ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﮪﻪﺳﻪﻝ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ؟

文摘   2024-11-28 19:25   新疆  

 

ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ، ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ:

ﮪﻪﺳﻪﻝ ﺳﯜﻳﻨﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯩﭽﺴﻪ، ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﻟﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﮪﻪﺳﻪﻝ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﭖ ﺗﻪﺭﻩﺗﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ.

ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ «ﺳﯘ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ» ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﯞﺍﻗﺘﺘﺎ ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﮪﻪﺳﻪﻝ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﮪﻪﻡ ﺳﯘ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﮪﻪﻡ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﮪﻪﻡ ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﭖ ﺗﻪﺭﻩﺗﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ.

ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮪﻪﺳﻪﻝ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﭼﺎﺭﭼﺎﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﺎﭺ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﮪﻪﺳﻪﻝ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯩﭽﺴﻪ، ﻗﻪﻧﺖ ﯞﻩ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ، ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﻪﮔﻪﻛﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﺧﻼﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ ﮪﻪﺳﻪﻝ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺗﯩﻨﭽﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻳﻘﯘ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮪﻪﺳﻪﻟﻨﯩﯔ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺋﯘﻳﻘﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ.

ﮪﻪﺳﻪﻝ ﺳﯜﻳﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯜﭺ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ:

1. ﮪﻪﺳﻪﻟﻨﻰ ﺩﻩﻣﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺗﯧﻤﭙﯧﺮﺍﺗﯘﺭﺍﺳﻰ 40~60 ﺳﯧﻠﺴﯩﻴﻪ ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺳﻠﯘﻕ ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﺳﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ.

2. ﮪﻪﺳﻪﻟﻨﯩﯔ ﻗﻪﻧﺖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﻗﺎﻥ ﺷﯧﻜﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﯨﻴﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﮪﻪﺳﻪﻝ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ؛

3. ﮪﻪﺳﻪﻝ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﻳﺪﯗ، ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ (ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ) ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﮪﻪﺳﻪﻝ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺪﯗ.


Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章