بۇ تېمىنى كۆرۈپ سۆيۈشۈپ باقمىغان بويتاقلار ھەقىچان: «ئېغىز بوشلۇقىدا شۇنچە كۆپ باكتېرىيە تۇرسا، سۆيۈشكەندە شۆلگەي بىر-بىرى بىلەن ئالمىشىپ، ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېلىشمامدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. سىز سۆيۈشۈشنى پەقەت ئېغىزنى ئېچىپ بىر-بىرىنىڭ شۆلگىيىنى ئالماشتۇرۇش دەپلا ئويلامسىز؟ ئۇنداقتا سىز بەك ئاددىي ئويلاپسىز.
ياخشى كۆرۈشكەن ئىككى ئادەم سۆيۈشكەندە، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى شېرىن ھېس تۇيغۇلار بۇ «شۆلگەي» دېگەن سۆزىنى كاللىسىدىن پۈتۈنلەي ئۇنتۇلدۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئادەمگە مۇھەببەتنىڭ شېرىن تەمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ.
1. سۆيۈشكەندە ھەر خىل خۇشاللىق ھورمۇنلىرى بەدەنگە تارقىلىدۇ. ئىككى تەرەپ سۆيۈشكەندە، ئىككى تەرەپ كۆپ مىقداردا دوپامىن (多巴胺) ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈپ، ئۆزىنى ئازادە تۇتۇپ، جىددىيلىشىش كەيپىياتى پەسيىدۇ.
2. سۆيۈشكەندە ئادەم بەدىنىدە ئادرېنالىن (肾上腺素) شىددەت بىلەن كۆپىيىدۇ. سۆيۈشكەندە، ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىدۇ، بەدىنى قىزىيدۇ، قان تومۇرلىرى كېڭىيىدۇ، نەپەسلىنىشى تېزلىشىدۇ، مەڭزى قىزىرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادرېنالىن ئاجرالمىلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ قېنىڭىز ئادەتتىكى كۈنلەردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تېز ئاقىدۇ، پۈتۈن ئادەمدە بىر خىل غەلىتە ھاياجانلىنىش تۇيغۇسى بولىدۇ.
3. سۆيۈشكەندە بېسىم ۋە تەشۋىش يېنىكلەيدۇ. سۆيۈشۈش بىر خىل سەزگۈ ئەزالارنىڭ جىمجىت ھېس قىلىش شەكلى. ياخشى كۆرۈشكەن ئىككى ئادەم سۆيۈشكەندە، چوڭ مېڭىدىكى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە سىزنىڭ كورتىزول (皮质醇) سەۋىيەرىڭىزنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، يەنى «بېسىم ھورمۇنى»نى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ سىزنىڭ مۇھەببەت ئۈچۈن «ئەقلىڭىزنى يوقىتىپ»، نېرۋىلاردىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىدۇ.
4. سۆيۈشكەندە كالورىيە ئىسسىقلىقنى كۆپ سەرپ قىلىدۇ. سۆيۈشكەن چاغدىكى چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ئۆپكە سىغىمچانلىقىنى چېنىقتۇرۇپ، ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەشنى ياخشىلايدۇ. بىراق ئېغىر دەرىجىدىكى يېمەكلىك رېئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەر سۆيۈشكەندە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك ئىكەن. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ھەمراھى يېقىندا ئۆزىگە رېئاكسىيە قىلىدىغان مەلۇم تەركىبنى ئىستېمال قىلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىلەن سۆيۈشكەنلەر ئىچىدە %12 ئادەمدە زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى يۈز بېرىدىكەن. ئېغىر دەرىجىدىكى جانغا زامىن بولىدىغان يەر ياڭىقى رېئاكسىيە قىلىدىغان ياكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى رېئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل سۆيۈشۈشنىڭ ئاقىۋىتى ئېچىنىشلىق بولۇشى، ھەتتا ئەجەللىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
سۆيۈشۈشنىڭ پايدىسى ئاز بولمىسىمۇ، لېكىن خەتىرى بار. زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسىدىن باشقا، ئەگەر ھەمراھ تەرەپتە يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولسا، شۆلگەي ئارقىلىق قارشى تەرەپكە تارقىلىشى مۇمكىن.