جۇڭگو پۇقراسى ئافغانىستاندا ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتتى، جۇڭگو تەرەپ: بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈپ، كەسكىن سۆزلەشتۇق
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 1-ئاينىڭ 23-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا، بىر مۇخبىر بىر جۇڭگو پۇقراسىنىڭ مۇشۇ ھەپتىدە ئافغانىستاندا ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا سوئال سورىدى.
ماۋ نىڭ: جۇڭگو تەرەپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن قاتتىق چۆچۈدى، بۇ ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلىدى، ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈردى.
جۇڭگو تەرەپ ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىگە داۋاملىق يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ، ئافغانىستان تەرەپنىڭ بارلىق شەكىلدىكى تېررورلۇق، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ. بىز يەنە ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قەتئىي، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندىكى پۇقرالىرى، ئاپپاراتلىرى، تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ
ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 19 مىڭ200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ
جاڭ شيۇلۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى
تەيۋەننىڭ تەينەن شەھىرىدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى
دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا چوڭ تىپتىكى ئالتۇن كان بايقالدى
بايا ئېلان قىلىندى! دۇنيا بويىچە بىرىنچى!
جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا دوكلات يوق