چوڭلاردىن كۆزىمىزگە بىرنەرسە چىقىپ قالسا، «يىڭناسقۇ» چىقىپ قاپتۇ دېگىنىنى دائىم ئاڭلايمىز. يىڭناسقۇ جۇڭگو تېبابىتى ۋە خەلق ئارىسىدا كۆز قاپىقى (ئادەتتە قاپاق دەپ ئاتىلىدۇ) نىڭ بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنىڭ ئاتىلىشى بولۇپ، غەرب تېبابىتىدە «قاپاق بېزى ياللۇغى» دەپ ئاتىلىدۇ. قاپاقنىڭ ئاساسلىق رولى كۆز ئالمىسىنى قوغداش بولۇپ، چىراي گۈزەللىكىگىمۇ ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.
قاپاقنىڭ بەز تەنچىسى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بەز تەنچىسىنىڭ ئېغىزى قاپاقنىڭ گىرۋىكى ۋە كىرپىكنىڭ تۈك خالتىسىنىڭ يىلتىزىدا بولغاچقا، ئاسانلا باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىدۇ، بولۇپمۇ كىچىك بالىلار ۋە ياشلارنىڭ بەز تەنچىسىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچقا، قاپاق بېزى ياللۇغىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. قاپاق بېزى ياللۇغى ئىچكى-تاشقى دەپ ئايرىلىدۇ، كىرپىك ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە بەز تەنچىلىرى يۇقۇملانسا، سىرتقى قاپاق بېزى ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ. قاپاق تاختىسى بېزىنىڭ يۇقۇملىنىشى بولسا ئىچكى قاپاق بېزى ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئادەملەر ئارىسىدا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، بىز ھەممىمىز بۇ ئۆمرىمىزدە بىر قېتىم ياكى كۆپ قېتىم قاپاق بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشتىن قېچىپ قۇتۇلالماسلىقىمىز مۇمكىن.
ئۇنداق بولسا بىز قانداقسىگە قاپاق بېزى ياللۇغى بولۇپ قالىمىز؟
قاپاق بېزى ياللۇغىنىڭ كۆپىنچىسى ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، بولۇپمۇ ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. قاپاق قىزىرىش، ئىششىش، قىزىش، ئاغرىش قاتارلىقلار قاپاق بېزى ياللۇغىنىڭ تۆت چوڭ تىپىك ئىپادىسى بولۇپ، كېسەل قوزغىلىپ 2 ~ 3 كۈندىن كېيىن سېرىق رەڭلىك يىرىڭ توچكىسى شەكىللىنىپ، ئۆزلۈكىدىن يېرىلىپ يىرىڭ چىقىپ كېتىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بالىلار، ياشانغانلار، دىيابېت قاتارلىق سوزۇلما خوراشچان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ تېنى ئاجىز، قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاچقا، يۇقۇملانغان كېسەللىك باكتېرىيەسىنىڭ زەھىرى كۈچلۈك بولغاندا، يۈز بېزى ياللۇغى قاپاق تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىغا كېڭىيىپ، تەرەققىي قىلىپ قاپاق ھەرە كۆنىكىسىمان توقۇلما ياللۇغىغا ئايلىنىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا قاپاق قىزىرىپ ئىششىپ، يۈز قىسمىغا تەسىر قىلىپ، باسقاندا ئاغرىش روشەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە قىزىش، تىترەش، باش ئاغرىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، بەزىدە قان بۇزۇلۇش كېسىلى ياكى بۇلۇتسىمان كاۋاك قان نۆكچىسى شەكىللىنىش قاتارلىق ئىنتايىن ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.
قاپاق بېزى ياللۇغىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟
قاپاق بېزى ياللۇغى پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە قاپاقنىڭ قىسمەن قىسمىغا ھەر قېتىمدا 10 ~ 15 مىنۇت، كۈنىگە 3 ~ 4 قېتىم ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسەك، ياللۇغنىڭ يېنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەگەر ئىسسىق ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۈنۈمىنى ياخشىراق بولسۇن دېسەك، ھۆل ئىسسىق لۆڭگىگە يېڭىلا پىشۇرۇلغان شاكىلى بار تۇخۇمنى ئوراپ قاپاقنىڭ قىزىرىپ ئىششىغان يېرىگە چاپلىساق بولىدۇ، لېكىن بەك قىزىق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ھەر كۈنى كۆز قىسمىغا ئانتىبىيوتىك دورىلارنى 4 ~ 6 قېتىم تېمىتىپ بەرسەك بولىدۇ.
ئەگەر ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىنىڭ كۆز بۆلۈمىگە كۆرۈنۈپ، توغرا دىياگنوز قويۇپ، مۇنتىزىم داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك، چۈنكى قاپاق بېزى ياللۇغىنىڭ تەرەققىياتىدا ئادەتتە ئىككى خىل يۈزلىنىش بولىدۇ، ياكى داۋالاش ئارقىلىق قاپاقنىڭ قىزىرىپ ئىششى يوقىلىدۇ، ياكى يىرىڭلىق ئىششىق شەكىلىنىدۇ. ئەگەر يىرىڭلىق ئىششىق شەكىللەنگەن بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ، يىرىڭنى يېرىپ چىقىرىپ پاكىز تازىلاش كېرەك، ھەرگىز ئۆز ئالدىغا سىقماسلىق كېرەك، بولمىسا ئاسانلا يۇقۇملىنىش كېڭىيىپ، يۇقىرىقى خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قاپاق بېزى ياللۇغىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
ئادەتتە كۆز قاپىقىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، مەينەت قول ياكى مەينەت نەرسىلەر بىلەن كۆزنى ئۇۋۇلىماسلىق، ئاچچىق، قۇرۇق ئىسسىق، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك.
بۇ يەرنى بېسىڭ