ئىستىمال قىلىپ بەرسىڭىز ئۈنۈمى ياخشى بۇلىدىكەن.
7. پەمىدۇر- پەمىدۇرنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ۋىتامىن C نى تۇلۇقلايدۇ، بەدىنىڭىزدىكى ئەركىن ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ ئىممۇنىت سېستىمىڭىزنى كۈچەيتىپ كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەيدۇ. ئوزۇقلۇقشۇناسلىق ۋە يىمەكلىك ئىلمى پىروفىسورىنىڭ دىيىشىچە پەمىدۇر بەدىنىمىزدىكى زۇكام ۋە ماغدۇرسىزلىنىشقا قارشى ئالدىنقى سەپتىكى قوغدىغۇچى ئىكەن.
چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ