قارا كۈنجۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە ياغ كىسلاتاسى چاچنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتى بولۇپ، چاچنى ئاسراپ، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئاق چاچنى ياخشىلايدۇ.
ئەگەر بەدەندە بۇ تۆت خىل ئوزۇقلۇق كەمچىل بولسا چاچ ئاقىرىپ كېتىدۇ
ئادەتتە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرىمىز، بولۇپمۇ ياش چوڭىيىپ قېرىشقا يۈزلەنگەندىن كېيىن، بەدەندە تۈك خالتىسىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ھاسىل بولغان قارا پىگمېنت ئازىيىدۇ، شۇڭا چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىش ئەھۋالى بىرقەدەر ئاسان كۆرۈلىدۇ. ئەمما چاچنىڭ ئاقىرىشى قېرىلىق بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماي، ئادەم بەدىنىدە مەلۇم ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.
چاچ ئاقارغاندا، بەدەندە مەلۇم ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتى كەمچىل بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك، ئەگەر ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتى كەمچىل بولسا، مۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ياخشىلاش كېرەك. ئۇنداقتا بەدەندە قانداق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتى كەمچىل بولسا چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
1. ئاقسىل
ئادەتتە تۇرمۇشتا يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر بەدەندە ئاقسىل كەمچىل بولسا، بەدەندە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئاق چاچ كۆپ پەيدا بولىدۇ. چۈنكى، ئادەمنىڭ چېچىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى مۈڭگۈز ئاقسىلى، كوللاگېن ئاقسىلى ۋە قىل ئاقسىلى.
مۈڭگۈز ئاقسىلى چاچ قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسىي تەركىب، ئەگەر بەدەندە ئاقسىل كەمچىل بولسا، چاچ زەخىملىنىپ، نورمال ئۆسۈشنى ساقلاپ قالالمىسا، چاچ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا، مۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ئاقسىلغا ئېرىشىش كېرەك، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل كۆپرەك بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.
2. B تۈردىكى ۋىتامىن
ئادەتتە بەدەندە B تۈردىكى ۋىتامىنلار كەمچىل بولسا چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، B تۈردىكى ۋىتامىنلار قارا پىگمېنتلارنى سىنتېزلايدىغان مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ياردەم بېرىدۇ، B تۈردىكى ۋىتامىنلار كەمچىل بولسا، قارا پىگمېنت ئازىيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
B تۈردىكى ۋىتامىنلار بەدەندىكى توقۇلمىلارنىڭ ئوكسىگېندىن پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، چاچ توقۇلمىلىرىنىڭ ئوكسىگېنغا ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاچ توقۇلمىلىرى ئېھتىياجلىق ئوكسىگېن بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەپ، چاچ ساغلاملىقىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئوزۇقلۇق ماددا كەمچىل بولسا، چاچنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، ئورۇق گۆش قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق يەپ B تۈردىكى ۋىتامىنلارغا ئېرىشىپ، چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
3. يود ئېلېمېنتى
چاچنىڭ ساغلام بولۇش-بولماسلىقى شەخسىي يېمەك-ئىچمەك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر بەدەندە يود ئېلېمېنتى كەمچىل بولسا، چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. چۈنكى يود ئېلېمېنتى ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان مىكرو ئېلېمېنت بولۇپ، قالقانسىمان بەزنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلىغاندىن سىرت، يەنە چاچنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
ئەگەر بەدەندە يود ئېلېمېنتى كەمچىل بولسا، تۈك خالتىسىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، بەدەندە ھاسىل بولغان قارا پىگمېنت مىقدارى ئازىيىپ، چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا چاچنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاچنىڭ قاپقارا، پارقىراق ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈن لامىنارىيە، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق يەپ يود ئېلېمېنتى تولۇقلاپ، چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
4. تۆمۈر ئېلېمېنتى
چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشى بەدەندە تۆمۈر ئېلېمېنتىنىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. تۆمۈر ئېلېمېنتى قان قىزىل ئاقسىلىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت تۆمۈر ئېلېمېنتى كەمچىل بولسا، ئاسانلا قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قان ئازلىق ئېغىر بولغان ئەھۋالدا، ئادەتتە ئادەمنىڭ چېچىغا تەسىر كۆرسىتىپ، چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، چاچ ئاسانلا ئاقىرىپ كېتىدۇ.
شۇڭا، ئادەتتە مۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق يېتەرلىك تۆمۈر ئېلېمېنتىنى تولۇقلىغاندىلا، چاچنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، كۆپ ئۇچرايدىغان پالەك، كالا گۆشى تەركىبىدە تۆمۈر ئېلېمېنتى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.