پۇقرالار دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ باھاسى توغرىسىدا

时事   2024-10-31 15:09   北京  

2024-يىللىق دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسىنى تەڭشەش بويىچە نەق مەيداندا سۆھبەتلىشىپ باھادا رىقابەتلىشىش ئاخىرلاشتى

بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، 2024-يىللىق دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسىنى تەڭشەش بويىچە نەق مەيداندا سۆھبەتلىشىپ باھا تالىشىش ئاخىرلاشتى. 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە سۆھبەتلىشىشكە قاتناشقان 25 مۇتەخەسسىس بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، 162 خىل دورا توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى ۋە باھادا رىقابەتلەشتى. سۆھبەتلىشىپ بېكىتىلگەن دورىلار دىيابېت كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىم، يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق پۇقرالار دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلارنى، يەنە ئۆسمە كېسەللىكلىرى دورىلىرى، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورا قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نەق مەيداندا سۆھبەتلىشىش ۋە باھادا رىقابەتلىشىش نەتىجىسىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ئايرىم ئېلان قىلىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

بۇ ياپونىيەنىڭ ئىچكى ئىشى

خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى

جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى

جۇڭگو جىددىي ياردەم قىلدى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

ئامېرىكا، كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章