يۇمغاقسۈت يىلتىزنىڭ ئاجايىپ رولى، سەل قارىماڭ

文摘   2024-11-27 19:34   新疆  


 يۇمغاقسۈتنىڭ يىلتىزىغا سەل قارىماڭ

يۇمغاقسۈت تۇرمۇشتا كەڭ قوللىنىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بازىرى ئىتتىك كۆكتاتلار تىزىملىكىدە يۇمغاقسۈتنىڭ ئورنى ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ تەمى ئالاھىدە بولغاچقا، ئادەتتە قورۇما قورۇش، شورپا قاينىتىش، قىيما تەييارلاشلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، يۇمغاقسۈت يەنە مەلۇم دەرىجىدە سۇدىكى ئېغىر مېتاللار، مەسىلەن، سىماب، قوغۇشۇن قاتارلىقلارنى چىقىرىش رولى بار ئىكەن. ئوخشاش تەجرىبە تەتقىقاتچىلىرى يۇمغاقسۈتنى تەركىبىدە كالىي مانگانىد بولغان سۇغا سېلىپ، ئىككى مىنۇتتىن كېيىن، يۇمغاقسۈتنىڭ راستىنلا ئېغىر مېتاللارنى سۈمۈرۈش رولى بارلىقىنىغا بايقىغان.

ھازىرقى زامان ئوزۇقشۇناسلىقىدا بايقىلىشىچە، دائىم يۇمغاقسۈتنىڭ يىلتىزىنى سۇغا چىلاپ ئىچىپ بەرگەندە تۆۋەندىكىدەك پايدىسى بار ئىكەن

1. ئىشتىھانى ئېچىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

«دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دا خاتىرىلىنىشىچە، يۇمغاقسۈت يىلتىزىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئىشتىھاسى ياخشى بولمىغان كىشىلەر ئىستىمال قىلغاندا، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈشنى كۈچەيتىش رولى بار ئىكەن.

2. زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، نەپەس يولىنى قوغدايدۇ.

يۇمغاقسۈت رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى(鼻窦炎)، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

3. كۆزنى ئاسراپ، كالتسىي تولۇقلايدۇ.

كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن، يۇمغاقسۈت تەركىبىدىكى مول كاروتىن بەدەندە ۋىتامىن Aغا ئايلىنىپ، تېرە ئاسراش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.


Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章