ھەر كۈنى بىرتال ئالما يەپ بەرگەننىڭ مۇنداق 4چوڭ پايدىسى بىلۋىلىڭ

文摘   2024-12-02 19:43  

 

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

ئالما ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھۆسىن تۈزەپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي يەنە، ئورۇقلىتىدۇ؛

1. زەھەر تازىلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئالما تەركىبىدىكى ئورگانىك كىسلاتا ۋە سېللۇلۇزا ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىپ، تەرەتنىڭ چىقىرىپ تاشلىنىشىغا قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؛

2. ئورۇقلىتىدۇ. ئالما تەركىبىدىكى كۆپ مىقدارىدىكى ۋىتامىن ۋە ئالما كىسلاتاسى بەدەنگە يىغىلىپ قالغان ياغلارنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛

دائىم ئالما ئىستېمال قىلغاندا، سېمىزلىككە قارشى تۇرغىلى بولىدۇ؛

3. قان تولۇقلاپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ. دائىم ئالما ئىستېمال قىلغاندا، قان رەڭ ماددىسىنى ئاشۇرۇپ، تېرىنى يۇمران ھەم قىزىل قىلىدۇ؛

شۇڭا، قان ئازلىق كېسەللىكلىرى بىمارلىرى ئالما ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، بەلگىلىك يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ؛

ئالما ئارقىلىق قان ئازلىقنى داۋالىغاندا، ئالمىنى خام يېسىمۇ ياكى پىشۇرۇپ يېسىمۇ بولىۋېرىدۇ؛

4. قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ. ئالما تەركىبىدىكى كالتسىي ۋە ۋىتامىن E سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛

ئالمىنىڭ رەڭگىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۈنۈمىدە پەرقلەر بولىدۇ:

قىزىل ئالما: يۈرەككە پايدىلىق بولۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، سۈيدۈك سىستېمىسى ساغلاملىقىنى ساقلايدۇ؛

كۆك ئالما: جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، زەھەر تازىلاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، ئەسەببىيلىشىش كېسىلىگە قارشى تۇرىدۇ؛ شۇڭا، ياشلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا نىسبەتەن ماس كېلىدۇ؛

كۆك ئالما يەنە چىش ۋە سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چىش مىلىكى قاناشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛

سېرىق ئالما: كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ، دائىم كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغانلارغا ماس كېلىدۇ؛

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىممۇنېنت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ قىسمەن راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە؛

ئالما يېگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 3 نۇقتا :

1.ئالمىنىڭ ئۇرۇقىنى يېمەسلىك كېرەك. ئالما ئۇرۇقى تەركىبىدە ئاز مىقداردىكى زىيانلىق ماددا ___ گىدروسيانىد بار بولۇپ، گىدروسيانىد بەدەنگە كۆپ مىقداردا يىغىلىپ قالسا، باش قېيىش، باش ئاغرىش، نەپەسلىنىش سۈرئىتى تېزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا، ھوشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛

بىراق ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئالما تەركىبىدىكى گىدروسيانىد ئاساسلىقى ئالما ئۇرۇقىدا بار بولۇپ، ئالما ئېتىدە يوق؛

2.موم سۈرتۈلگەن ئالمىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. كۆپلىگەن ئالمىلارنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا، ئۆستۈرۈش دورىسى، چوڭايتىش دورىسى قاتارلىقلار زىيادە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، ياكى ساقلاش جەريانىدا چىرىشتىن ساقلىغۇچى دورىلار زىيادە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، ھەتتا سېتىش جەريانىدا رەڭلىگۈچ، موم سۈرتۈش، ئاقارتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپى قاندۇرۇلىدۇ؛

بىراق مەزكۇر زىيانلىق ماددىلار كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالىدىغان ئىجتىمائىي ئاپەتكە ئايلانماقتا؛

3.دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. ئالما تەركىبىدە تاننىن كىسلاتاسى بار بولۇپ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا، تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپلا قالماي يەنە، قورساق مۇجۇپ ئاغرىش، كۆڭلى ئىلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛

تەركىبىدە تاننىن كىسلاتاسى بار بولغان مېۋىلەردىن يەنە بۆلجۈرگەن، شوخلا، ئانار، لىمون، ئۈزۈم قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلارنىمۇ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ؛

 

Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章