最好的关系,是遇事不责备
ئەڭ ياخشى مۇناسىۋەت بىر ئىشقا يولۇققاندا ئەيىبلىمەسلىكتۇر
ღ ღ ღ
前几天,闺蜜佳佳跑来找我吐苦水:“怎么办,我想离婚了!”原来,佳佳的老公老吴是个铁杆球迷,前段时间为了看球常常熬到深夜,结果一不小心老胃病犯了。
بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى دوستۇم جياجيا يېنىمغا كېلىپ دەردىنى تۆكتى: «قانداق قىلىمەن، ئاجراشقۇم كېلىۋاتىدۇ!». ئەسلىدە، جياجيانىڭ يولدىشى لاۋۋۇ توپ ئويناشقا ئالاھىدە ئامراق بولۇپ، ئالدىنقى مەزگىللەردە توپ مۇسابىقىسى كۆرۈش ئۈچۈن يېرىم كېچىگىچە ئۇخلىمىغان ۋە شۇ سەۋەبتىن كونا ئاشقازان كېسىلى قوزغىلىپ قالغانىدى.
佳佳一边心疼一边骂他:“又不是小年轻了,还跟着瞎起什么劲?白天再看不是一样的吗?以后病了别指望我伺候你!”
جياجيا ئۇنىڭغا ھەم ئىچ ئاغرىتىپ، ھەم تىللاپ: «يا يېشى كىچىك بولمىسا، يەنە نېمىشقا قارىغۇلاچە ئىش قىلىدۇ؟ كۈندۈزى كۆرسىمۇ ئوخشاشقۇ؟ ئەمدى ئاغرىپ قالسا مېنىڭ بېقىشىمدىن ئۈمىد كۈتمىسۇن!» دەپتۇ.
老吴一开始还连连认错,但佳佳却不依不饶地教训了半天,还说老吴自己的球技那么烂,以后干脆别看球了。没想到老吴的火一下子上来了,直接放话:“我想看就看,不要你管!”
لاۋۋۇ دەسلەپتە خاتالىقىنى قايتا-قايتا تونۇپتۇ. بىراق، جياجيا قىلچە رەھىم قىلماي ئۇنى بىرھازا تەنقىدلەپتۇ، يەنە تېخى لاۋۋۇنىڭ توپ ئويناش ماھارىتى شۇنداق ناچار بولغاندىن كېيىن، ئەمدى توپ مۇسابىقىسى كۆرمەسلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن، لاۋۋۇنىڭ تۇيۇقسىز ئاچچىقى كېلىپ، بىۋاسىتىلا: «كۆرگۈم كەلسە كۆرۈمەن، باشقۇرۇشىڭىز ھاجەتسىز!» دەپتۇ.
佳佳气得半死,晚上做饭时一边切菜一边想这事,一不小心切到了手指头,痛得哇哇直叫。
ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولغان جياجيا كەچلىك تاماق ئەتكەندە، سەي توغرىغاچ مۇشۇ ئىشنى ئويلىغاچقا، ئېھتىياتسىزلىقتىن بارمىقىنى كېسىۋاپتۇ ۋە ئاغرىق دەستىدىن ۋايجانلاپ كېتىپتۇ.
老吴赶紧跑到厨房,一边帮她包扎一边说:“你看你,笨手笨脚的,切个菜都能把手切了,让你炒菜还不得把厨房给炸了?”佳佳本来气快消了,被老吴这么一说又翻脸了,说以后我的事你也少管。
لاۋۋۇ دەرھال ئاشخانىغا يۈگرەپ كىرىپ ئۇنىڭ قولىنى تاڭغاچ: «قاراڭە كالانپايلىقىڭىزنى، سەي توغرىغانغىمۇ قولىڭىزنى كېسىۋاپسىز. قورۇما قورۇڭ دېسە ئاشخانىنى پارتلىتىۋېتىدىغان ئوخشىمامسىز؟» دەپتۇ. ئاچچىقى ياناي دەپ تۇرغان جياجيا لاۋۋۇنىڭ گېپى بىلەن قايتىدىن ئاچچىقلاپ: «بۇنىڭدىن كېيىن سىزمۇ مېنىڭ ئىشىمغا ئاز ئارىلىشىڭ» دەپتۇ.
有多少夫妻就像佳佳和老吴一样,明明彼此关心,却总喜欢相互指责,生生把心里的好意变成了嘴里的恶意。
قانچىلىغان ئەر-ئايال جياجيا بىلەن لاۋۋۇغا ئوخشاش ئېنىقلا بىر-بىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان تۇرسىمۇ، ئەمما، ئۆزئارا ئەيىبلەشكە، ياخشى نىيىتىنى يامان سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەشكە ئامراق؟
生活难免会有磕磕绊绊的时候,如何化解考验着夫妻双方的智慧。相互责备是最愚蠢的方式,不仅不能解决问题,还容易伤了感情,让事情越变越糟。
تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئۇنى قانداق ھەل قىلىش ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ پاراسىتىنى سىنايدۇ. ئۆزئارا ئەيىبلەش بۇ جەھەتتىكى ئەڭ ھاماقەتلەرچە ئۇسۇل بولۇپ، ئۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئاسانلا كۆڭۈل ئاغرىتىپ، ئىشنى تېخىمۇ بۇزىدۇ.
其实夫妻之间最重要的,不是遇事非要争个对错,而是要懂得情比理更重要。
ئەر-ئاياللار ئارىسىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى بىرەر ئىشقا يولۇققاندا توغرا-خاتاسىنى تالىشىش ئەمەس، بەلكى ھېسسىياتنىڭ قائىدىدىن مۇھىملىقىنى چۈششىنىشتۇر.
ღ ღ ღ
电影《万箭穿心》里讲了这样一个故事:
«يۈرەككە تەگكەن يا ئوقى» ناملىق فىلىمدە مۇنداق ھېكايە سۆزلىنىدۇ:
武汉人李宝莉和乡下人马学武是一对夫妻。李宝莉长得漂亮,性格要强,总觉得丈夫是乡下人,能娶到自己已经是高攀了,经常因为一点小事就对他大呼小叫。
ۋۇخەنلىك لى باۋلى بىلەن يېزىدىن كەلگەن ما شۆۋۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن. لى باۋلى چىرايلىق، قەيسەر بولغاچقا، يولدىشىدەك يېزىلىقنىڭ ئۆزىنى ئېلىۋالغانلىقىنى ئېگىز ئوقۇرغا ئېسىلدى، دەپ ئويلايدۇ ھەم دائىملا ئۇششاق ئىشلار سەۋەبلىك ئۇنىڭغا ۋارقىراپ-جارقىرايدۇ.
搬新家时,李宝莉因为一点小事和搬家工人吵了起来。马学武见状赶紧过去打圆场,给几个工人发烟,想让他们快点把活干完。
يېڭى ئۆيگە كۆچىدىغاندا، لى باۋلى كىچىك ئىش سەۋەبلىك ئۆي كۆچۈش خىزمەتچىسى بىلەن سوقۇشۇپ قالىدۇ. بۇنى بايقىغان ما شۆۋۇ دەرھال بېرىپ ياراشتۇرۇپ، بىر نەچچە ئىشچىغا تاماكا بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىشنى تېزرەك تۈگىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
没想到,李宝莉一把抢过他手里的烟,恶狠狠地骂道:“我是出了钱的,他们就该好好给我干活。茶不是钱?烟不是钱?”
ئويلىمىغان يەردىن، لى باۋلى ئۇنىڭ قولىدىكى تاماكىنى تارتىۋېلىپ، زەھەرخەندىلىك بىلەن: «مەن پۇل تۆلىدىم، شۇڭا ئۇلار چوقۇم ماڭا ياخشى ئىشلەپ بېرىشى كېرەك. چاي پۇلغا كەلمەمدۇ؟ تاماكا پۇلغا كەلمەمدۇ» دەيدۇ.
这次事件,成了压死骆驼的最后一根稻草,忍无可忍的马学武提出了离婚。
شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ قېتىملىق ئىش ئاخىرقى چەكنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ، چىدىغۇچىلىكى قالمىغان ما شۆۋۇ ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
一贯强势的李宝莉懵了,她不知道问题出在哪里,更不知道该怎么收场。李宝莉也许永远都不明白,好好一个家,怎么说垮就垮了?
ئىزچىل ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن لى باۋلى بۇ گەپتىن تېڭىرقاپ قالىدۇ، مەسىلىنىڭ قەيەردىن چىققانلىقىنى، بۇ ئىشنى قانداق يىغىشتۇرۇشنىمۇ بىلەلمەيدۇ. لى باۋلى بەلكىم بىر ئوبدان ئائىلىنىڭ ۋەيران قىلىمىز دېيىش بىلەنلا ۋەيران بولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى مەڭگۈ چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن.
千里之堤,溃于蚁穴。很多婚姻的破裂,不是因为什么了不得的大事,而是日积月累的指责和争吵。
مىڭ چاقىرىملىق توغانمۇ چۈمۈلە ئۇۋىسى سەۋەبلىك بۇزۇلىدۇ. نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىغا قانداقتۇر چوڭ ئىشلار سەۋەبچى بولماستىن، بەلكى تەدرىجىي توپلانغان ئەيىبلەش ۋە تالاش-تارتىشلار سەۋەب بولىدۇ.
婚姻是两个人共同的修行,同心协力才能走得更远。事事横加指责看似威风,却会把两个人的心越推越远。只有理解和包容才是婚姻唯一的出路。
بىر ئائىلىنى ئىككى ئادەم ئورتاق ئىدارە قىلىدۇ، بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقارغاندا، ئاندىن تېخىمۇ يىراققا بارغىلى بولىدۇ. ھەممە ئىشتا يولسىزلىق بىلەن باشقىلارنى ئەيىبلەش قارىماققا ھەيۋە قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما، ئىككى ئادەمنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. پەقەت چۈشىنىش ۋە كەڭ قورساقلىقلا ئائىلىنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
包容的言语能让灵魂靠得更近,责备的言语却只会让心灵伤痕累累。一味地责骂,是对婚姻最大的伤害。
كەڭ قورساقلىق بىلەن ئېيتىلغان سۆز قەلبنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئەيىبلەش تەرىزىدە ئېيتىلغان سۆز قەلبنى قايتا-قايتا يارىلاندۇرىدۇ. دائىملا كايىش ئائىلىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى.
ღ ღ ღ
曾经被这样一张照片深深打动过:一对夫妻开车回家时,妻子不小心把车开上了消防栓,结果车翻了,两个人都受了轻伤。
ئىلگىرى مۇنداق بىر سۈرەتتىن قاتتىق تەسىرلەنگەنىدىم: بىر جۈپ ئەر-ئايال ماشىنا ھەيدەپ ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا، ئايالى ئېھتىياتسىزلىقتىن ماشىنىنى ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكى ئۈستىگە ھەيدەپ چىقىرىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ماشىنا ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئىككەيلەن يەڭگىل يارىلىنىدۇ.
如果是有的夫妻,这会儿可能都吵得不可开交了:“你会不会开车啊?”“你那么牛怎么不自己开?”……
بەزى ئەر-ئاياللار بولسا بۇنداق چاغدا چوقۇم ئاجراتقىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە سوقۇشۇپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى: «ماشىنا ھەيدەشنى بىلەمسىز، بىلمەمسىز؟»، «شۇنچە قالتىس بولغاندىن كېيىن، نېمىشقا ئۆزىڭىز ھەيدىمەيسىز؟»...
出人意料的是,这对夫妻不仅没有指责对方,还乐呵呵地在现场合了张影。照片上,无论是变形的汽车,还是身上挂的彩,都挡不住他们脸上的盈盈笑意,和心里的浓浓爱意。车子坏了不重要,只要你没事就好。
ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئەر-ئايال بىر-بىرىنى ئەيىبلىمەستىن، بەلكى كۈلۈشۈپ تۇرۇپ، نەق مەيداندا بىر پارچە سۈرەتكە چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ كۈلكىسى ۋە يۈرىكىدىكى چوڭقۇر مۇھەببىتىنى شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن ماشىنىمۇ، بەدىنىدىكى يارىلارمۇ توسالمايدۇ. ماشىنىنىڭ بۇزۇلۇشى مۇھىم ئەمەس، پەقەت سىز سالامەت بولسىڭىزلا بولدى.
夫妻关系的试金石,就是在困境面前的反应。当坏事发生时,我们总是习惯性地责备对方,自顾着自己发泄情绪,却忘了对方的心里也并不好受。
ئەر-ئايال مۇناسىۋىتىنى سىنايدىغان سىناق تېشى دەل ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىق ئالدىدىكى ئىنكاسىدۇر. يامان ئىش يۈز بەرگەندە، بىز دائىم ئادەتلەنگەن ئۇسۇل بويىچە قارشى تەرەپنى ئەيىبلەپ، ئۆزىمىزنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىشنىلا ئويلايمىز، قارشى تەرەپنىڭمۇ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىمىز.
真正好的夫妻关系,都懂得为对方着想。事情既然发生了,再多的责备也无法挽回,不如想想如何止损和补救。
ھەقىقىي ئەر-ئايال مۇناسىۋىتى قارشى تەرەپ ئۈچۈن ئويلاشنى بىلىشتۇر. ئىش يۈز بەرگەنىكەن، ھەرقانچە ئەيىبلىسىمۇ ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن قانداق قىلغاندا زىياننى توختىتىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىشىش ياخشىراقتۇر.
在对方已经极度懊悔自责的时候,你的责备只会火上浇油,加重对方的心理负担。这时候他(她)最需要的,是有人站在自己的身后,告诉他(她),无论发生了什么,都有人和你一起承担。
بىرەيلەن قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، ئۆزىنى ئەيىبلەۋاتقاندا، سىزنىڭ ئەيىبلىشىڭىز ئوت ئۈستىگە ياغ چاچىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ پىسخىكىلىق يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى مەلۇم بىرەيلەننىڭ ئۆزىگە يۆلەنچۈك بولۇپ: «مەيلى قانداقلا ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىز بىلەن تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان ئادەم چىقىدۇ» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر.
毕竟,东西坏了可以再修,心若伤了就再难愈合了。
چۈنكى، نەرسە بۇزۇلسا رېمونت قىلغىلى بولغان بىلەن يۈرەك زېدە بولسا ساقايتىش قىيىن.
ღ ღ ღ
有句话曾戳中了很多人的心:
مۇنداق بىر جۈملە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يۈرىكىگە تەگكەنىدى:
“当初和他结婚是想找个人遮风挡雨,没想到所有的风雨都是他带来的。”
«ئەينى چاغدا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندا، پەقەت ئۆزۈمنى قوغدايدىغان ئادەم تېپىشنىلا ئويلىغانىدىم. بىراق، ئويلىمىغان يەردىن بارلىق بالا-قازا شۇنىڭدىن كەلدى.»
婚姻不易,需要彼此珍惜。相互责备,不如携手面对。
توي تۇرمۇشى ئاسان ئەمەس، ئۇ قەدىرلەشكە موھتاج. ئۆزئارا ئەيىبلەش قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرغانغا يەتمەيدۇ.
你给我一分爱,我还你三分情,感情才能越积越深。如果今天你指责我,明天我回敬你,只会将仅存的感情也消耗殆尽。
سىز مېنى بىر ئۈلۈش سۆيسىڭىز، مەن سىزگە ئۈچ ھەسسە مۇھەببەت قايتۇرىمەن، شۇنداق قىلغاندا مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. ناۋادا، بۈگۈن سىز مېنى ئەيىبلىسىڭىز، ئەتە مەن سىزگە قايتۇرۇپ بەرسەم، ئارانلا قالغان مۇھەببىتىمىز سەرپ بولۇپ تۈگەيدۇ.
真爱你的人,能包容你的小缺点和小脾气。在他眼里,真实的你才是最可爱的。
سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئادەم ئۇششاق كەمچىلىكلىرىڭىز ۋە خۇيلىرىڭىزنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي سىزلا ئەڭ سۆيۈملۈك.
真爱你的人,会懂你的不容易,明白你背后的苦,不舍得让你受到半点伤害。
سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئادەم قىيىنچىلىقىڭىزنى چۈشىنىدۇ، ئېيتمىغان دەردلىرىڭىزنى بىلىدۇ، قىلچە ئازار يېيىشىڭىزگە چىدىمايدۇ.
愿你也能遇到一个不舍得责备你的人,相互依偎着走过余生。
سىزنىڭمۇ ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەشكە چىدىمايدىغان ئادەمگە ئۇچراپ، كېيىنكى ئۆمرۈڭلارنى بىر-بىرىڭلارغا يۆلەك بولۇپ ئۆتكۈزۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: ھاياتىڭىزدا شۇنچە كۆپ ئۈلگۈرەلمەسلىكلەر بارمۇ؟
◇ خەيرلىك كەچ: مۇنەۋۋەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى
◇ تېلېفوندا سۆزلىشىش ئۇسۇلىڭىز ساپايىڭىزنى ئاشكارىلايدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: سىزگە دائىم سوغۇق سۇ سېپىدىغانلاردىن يىراق تۇرۇڭ