قارىماققا پاكىزە، ئەمما ساغلاملىقىڭىزغا تەسىرى بار 7 خىل ئادەت

文摘   2024-12-04 20:42   新疆  



كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى بەزى ئادەتلەر قارىماققا نورمالدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە سالامەتلىككە زىيانلىق، تۆۋەندىكى ئادەتلەر سىزدە بولسا ئۆزگەرتىۋېلىڭ.   

يۇمشاق قەغەز ئارقىلىق يېمەكلىك ئوراش

  

نۇرغۇن زاۋۇتلار قەغەز ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا قەغەزنى ئاقارتىش ئۈچۈن فلۇئورېسسېنتلىق ئاقارتقۇچ قوشىدۇ. فلۇئورېسسېنتلىق ئاقارتقۇچ خىمىيەلىك زەھەرلىك ماددا بولۇپ، يېمەكلىكلەرنى يۇمشاق قەغەز بىلەن ئورىغاندا، يېمەكلىكلەر بىلەن بولۇپمۇ مايلىق يېمەكلىكلەر قەغەزدىكى بۇ ماددا بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن تېمپېراتۇرا قانچە يۇقىرى بولغانسېرى بۇ زەھەرلىك ماددا يېمەكلىككە شۇنچە ئاسان يۆتكىلىدۇ، زەھەرلىك ماددا يېمەكلىك بىلەن تەڭ ئادەم بەدىنىگە كىرگەندە، ئاسان پارچىلانمايدۇ، بۇ خىل زەھەرلىك ماددا ئۇزۇن مەزگىل ئادەم بەدىنىگە كىرگەندە جىگەرگە توپلىشىپ، ھەتتا راك كېسىلىنى پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن. 

لۆڭگە ئارقىلىق قاچا-قۇچا ۋە مېۋىلەرنى سۈرتۈش 

ئېلىمىز شەھەرلىرىدىكى تۇرۇبا سۈيى دېزىنفېكسىيەلەنگەن، شۇڭا تۇرۇبا سۈيىدە يۇيۇلغان قاچا-قۇچا ۋە مېۋىلەر ئاساسىي جەھەتتىن پاكىز، ئەكسىچە لۆڭگىدە كۆپ مىقداردا باكتېرىيەلەر بولغاچقا، لۆڭگە بىلەن سۈرتكەندە، ئىككىلەمچى بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

 

ئەتىگەندە ئورۇندىن تۇرۇپلا دەرھال ئورۇن يىغىش

ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغاندا ئالدى بىلەن يوتقاننى تەتۈر ئۆرۈپ 10 مىنۇت شامالداتقاندىن كېيىن ئاندىن يىغقان ياخشى، ئەڭ ياخشىسى ھەپتىدە بىر قېتىم يوتقان كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سېلىش كېرەك.  ئادەم ئۇخلىغان ۋاقتىدا كۆپ مىقداردا تەر ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئورنىمىزدىن تۇرۇپلا يوتقان كۆرپىلەرنى يىغىۋەتسەك، تەر سۇيۇقلۇقى يوتقاندا تۇرۇپ قېلىپ، كېسەل پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، غەلىتە پۇراقلار كۆپىيىپ، ئۇخلاش سۈپىتىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.


مېۋىنىڭ سېسىغان يېرىنى ئېلىۋېتىپ ئىستېمال قىلىش 

بەزىلەر مېۋىلەرنىڭ سېسىغان يېرىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ساق يېرىنى ئىستېمال قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سېسىغان يېرىنى ئېلىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، قالغان ساق قىسمىغا باكتېرىيەلەرنىڭ زىيانلىق مېتابولىتلىرى كىرىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا مىكرو ئورگانىزملار كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، راك پەيدا قىلغۇچى كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ. 


ھاراق بىلەن قاچا-قۇچا، چوكىلارنى دېزىنفېكسىيەلەش  

ئەمەلىيەتتە تېببىي ساھەدە ئىشلىتىدىغان ئىسپىرتنىڭ گىرادۇسى %75، ئاق ھاراقتىكى ئىسپىرتنىڭ مىقدارى %56 كە تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولىدۇ، شۇڭا دېزىنفېكسىيەلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.  


يېمەكلىكنى سېتكا ئىچىگە قويۇش 

يېمەكلىكنى ئەڭ ياخشىسى يېڭى پېتى ساقلاش پەردىسى بىلەن ئوراپ توڭلاتقۇغا سېلىش كېرەك. سېتكا گەرچە يېمەكلىكلەرنى چىۋىن قاتارلىق ھاشاراتلاردىن توسسىمۇ، لېكىن سېتكىنىڭ سىرتىدا توسۇۋېلىنغان قۇرۇتلارنىڭ تۇخۇمى سېتكىنىڭ تۆشۈكلىرىدىن يېمەكلىككە چۈشۈپ كېتىپ، يېمەكلىك بۇلغىنىشى مۇمكىن.


ئوخشاش بىر خىلدىكى دورىلىق چىش پاستىسىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىش 

دورىلىق چىش پاستىسى قىسمەن باكتېرىيەلەرنى چەكلىيەلىسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەر بۇ خىل دورىلىق چىش پاستىسىغا كۆنۈپ، دورىغا قارىتا چىدامچانلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا چىش پاستىسىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

بۇ يەرنى بېسىڭ

Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章