ۋىتامىن Eنى كىرپىككە سۈرۈپ بەرگەندە كۆرۈلدىغان ئاجايىپ ئۈنۈم

文摘   2024-12-03 21:45   新疆  

 


قويۇق ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن  كىرپىك كۆزنى تېخىمۇ چوڭ ، تېخىمۇ چىرايلىق قىلىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈزەل قىزلارنىڭ سالاپىتىنى ، كىشىنىڭ مېھرىبانلىقىنى قوزغاپ،ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.

لېكىن كىرپىك مەلھىمى ماھىيەتتىن كىرپىكنى ئانچە بەك ئۇزۇن قىلمايدۇ، 

ئۇزاققىچە ئىشلەتسە كىرپىك چۈشۈش، ئاسانلا ئۈزۈلۈپ كىتىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 

تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئۇسۇل ، ئۆلچەم بويىچە قىلىپ بەرسىڭىزلا، جەزمەن  كۆزى كىرپىكلىرىڭىز زىيانغا ئۇچرىمايدۇ ،ھەمدە سىزنىڭ كىرپىكىڭىزنى ھەم ئۇزۇن ھەم قويۇق قىلىدۇ . 

1. ۋىتامىن E سۈركەش

ئاۋۋال بىرتال كىرپىك چوتكىسى سىتۋىلىڭ، ياكى بۇرۇن ئىشلەتكەن كونا كىرپىك چوتكىسىنى، گىرىم تازىلاش مېيى ياكى سوپۇن بىلەن پاكىز يۇيۇڭ .

ئاندىن ۋىتامىن E نى كىرپىك چوتكىسىغا چىقىرىپ، سۇيۇق ھالەتتىكى ۋىتامىن E نى ئاستا كىرپىكنىڭ يىلتىزىدىن باشلاپ يۇقىرىغا سۈركەيمىز . 

ياكى ۋىتامىن E يۇمشاق كاپسۇلىنى سۇدا ئىرىتىپ، زەيتۇن يېغىغا ئارلاشتۇرۇپ، ئاندىن چوتكا ئارقىلىق كىرپىككە سۈركىسە، كىرپىكنىڭ يىلتىزىنى ئاسراپ، ئاندىن ئۇنىڭ تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈشىگە پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بەرگىلى بولىدۇ. 

ۋىتامىن E تۈكنىڭ ئۆسىشىگە پايدىلىق، ھەمدە چاچقا ئىشلەتسىمۇ چاچنى ناھايتى ئەۋرىشىم ھەم سىلىق قىلىدۇ ، پەقەت 10 كۈن ئەتراپىدا ئىشلەتسىڭىزلا سىز ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز .

2. سىلىق لەۋ سۇرۇخ سۈرۈش

ئەگەر سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە ۋىتامىن E يوق بولسا، ئۇنداقتا ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بولسا لەۋ سىلىقلاش مەلھىمىنى  كىرپىككە يالىتىش. ئۇخلاشتىن بۇرۇن، لەۋ چوتكىسى بىلەن كىرپىكنىڭ يىلتىز ئۇچىغا ۋە كىرپىككە، بىۋاسىتە لەۋ سىلىقلاش مەلھىمىنى سۈركىسە بولىدۇ  .

 لەۋ سىلىقلاش مەلھىمى كىرپىكىڭىزنى تىخىمۇ قويۇق قىلىدۇ، ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە كىرپىك تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ .

3. زەيتۇن مېيى سۈرۈش

زەيتۇن يېغىنىڭ چاچنى قاۋۇل ، سىلىق، پاقىراق قىلىش رولى بار، ئۇنى يەنە كىرپىككە سۈركىگەندە ئوخشاشلا كىرپىكنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە تۈرىتكە بولىدۇ . 

لېكىن زەيتۇن مېيىنى سۈركەش  ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. 

چۈنكى زەيتۇن يىغىنى چاچقا بىۋاستە سۈركىگەندە، تۈك خالتىسىنى توسىۋىلىپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ھەتتا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا زەيتۇن مېيىنى چاچ گەۋدىسىگە بىۋاسىتە سۈركەشكە  بولمايدۇ . 

زەيتۇن مېيى كىرپىكنىڭ ئۆسۈشىگىمۇ ياردەم بىرىدۇ، پەقەت زەيتۇن مېيىنى سۈركىگەندە ئۇنى بىۋاستە كىرپىكنىڭ يىلتىزىغا سۈركىمەي، كىرپىككە چوتكا ئارقىلىق سۈركىسە بولىدۇ .

4. كىرپىك ئۆستۈرۈش ماھارىتى :

ئەگەر سىز كىرپىك لاكى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ھەرگىزمۇ كەچتە گىرىمىڭىزنى تازىلاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، كىرپىك لاكى كىرپىكتە بىر كېچە قونۇپ قالسا بولمايدۇ، بولمىسا كىرپىك ئىنتايىن ئاجىزلاپ،ئوڭايلا ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ .

گىرىم تازىلىغاندا كىرپىكنى چوقۇم پاكىز تازلاش كىرەك . 

بولمىسا كىرپىكنىڭ ئۈزۈلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . لېكىن كىرپىك لاكىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەن  ئاسانلا كىرپىكنىڭ يۆنىلىشىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ .  

كىرپىك لاكى كىرپىكنىڭ ئۆسۈش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ئەگەر سىز ئۇنى تېخىمۇ كۆتۈرۈپ، يۇقىرىغا كۆپرەك قارىتىپ سۈركىسىڭىز بولىدۇ . 

ئەگەر ئۇنى ھەركۈنى ئىشلەتمىسە كىرپىك ئاجىزلاپ، سۇ كەمچىل بولۇپ قىلىشى مۇمكىن . 

 شۇڭا بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كىرپىككە مىكرو ئېلمېنتلارنى تولۇقلاش كىرەك . 

ئەگەر سىزنىڭ بەدىنىڭىزگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ، تۈك ئۆسۈشى ئاستا بولۇش ، ھەتتا ئۆسۈشتىن توختاپ قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ئامىنو كىسلاتاسى، كالىي، كالتسىي، ماگنىي، تۆمۈر دېگەندەك، تۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم قىلالايدىغان ماددىلار كۆپ بولغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىڭ، بۇ چاچ، كىرپىك قاتارلىقلارنىڭ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇڭا ئادەتتە ئۇلارنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك .


Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章