ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى

文摘   2024-12-06 18:21   新疆  

1. ئۇيغۇر تىبابىتى ئاساسەن ئىككى ئىشنى نەزەردە تۇتىدۇ (1)ساقلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش (2) كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش

2.ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەزەلدىن ياخشى كۆرىدىغان ئادەتلىرىنىڭ بىرى پاكىزلىق:يەنى شەخسىتازىلىق، ئۆي-ئائىلە تازىلىقى، مۇھىت تازىلىقىغا قاتتىق رىئايە قىلىشتۇر .

3.ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئادەم بەدىنىدە « تەبىئەت» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئالاھىدە كۈچ بارلىقى تەكىتلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆپ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ .

4.ئۇيغۇرتىبابىتى ئادەم بەدىنى ۋە بارلىق جانلىق ھاياتنى تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە چۈشىنىدۇ. ئومۇمى بەدەننىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ، يەنى ئۇھاياتلىقنى تاشقى مۇھىت شارائىتى بىلەن بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ. ئىنسان ھاياتى تەبىئەتتىكى تۆت ئامىلنىڭ بىرلىشىدىن تەركىپ تېپىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭ دائىمى بىۋاستە تەسىرى ئىچىدە بولىدۇ، دەپ چۈشەندۈرىدۇ .

5.ئۇيغۇرتىبابىتىدە ئادەمنىڭ تەبئىي مىزاجى مەسىلىسى ۋە روھى دۇنياسىغا ۋە نېرۋا پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلىدۇ .

6.ئۇيغۇرتىبابىتىدە كېسەل داۋالاشتا ، كېسەل پەيدا قىلىشقا سەۋەپ بولغان ئامىلنى (ماددىنى)تونۇش ۋە ئۇنى بەدەندىن ھەيدەپ چىقىرىش ئارقىلىق كېسەلنى يىلتىزىدىن داۋالاش مەقسەت قىلىندۇ .

7.ئۇيغۇرتىبابىتىدە كېسەل تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇشتا قاراپ تەكشۈرۈش ، سوراپ تەكشۈرۈش، تومۇر كۆرۈش ،چىقىرىندىلارنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئەمەلى ئۇسۇللارغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.

8.ئۇيغۇرتىبابىتىدە ئاساسەن كېسەللىكنى ئوزۇقلۇق ماددىللىرى ۋە داۋالىق خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە بولغان ئورگانىك ئەشيالار، ئۆسۈملۈكلەردىن ئىشلەنگەن تەبئىي دورىلار بىلەن داۋالىنىدۇ .

9.ئۇيغۇرتىبابىتىدە كۆپىنچە ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەر، ئوكسېگىن ۋە كاربونغا باي بولغان گۈل-چىچەكلەر ۋە ھەرخىل مىۋىلەردىن سىقىپ چىقىرىلغان شىرنە-شەربەتلەر ۋە ئەرەقلەر قاينىتىلما(كاشكاپلار) كۆپ ئىشلىتىلىدۇ .

10.ئۇيغۇرتىبابىتىدە دورىلارنى مۇرەككەپ قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشتا ھەسەل ئاساسى ۋاستە قىلىپ قوللىنىدۇ.

11.ئۇيغۇر تىبابىتىدە يىمەك-ئىچمەك پەرھىزىگە ئاھىدە ئېتبار بېرىدۇ.

12.ئۇيغۇرتىبابىتىدە سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىمۇ مول تەجرىبە ۋە ماھارەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ، ھازىر ئۇيغۇر تىبابىتى شىپاخانىللىرىدا كۆپىنچە سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.

13.ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ خەلىق ئاممىسى ئىچىدىكى يەرلىك تەجىرىبىلەرنى يىغىش شارائىتى ياخشى .

14.ئۇيغۇرتىبابىتى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مىللى ۋە جىسمانى خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئۇلار ياشاپ كەلگەن جايلارنىڭ ھاۋا كېلىماتى ۋە تەبئىي شارائىتى بىلەن ئوبدان ھېسابلىشىدۇ.

15.ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىستىمال قىلىنىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى دورا ئەشيالىرى ئۆز تۇپرىقىمىزدىن چىقىدۇ.

چەمبىرەككە  چىقىرىپ  قويۇڭ 

Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章