تەر تۆشۈكچىلىرىنى چوڭايتىۋېتىدىغان5خىل يامان ئادەت -بىلىۋېلىڭ

文摘   2024-11-30 18:12   新疆  

تەر تۆشۈكچىلىرىنى چوڭايتىۋېتىدىغان بەش يامان ئادەت -بىلۋىلىڭ 

تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ چوڭىيىۋېلىشى نۇرغۇن خانىم قىزلارنى قايغۇغا سالىدۇ ، يىراقتىن قاراشتا تېرە باشقىچە كۆرۈنمىسىمۇ ، يېقىندىن قارىغاندا تېرىدىكى ئىجىر – مىجىر تەر تۆشۈكچىلىرىگە قاراپ ئادەمنى يىغا تۇتىدۇ . تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنى ياخشىلاشنى خالىسىڭىز ، كۈندىلىك تېرە ئاسىراشتا چوقۇم يامان ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇشىڭىز كېرەك .


1 – يامان ئادەت : تېرە ئاسىراش بۇيۇمىنى ئۈستى ئۈستىلەپ ھەدىدىن زىيادە كۆپ سۈرتۈش .

تېرىنىڭ سىرتتىكى ماددىلار بىلەن ئالاقە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاستىسى دەل تەر تۆشۈكچىلىرى . قېلىن تېرە ئاسىراش بۇيۇملىرى ئاستىدا ، تېرە تۆشۈكچىلىرى كېڭىيىپ كېتىدۇ . شۇڭا تېرىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز كېرەك .

2 – خىل يامان ئادەت : تەگلىك ئۇپىنى ھەدىدىن زىيادە قېلىن سۈرتىۋېلىش . ھاۋا ئۆتۈشمىگىدەك دەرىجىدە قېنىق ئۇپا سۈرتكەن ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇنراق بولغان قىزلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ھەدىدىن زىيادە مايلىق ياكى باشقا ئۆتكۈر ئۇپىلار تېرە تۈك خالتىسىدا ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا ، ھاۋا ئۆتۈشمەي ، تەر تۆشۈكچىسى نەپەس ئالامايلا قالماستىن ، ئىچىدىكى تېرە ماي مىتابولىتلىرى چىقىرۋېتىلمەي ، توسۇلۇپ قالغانلىقتىن ، تېرە تەر تۆشۈكچىلىرى خۇددى يىغىۋېلىش ئورنىغا ئوخشاش تۇرۇپ قالىدۇ . كۈن قالقانلىرىمۇ تېرە تەر تۆشۈكچىسىنى چوڭايتىۋېتىدىغان «ئاپەت» نىڭ بىرى .

3 – خىل يامان ئادەت : گىرىمنى چىقىرىشقا ئېرىنىش

يۈزدىكى گىرىم ۋە باشقا كىرلەرنى پاكىز يۇيىۋەتسەملا بولدى دەپ ئويلامسىز ؟ ياق ، ەىرىم چىقىرىشنىڭمۇ قەدەم باسقۇچلىرى بار ، تەر تۆشۈكچىلىرىنى تازىلاش ئېلىپ بارماي تۇرۇپ تېرەمنى پاكىزلىدىم دەپ قارىماڭ . ھەر كۈنىدىكى گىرىمىڭىزنى يۇيۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىپلا قالماي ، تەر تۆشۈكچىسىدە ئولتۇرۇپ قالغان قالدۇق كىرلەرنىمۇ چىقىرىشنى ئۇنۇتماسلىقىڭىز كېرەك .

4 – يامان ئادەت : پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈز يۇيۇش سۈتىدە يۈز يۇيۇش.

ئۇزۇن مەزگىل يۈز يۇيۇش سۈتىدە يۈز يۇيۇش پەقەت قايتا تولۇقلىغىلى بولمايدىغان مۈڭگۈز ماددا ھۈجەيرىلىرى ئارىسىدىكى لىپوزمىلارنى تازىلايدۇ خالاس ، تېرە ماي بەزلىرىنىڭ ئىچىكى ماي قەۋىتىگە ماي تەمىنلەپ بېرىش سېستىمىسىغا قىلچە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ . شۇڭا يۈز يۇيۇش سۈتىدە ھەدىدىن زىيادە يۇيىۋەرگەندە ئەسلىدىكى نەملىكىنى يوقىتىپ ، تېرىنى سىرتى مايلىق ، ئىچى قۇرغاق تېرىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ .

5 – يامان ئادەت : تېرىنى ئۇپىدىن ئازات قىلماسلىق

ئۇپا بولسا گىرىمنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ . بىراق ئۇپىنىڭ ئۈستىگە يەنە باشقا قېنىقلاشتۇرغۇچى ، تۇراقلاشتۇرغۇچى تەركىبلەرنى سۈرتكەندە تېرە تەر تۆشۈكچىلىرى توسۇلۇپ نەپەسمۇ ئالالماي قالىدۇ ، تەر تۆشۈكچىلىرى توسۇلۇپ قېلىپ تېرىنىڭ گۈزەللىكىگە ئېغىر نوقسان يېتىدۇ .

ئەگەر بۇ يامان ئادەتلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى خالىسىڭىز ، ئۇنداقتا كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدا بۇ بىر نەچچە تەرەپكە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك .

1 . ئادەتتە يۈزىڭىزنى يۇيغاندا ئىسىق سوغوق سۇنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك ، ئاۋال ئىلمان سۇدا پاكىزە يۇيۇپ تەر تۆشۈكچىلىرىنى يۇيىۋالغاندىن كېيىن ، تەر تۆشۈكچىلىرىدىكى كىرلەرنى چىقىرىۋېلىڭ . ئاندىن سوغوق سۇ بىلەن يۇيۇپ ، تەر تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىپ ، تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ .

2 . تېرە ئاسىراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىڭ ، سۇ تولۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە ، نەملىك تولۇقلايدىغان ، يۈرۈشلۈك تېرە تازىلاش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىڭ ، ھەر ھەپتىدە قەرەللىك تۈردە ، بىر قېتىم سۇ تولۇقلاش ئېلىپ بېرىڭ .

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章