ﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺭﺍﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ, ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ, ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ؟
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻳﺪﯗ, ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﯧﺴﻪ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ.
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺋﯜﺯﯛﻡ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﻤﻮﻧﯩﻲ ﻛﯧﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺖ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺗﺎﯞﯗﺯ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﻰ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ, ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﻣﯚﺗﯩﺪﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ, ﻳﯚﺗﯩﻠﯩﺶ, ﺑﻪﻟﻐﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﺵ, ﻗﺎﻥ ﺗﯜﻛﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻏﺎ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﻧﺎﺭ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻮﻟﯩﻔﯩﻨﻮﻟﻨﯩﯔ ﮬﯚﺳﻦ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ, ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ, ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ, ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ.
ﻣﺎﻳﻤﯘﻥ ﺷﺎﭘﺘﯘﻟﻰ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻳﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻣﯧﯟﻩ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻼ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﯜﻧﯜﻣﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ, ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯧﯟﻩ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﺍ-ﺳﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻳﻪﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﮬﯧﭽﻘﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ, ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﯧﯟﻩ ﻳﻪﭖ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ, ﺑﯚﻟﺠﯜﺭﮔﻪﻥ, ﺷﻮﺧﻼ ﯞﻩ ﮬﺎﻳﻤﺎﻧﺘﯘﺱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺋﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﻳﯧﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﭖ ﻳﯧﺴﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯧﻴﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﻟﻤﺎ, ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺋﯜﺭﯛﻙ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ, ﻧﻪﺷﭙﯜﺕ, ﺋﺎﻟﯘﭼﺎ ﯞﻩ ﮔﻼﺱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ, ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺋﯜﺭﯛﻙ ﻣﯧﻐﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺯﻩﮬﯩﺮﻯ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻣﯧﯟﻩ ﻳﯧﺴﻪ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺶ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﯘﻟﯘﭖ, ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﻪﯞﯨﺘﯩﺪﯗ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯘﺭﯗﻗﻼﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﺯﯨﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯜﭺ ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻣﯧﯟﻩ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯧﯟﻩ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﻧﯩﻴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻣﯧﯟﻩ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.