ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
چىش ئاغرىقنى شۇ ھامان يوقىتىشنىڭ مۆجىزىلىك رىتسىپى
يۈرەك مەنبەلىك چىش ئاغرىقى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا چىشىڭىز ئاغرىغاندا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنىڭ بىرىنى تاللاپ تەكرار قوللانسىڭىز ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز:
ئۆرۈك مېغىزى: بىر دانە ئۆرۈك مېغىزىنى ئوتقا قاقلاپ،قىزىقىدا ئاغرىۋاتقان چىشقا بېسىپ چىشلەپ تۇرسا،چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
سامساق: ئاقلانغان بىر باش ئۇيۇل سامساقنى ئوتتا پىشۇرۇپ، قىزىقىدا ئوتتۇرىسىدىن يېرىپ، ئاغرىۋاتقان چىشقا بېسىپ چىشلەپ تۇرسا، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
توخۇ تۇخۇمى: بىر دانە توخۇ تۇخۇمىنى قاچىغا چېقىپ، ئۇنىڭغا يېرىم قوشۇق ئاق شېكەر، ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىر قېتىمدىلا ئىچىۋەتسە، بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
غولپىياز: تەڭ مىقداردا غولپىياز بىلەن سامساقنى ئېزىپ، ئۇنىڭغا تۇز ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاغرىۋاتقان چىشنىڭ كاۋىكىغا
سېلىپ، ئۈستىگە پاختا قاپلاپ قويسا، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
يېسىۋېلەك يىلتىزى:بىر تۈپ يېسىۋىلەك يىلتىزىنى ئېزىپ، چىققان شىرنىسىنى قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.