ﻗﺎﻥ-ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﯖﯩﺰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻤﯘ؟ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯔ!

文摘   2024-11-29 19:46   新疆  

ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﺷﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺗﻮﻳﯘﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻣﻮﻟﻼﺷﺘﻰ. 


ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﻡ ﺳﻪﺯﮔﯜﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.


 ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ.

ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭ ﺯﻩﺧﯩﻤﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ

1. ﺑﻮﻳﯘﻥ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪﺳﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺵ، ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﻣﯧﯖﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺵ

ﺑﻮﻳﯘﻥ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺯﻩﺧﯩﻤﻠﻪﻧﺴﻪ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﯧﯖﻪ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. 


ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﺎﺟﺴﯩﻤﺎﻥ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪ ﺯﻩﺧﯩﻤﻠﻪﻧﺴﻪ، ﺗﺎﺟﺴﯩﻤﺎﻥ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺧﻪﯞﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.


 ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻤﯘ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ.

2. ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭ ﭼﯜﺭﯛﻛﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﻠﯩﺸﯩﭗ، ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ.

ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭ ﺯﻩﺧﯩﻤﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﺩﯨﯟﺍﺭﻯ ﻧﯧﭙﯩﺰﻟﻪﭖ، ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭ ﭼﯜﺭﯛﻛﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﻛﯚﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻗﯧﺘﯩﺶ ﻗﺎﻥ ﻧﻮﻛﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﯞﻩ ﻣﯧﯖﯩﮕﻪ ﺗﻪﮪﺪﯨﺖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

3. ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭﻻﻳﺪﯗ

ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﺵ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﮪﺎﻟﯩﺘﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯗ.

ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺳﺎ، ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﺪﺍ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﺵ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ.

1. ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ

ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻯ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻣﺎﻳﺪﺍ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺳﯧﻤﯩﺰ ﮔﯚﺵ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻳﺎﻍ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺯ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻣﯧﻴﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﻣﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

2. ﺗﯜﻧﻪﺷﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﯚﭖ ﭼﯧﻨﯩﻘﯩﺶ

ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﺘﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ.


 ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﻪﺷﻴﺎ ﺗﻮﺷﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﯗﺑﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. 


ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻯ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﺎ، ﮪﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.


 ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺵ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻳﻨﻰ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﭗ، ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﺘﺎ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ.

3. ﺳﯘﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﯩﺶ

ﺳﯘﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﻣﯧﺘﺎﺑﻮﻟﯩﺰﻣﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻗﯘﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 3-2 ﻟﯧﺘﯩﺮ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 


ﺳﯘ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﭙﯩﺸﻘﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻥ ﺗﺎﺯﯨﻼﻧﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ. ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﺳﯘﻏﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﺴﺎﻕ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﯧﻘﯩﯔ.


ﻗﯧﺮﯨﻘﯩﺰ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ (牛蒡根): ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﭗ، ﮪﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ.


ﺋﯘﭼﻘﺎﺕ (金银花): ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺪﯗ.


ﭘﻮﻧﯘﺱ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ (决明子): ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﭖ، ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻳﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯗ.


ﺟﯘﺧﺎﺭ ﮔﯜﻝ (菊花): ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻨﻰ ﮪﻪﻳﺪﻩﻳﺪﯗ، ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﺳﺎﻟﻘﯩﻨﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺪﯗ.


ﺋﺎﻟﻘﺎﺕ: ﺑﺎﮪﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﯧﺘﯩﺸﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﺶ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ.


ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﮪﯩﻢ، ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﻗﻼ، ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.


جىنسىيەت ساۋاتلىرىغا ئىلمى مۇئامىلە قىلىڭ ، ياخشى ئۈگىنىڭ  ، شۇنداقلا تويدىن بۇرۇن بىرگە بولۇشتىن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىڭ ، چۈنكى نۇرغۇن يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر تويدىن بۇرۇنقى جىنىسى مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ ، ھىچكىم بىر گە بولۇش ئالدىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ، ئەيدىز ، سىفلىس ، جىگەر كىسىلى ۋە باشقا يۇقۇملۇق كىسەل بارمۇ يوق  تەكشۈرتەيلى دىمەيدۇ ، شۇڭا بارلىق ياشلارنىڭ سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز . 

Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章