ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻼﺭ

文摘   2024-12-02 19:43  

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻼﺭ
ﺑﻪﻝ ﭼﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺵ:
ﻳﺎﯕﻴﯘﻧﻰ ﺋﺎﻗﻼﭖ، ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮﻧﻰ، ﻛﯩﭽﯩﻜﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯜﭼﻨﻰ ﺧﺎﻡ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺑﻪﻝ ﭼﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﺴﻪ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻳﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻼ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.
ﭼﯩﺶ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ:
ﺗﯧﺘﯩﺘﻘﯘﺩﯨﻦ ﭼﻮﻛﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻥ ﭼﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯗ.
ﺟﺎﺭﺍﮪﻪﺕ:
ﮪﯚﻝ ﺯﻩﻧﺠﯩﯟﯨﻠﻨﻰ ﻳﺎﻧﺠﯩﭗ ﻗﺎﻧﯩﻐﺎﻥ ﺟﺎﺭﺍﮪﻪﺕ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯗ.
ﻗﺎﺩﺍﻕ:
ﭘﯘﺗﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯘﯕﭙﯩﻴﺎﺯ ﻏﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﻩﺕ ﭘﻮﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﺩﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﺮ ﭼﺎﭘﻼﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻗﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺩﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻳﯘﻣﺸﺎﭖ، ﻗﺎﺩﺍﻕ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﭘﯘﺕ ﺗﻪﻣﺮﻩﺗﻜﯩﺴﻰ:
ﻳﯩﻼﻥ ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺳﯚﯕﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﮔﺮﺍﻣﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﭖ ﻳﺎﻧﺠﯩﭗ ﺗﺎﻟﻘﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯜﻧﺠﯜﺕ ﻳﯧﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﺮﻩﺗﻜﻪ ﺑﺎﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺋﯜﭺ ﺗﯚﺕ ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻼ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.
ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ:
50 ﮔﯩﺮﺍﻡ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺴﯘﻏﺎ 50 ﮔﯩﺮﺍﻡ ﻗﺎﺭﺍ ﺷﯧﻜﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﺍ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺳﻮﯞﯗﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻳﯩﻨﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ، ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺋﺎﻧﺎﺭ ﺷﯚﭘﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻨﻪ ﺳﯘﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﭼﯩﻨﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ 50 ﮔﯩﺮﺍﻡ ﻗﺎﺭﺍ ﺷﯧﻜﻪﺭ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺳﻮﯞﯗﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﺴﺎ:
ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺋﺎﻟﻤﯩﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﯘﻳﯘﭖ، ﺷﯚﭘﯜﻛﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺗﻮﻏﺮﺍﭖ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﺋﺎﺯ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﯘﭖ 20ﻣﯩﻨﯘﺕ ﻗﺎﻳﻨﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﭖ ﻳﯧﺴﻪ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯩﻴﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﻳﯘﺗﻘﯘﻧﭽﺎﻕ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ:
ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﭘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﻣﺎﻱ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﺍ(风油精)ﺩﯨﻦ ﺑﯘﺗﯘﻟﻜﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭺ ﺋﯘﺧﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻛﺎﻧﺎﻳﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺗﯧﻤﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ:
ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻛﯚﻣﻤﯩﻘﻮﻧﺎﻕ ﭘﯚﭘﯜﻛﯩﺪﯨﻦ 50 ﮔﯩﺮﺍﻡ، ﻳﺎﺯ ﻏﺎﺯﯨﯖﯩﺪﯨﻦ 50 ﮔﯩﺮﺍﻡ ﺳﯘﺩﺍ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ، ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﺩﺍ ﺋﯜﭺ ﮪﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﮪﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻍ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ:
ﻗﺎﺭﺍ ﭘﯘﺭﭼﺎﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻣﻨﻰ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﭘﯘﺷﯘﺭﯗﭖ (ﺗﯘﺯ ﺳﺎﻟﻤﺎﻱ) ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ 50-10ﮔﯩﺮﺍﻡ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻍ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﮪﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
ﮔﯧﻤﻮﺭﻭﻱ:
ﻧﺎﺭﮔﯜﻝ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﺪﯨﻦ 15 ﮔﯩﺮﺍﻡ، ﻳﺎﯞﺍ ﺳﯜﭘﯜﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﺪﯨﻦ 15 ﮔﯩﺮﺍﻣﻐﺎ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﯩﻴﺎﮪﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﺎﻧﺎﻧﻨﻰ ﮪﻪﺳﻪﻟﮕﻪ ﻣﯩﻠﻪﭖ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﺑﻪﺭﺳﯩﻤﯘ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﺎﻧﺎﺵ:
ﺳﻮﻝ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﺎﻧﯩﺴﺎ ﺋﻮﯓ ﻗﯘﻻﻗﻘﺎ، ﺋﻮﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﺎﻧﯩﺴﺎ ﺳﻮﻝ ﻗﯘﻻﻗﻘﺎ ﭘﯜﯞﻟﯩﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺳﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﺕ ﻛﯚﻳﯜﻛﻰ:
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﺍﮪﻪﺕ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻐﺎ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
ﻳﯧﯖﻰ ﺳﺎﺯﺍﯕﺪﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﺎﻟﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﯘﻳﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ 20 ﮔﯩﺮﺍﻡ ﺋﺎﻕ ﺷﯧﻜﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻗﺎﭼﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﮪﯩﻢ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺳﯘﻳﯘﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺟﺎﺭﺍﮪﻪﺕ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﺳﯜﺭﺗﺴﯩﻤﯘ ﺗﯧﺰ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﺪﯗ.
ﻗﯘﻻﻕ ﺋﯧﻘﯩﺶ:
ﻗﯘﺷﻘﺎﭺ ﻗﯧﻨﯩﻨﻰ ﻗﯘﻻﻗﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯧﻤﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﻳﯩﺮﯨﯔ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯗ.
ﺧﻮﺭﻩﻙ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ:
ﻛﺎﯞﺍﯞﯨﭽﯩﻨﺪﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﺎﻟﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﺧﻼﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﮪﻪﭘﺘﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺳﺎ ﺧﻮﺭﻩﻙ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ:
ﻏﺎﺯ ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻟﻐﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﺎﻕ ﺷﯧﻜﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯘﺩﺍ ﺑﻪﺵ ﻛﯜﻥ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﭺ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯚﭖ ﻗﺎﻧﺎﺵ:
ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻏﻼﻡ ﻳﯩﯖﻰ ﭘﯩﺪﯨﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺷﯩﺮﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯜﺯ ﮔﯩﺮﺍﻡ ﺋﺎﻕ ﺷﯧﻜﻪﺭ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻼ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﯚﭖ ﭼﯜﺵ ﻛﯚﺭﯛﺵ:
ﺧﺎﺳﯩﯔ ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﻮﺳﺘﻰ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ، ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 50 ﮔﯩﺮﺍﻣﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ، ﮪﻪﺳﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ:
ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻛﻨﻰ ﺋﻮﺗﻘﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﯩﺰﯨﺘﯩﭗ، ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺴﯘﻧﻰ ﻛﯧﺴﻪﻙ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮪﻮﺭﻧﻰ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﭘﯘﺭﺍﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻳﯩﻐﻼﺵ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ:
ﭼﺎﻳﻨﻰ ﭼﺎﻳﻨﺎﭖ، ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭺ ﺋﯘﺧﻼﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻨﺪﯨﻜﯩﮕﻪ ﺗﯧﯖﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ، ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ، ﺋﯘﻥ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺳﯜﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ:
ﺳﯘﯕﭙﯩﻴﺎﺯﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻟﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﺎ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﯞﻩﺗﺴﻪ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﺋﻪﻣﭽﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﭘﯜﺗﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ:
ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺗﻮﺧﯘ ﺗﯘﺧﯘﻣﯩﻨﻰ ﭼﯩﻨﯩﮕﻪ ﭼﯧﻘﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺴﯘ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯘﺩﺍ ﺋﯜﭺ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﮪﯩﺰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺳﻪﭘﻜﯜﻥ:
ﺋﯚﺭﯛﻙ ﻣﯧﻐﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﺴﻘﺎﻟﻨﻰ ﺳﻮﻗﯘﭖ، ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺋﯧﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﺧﻼﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﻪﭘﻜﯜﻥ ﺑﺎﺭ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳﯜﺭﻛﻪﭖ، ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﯞﻩﺗﺴﻪ ﮪﻪﻡ ﺑﯘﻧﻰ 10-15 ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺳﺎ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.
ﻳﯜﺯﺩﯨﻜﻰ ﺩﺍﻏﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ:
ﻳﯧﯖﻰ ﭘﻪﻣﯩﺪﯗﺭ ﺷﯩﺮﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﺳﻪﻟﻨﻰ ﺑﻪﺷﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﺴﺒﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺩﺍﻍ ﺑﺎﺭ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳﯜﺭﻛﻪﭖ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯘﻳﯩﯟﻩﺗﺴﻪ، ﺑﯘﻧﻰ 10-15 ﻛﯜﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺳﺎ ﻗﺎﺭﺍ ﺩﺍﻍ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻳﯜﺯ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺋﺎﻗﯩﺮﯨﺪﯗ.
ﺩﺍﻧﯩﺨﻮﺭﻩﻙ:
ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯﻧﻰ ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﺳﯘﺩﺍ ﻳﯘﻳﯘﭖ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﺭﺧﻪﻣﻪﻙ ﺷﯩﺮﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻕ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺴﯘﻧﻰ ﺗﻪﯓ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺩﺍﻧﯩﺨﻮﺭﻩﻙ ﺑﺎﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺳﯜﺭﯛﭖ 10 ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﺳﯘﺩﺍ ﻳﯘﻳﯩﯟﻩﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﻰ 15 ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺳﺎ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.


Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章