يان تېلېفوننىڭ بۇ ئىقتىدارىنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىڭ!
ساقچى تەرەپ جىددىي ئەسكەرتتى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىز يان تېلېفوننىڭ NFC ئىقتىدارىنى ئاممىۋى قاتناش كارتىسى سۈركەش ياكى تېز پۇل تۆلەشكە ئىشلىتىلىدۇ، دەپ ئويلامسىز؟
لېكىن ئالدامچىلارنىڭ بۇ قولايلىق ئىقتىدارغا كۆز تىككەنلىكىنى، بۇ ئىقتىدارنى بانكا كارتىڭىزدىكى پۇلنى ئوغرىلايدىغان «پۇل ئېلىش ماشىنىسى»غا ئۆزگەرتىۋالغانلىقىنى بەلكىم بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.
پەقەت بىرنەچچە قەدەم مەشغۇلات بىلەنلا، نەچچە ئون مىڭ يۈەن ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ يۈەن پۇلىڭىز يۆتكەپ كېتىلىشى مۇمكىن.
ساقچى تەرەپ جىددىي ئەسكەرتتى:
1. «خېرىدارلار مۇلازىمىتى»دىن كەلگەن تېلېفوندىن ھوشيار بولۇش كېرەك
ئۆزىنى خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى دەۋالغان تېلېفوننى ئالغاندا، بولۇپمۇ بېلەت ئۆزگەرتىش، پۇل قايتۇرۇش قاتارلىق سەزگۈر ئۇچۇرلارغا چېتىلىدىغان چاغدا، چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى دەلىللەش لازىم.
2. NFC ئىقتىدارىنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش كېرەك
NFC ئىقتىدارى ئارقىلىق خالىغانچە ناتونۇش ھەق تۆلەش مەشغۇلاتى قىلىشتىن ساقلىنىش، ئوغرىلىقچە پۇل يۆتكىلىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
3. ئېكراندىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى رەت قىلىش لازىم
ئېكراننى ئېچىپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ياكى يىراق مۇساپىلىك ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەرقانداق مەشغۇلاتتىن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلغان ھامان، دەرھال بانكىنىڭ مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ بانكا كارتىسىنى توڭلىتىش ھەمدە ساقچىغا مەلۇم قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆ قولغا ئېلىندى
◇ جۇڭگو ئۆزىنىڭ يوللۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ
◇ بۇ جۇڭگو-تۈركىيە ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى
◇ ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟