خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەر بىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ.
ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، ئۆزىڭىزنى تونۇتۇپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز.
ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
当穷养的男孩遇到富养的女孩
值得所有家长深思!
نامرات بېقىلغان ئوغۇل بالا باياشات بېقىلغان قىزغا ئۇچرىغاندا
بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشىغا ئەرزىيدۇ!
“儿子要穷养,女儿要富养”——大概是在儿子三岁的时候,我听说了这个育儿观念。是的,和所有初听此话的父母一样,我理所当然地认为,穷养儿子,就是要让他体会生活的艰辛,多吃苦,让他有奋斗意识;富养女儿,就要为她创造良好的物质条件,培养温柔、高贵的品质,这样长大以后,才能创造有品位有情调的生活。
ئوغلۇم تەخمىنەن ئۈچ ياشلارغا كىرگەندە، مەن «ئوغۇلنى نامرات بېقىش، قىزنى باياشات بېقىش كېرەك» دەيدىغان بۇ بالا بېقىش قارىشىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن، بۇ گەپنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغان بارلىق ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاش، مەنمۇ تەبىئىيلا «ئوغلىنى نامرات بېقىش دېگەنلىك، ئۇنىڭغا تۇرمۇشنىڭ جاپا-مۇشەققىتىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئۇنى كۆپرەك جاپا تارتقۇزۇپ، كۈرەش ئېڭىغا ئىگە قىلدۇرۇشتۇر؛ قىزىنى باياشات بېقىش دېگەنلىك، ئۇنىڭغا ياخشى ماددىي شارائىت يارىتىپ بېرىش، ئۇنىڭدا مۇلايىم، ئالىيجاناب پەزىلەت يېتىلدۈرۈشتۇر، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن پەزىلەتلىك، ھېسسىياتلىق تۇرمۇش ياراتقىلى بولىدۇ» دەپ قارىدىم.
我相信,很多父母正自觉或不自觉地按此方法,对自己的孩子施以影响。可是,很少有父母想到未来若干年后,当自己穷养的儿子遇到一个富养的女孩,会产生怎样啼笑皆非的矛盾。
ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا بۇ ئۇسۇل بويىچە بالىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق، كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ نامرات بېقىپ چوڭ قىلغان ئوغلى باياشات چوڭ بولغان قىزغا ئۇچراپ قالغاندا، قانداق زىددىيەتلەرنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس.
我提前遇到了这样的尴尬。先说我家的基本情况吧。
مەن مۇددەتتىن بۇرۇن مۇشۇنداق ئوڭايسىز ئەھۋالغا دۇچ كەلدىم. ئاۋۋال ئائىلەمنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى سۆزلەپ ئۆتەي.
我家属于经济状况尚可的家庭。先生经营一家模具公司,我全职带儿子,不算大富大贵,却也没为钱犯过愁。但我坚决奉行“男孩要穷养”的理念,几乎没给儿子买过昂贵的玩具,好像就在他四岁生日时破过一次例,给他买了一辆遥控小汽车。穿着上都是小店淘来的外贸品。上了小学,我告诉他,我们家不缺钱,但这些钱是爸爸挣的,所以给你的零花钱不能乱花。如果要买课外书或是给同学买礼物,必须用自己的劳动来换取,就是洗个碗五毛钱,扫次地一块钱,等等。
ئائىلەم ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ئائىلىگە تەۋە. يولدىشىم بىر قېلىپ شىركىتىنى باشقۇرىدۇ، مەن باشقا خىزمەت قىلماي، مەخسۇس ئوغلۇمنى باقىمەن، گەرچە بەك باي بولۇپ كەتمىسەكمۇ، لېكىن پۇل ئۈچۈن غەم قىلىپ باقمىدۇق. لېكىن مەن «ئوغۇل بالىنى نامرات بېقىش كېرەك» دەيدىغان ئىدىيەدە قەتئىي چىڭ تۇردۇم، ئوغلۇمغا قىممەت باھالىق ئويۇنچۇقلارنى ئاساسەن ئېلىپ بەرمىدىم، پەقەت ئۇنىڭ تۆت ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە بىر قېتىم قائىدىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭغا تىزگىنەكلىك كىچىك ماشىنا ئېلىپ بەردىم. كىيىملىرىنىڭ ھەممىسى كىچىك دۇكانلاردىن سېتىۋالغان تۆكمە ماللار ئىدى. ئوغلۇم باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققاندا، ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئۆيدە پۇل كەم ئەمەسلىكىنى، لېكىن بۇ پۇللارنى دادىسىنىڭ تاپقانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭغا بەرگەن پارچە پۇلنى قالايمىقان خەجلەشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. يەنە، ئەگەر دەرستىن سىرتقى كىتاب سېتىۋالماقچى ياكى ساۋاقداشلىرىغا سوۋغات سېتىۋالماقچى بولسا، چوقۇم ئۆزىنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق ئالماشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتىم. مەسىلەن، قاچا يۇيۇش ھەققى بەش مو، ئۆي سۈپۈرۈش ھەققى بىر يۈەن، دېگەندەك.
应该说,我的教育还算是成功的。儿子不贪慕虚荣,接人待物相当有分寸,自控能力也非常强,学习几乎不用操心。用我妹妹的话说就是:姐,你这一辈子不上班,不挣钱,但你培养的这个儿子,就是你最出色的成果。
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مېنىڭ تەربىيەم ھەر ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئوغلۇم شۆھرەتپەرەسلىككە بېرىلمەيتتى، كىشىلەرگە لايىقىدا مۇئامىلە قىلاتتى، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۆگىنىشىدىن غەم قىلمايتتۇق. سىڭلىمنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا: «ئاچا، سەن بىر ئۆمۈر ئىشلىمىسەڭ، پۇل تاپمىساڭمۇ، لېكىن سەن تەربىيەلىگەن بۇ ئوغلۇڭ دەل سېنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجەڭ بولدى» دەيتتى.
事情源于春节期间和朋友的一次家庭旅行。
بىراق، مەسىلە چاغاندا دوستۇم بىلەن بىر قېتىملىق ئائىلە ساياھىتىگە چىققان مەزگىلدە كۆرۈلدى.
朋友的女儿比我儿子小两岁,当时开玩笑说两家是要做亲家的。但计划不如变化快,在她女儿两岁时,她先生因为工作调动,全家迁至深圳。但我们经常通电话,聊育儿经,偶尔她也借出差杭州的机会,来看望我。当我把“儿子要穷养,女儿要富养”的话告诉她时,深得她赞同。
دوستۇمنىڭ قىزى ئوغلۇمدىن ئىككى ياش كىچىك ئىدى، ئەينى چاغدا چاقچاق قىلىشىپ، ئىككى ئائىلە قۇدا بولايلى، دېيىشكەن ئىدۇق. لېكىن پىلانىمىز ئەمەلىيەتكە يېتىشەلمىدى، ئۇنىڭ قىزى ئىككى ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ خىزمىتى يۆتكەلگەنلىكتىن، ئائىلە بويىچە شېنجېنغا كۆچۈپ كەتتى. لېكىن بىز دائىم تېلېفونلىشىپ، بالا بېقىش توغرىسىدا پاراڭلىشىپ تۇردۇق، بەزىدە ئۇمۇ خاڭجوۋغا كاماندىروپكىغا چىقىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، مېنى يوقلاپ كېلەتتى. مەن «ئوغۇل بالىنى نامرات بېقىش، قىز بالىنى باياشات بېقىش كېرەك» دېگەن سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەندە، ئۇمۇ ناھايىتى توغرا دەپ قارىدى.
事实上,后来的电话聊天中,她经常告诉我,她又带女儿去香港了,给女儿买了限量版的芭比娃娃,买了某奢侈品牌的童装……她女儿也时常在电话里甜甜地叫我阿姨,听得出是个见过世面、不怯生的小丫头。
ئەمەلىيەتتە، ئۇلار كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن تېلېفوندا پاراڭلاشقاندا، ئۇ دائىم ماڭا قىزىنى ئېلىپ شياڭگاڭغا بېرىپ، قىزىغا چەكلىك نۇسخىدىكى باربى قونچاق، مەلۇم ھەشەمەتلىك ماركىدىكى بالىلار كىيىمى دېگەندەكلەرنى ئېلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەتتى. ئۇنىڭ قىزىمۇ دائىم تېلېفوندا چۈچۈك تىللىرى بىلەن مېنى «ھەدە» دەپ چاقىراتتى، سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ كۆپ ئىشلارنى كۆرگەن، قورۇنمايدىغان قىزچاق ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى.
去年12月份,她兴奋地打电话给我,约我春节去三亚度假,笑说两个孩子有些年没见了,趁机让他们培养培养感情。
بۇلتۇر 12-ئايدا، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا ماڭا تېلېفون قىلىپ، مېنى چاغاندا سەنياغا بېرىپ دەم ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى، يەنە تېخى ئىككى بالا كۆرۈشمىگىلى خېلى يىللار بولدى، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرايلى، دەپ چاخچاق قىلدى.
哈,当时我想,培养感情只是玩笑话,两家找个机会一起聚聚才是真。所以,说服了先生后,我们两家决定去三亚过春节。
«چاتاق يوق!» ئۇ چاغدا مەن، ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پەقەتلا بىر چاخچاق ئىكەنلىكىنى، ئىككى ئائىلە پۇرسەت تېپىپ يىغىلىش قىلىشنىڭ ھەقىقىي مەقسەت ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. شۇڭا، ئىككى ئائىلە سەنياغا بېرىپ چاغان ئۆتكۈزۈشكە يولدىشىمنى قايىل قىلدىم.
因我空闲时间多,朋友说由我来安排此行的所有事宜。说实话,三亚的好酒店确实很多,但六天假期都必须住五星级吗?我征求儿子意见,儿子说干净舒服就行。于是,我决定了住四晚家庭旅馆,住两晚豪华酒店。这个决定也得到了朋友的支持。
مېنىڭ بوش ۋاقتىم كۆپرەك بولغاچقا، دوستۇم بۇ قېتىمقى سەپەردىكى بارلىق ئىشلارنى مېنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشۇمنى ئېيتتى. راستىمنى ئېيتسام، سەنيادىكى ياخشى مېھمانسارايلار ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن، لېكىن ئالتە كۈنلۈك دەم ئېلىشنىڭ ھەممىسىدە چوقۇم بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدا يېتىش كېرەكمىدى؟ مەن ئوغلۇمدىن پىكىر ئالدىم، ئوغلۇم «پاكىز، راھەت بولسىلا بولدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مەن تۆت ئاخشام ئائىلىۋى مېھمانخانىدا، ئىككى ئاخشام ھەشەمەتلىك مېھمانخانىدا تۇرۇشنى قارار قىلدىم. بۇ قارار دوستۇمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
先到的我们在亚龙湾的家庭旅馆迎来朋友一家。寒暄过后,小公主非常冷静地环视了一下房间,说:“我们怎么住这里呀?”
بىز ئاۋۋال يېتىپ بېرىپ، يالوڭۋەندىكى ئائىلىۋى مېھمانخانىدا دوستۇم ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى كۈتۈۋالدۇق. ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن، دوستۇمنىڭ قىزى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ياتاققا قارىۋەتكەندىن كېيىن: «بۇ يەردە قانداقمۇ تۇرغىلى بولىدۇ؟» دېدى.
我笑着跟她解释说,这里非常干净,且离椰梦长廊很近,去沙滩也很方便。可小女孩不满地说:“这里没有服务生,没有游泳池,也没有早餐……”害得朋友连忙打圆场。
مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ، بۇ يەرنىڭ ئىنتايىن پاكىز ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمېڭ كارىدورىغا ئىنتايىن يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم. لېكىن قىزچاق قاخشاشنى باشلىدى: «بۇ يەردە يا مۇلازىم يوق، يا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، ناشتىلىقمۇ يوق ئىكەن...» دوستۇم دەرھال گەپنى بۇراپ، كەيپىياتنى ئوڭشىدى.
其实我也没在意,心想家境优越、娇生惯养的小公主有理由要求住得更好一点的。可儿子替老妈打抱不平了,他私下跟我说,要不是初次见面,他早就让女孩子自己去找酒店了。
ئەمەلىيەتتە، مەنمۇ جىق ئويلاپ كەتمىدىم. ئائىلە شارائىتى ئەۋزەل، ئەركە چوڭ بولغان كىچىك مەلىكىنىڭ ياخشىراق مېھمانخانىدا تۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى ھەقلىق، دەپ ئويلىدىم. بىراق، ئوغلۇم مېنىڭ ئۇششاق گەپكە قېلىشىمغا چىداپ تۇرالمىدى، ئۇ ئاستىرىتتىن ماڭا: «تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشىمىز بولمىغان بولسا، بۇرۇنلا ئۇ قىزنى مېھمانخانىنى ئۆزى تېپىشقا بۇيرىغان بولاتتىم» دېدى.
这才是开始,后面几天的情形几乎完全出乎了我的意料。两个不同家庭教育出来的孩子,在太多的事情上有着太多的分歧:每去一个地方,儿子都想坐公交车,可女孩就是打的;儿子想去吃海鲜大排档,可女孩就是觉得不卫生……就算是一处海景,女孩子会发出“想要盖幢房子”的感叹,儿子却在一旁笑她太矫情。
بۇ تېخى باشلىنىش ئىدى، كېيىنكى بىر نەچچە كۈندىكى ئەھۋال پۈتۈنلەي دېگۈدەك مېنىڭ ئويلىمىغان يېرىمدىن چىقتى. ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئائىلىدە تەربىيەلىنىپ چىققان بالىلاردا، نۇرغۇن ئىشلاردا ئىختىلاپ كۆرۈلدى: ھەر بىر جايغا بارغاندا، ئوغلۇم ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرماقچى بولدى، لېكىن قىزچاق تاكسىغا ئولتۇردى؛ ئوغلۇم كەچلىك بازارلاردا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يېمەكچى بولدى، لېكىن قىزچاق كەچلىك بازاردىكىنى پاكىز ئەمەس دېدى... بىرەر يەردىكى دېڭىز قىرغىقىغا بېرىپ قالساق، قىزچاق «مۇشۇ يەرگە بىر يۈرۈش ئۆي سالسا بولغۇدەك» دەپ قوياتتى، لېكىن ئوغلۇم بىر چەتتە تۇرۇپ، ئۇنى بەك يولسىز دەپ مازاق قىلاتتى.
幸好两家大人心态还好,认为孩子之间怄怄气是正常的。后来我跟儿子说,你是哥哥,要让着妹妹,尽量听从她的意见。儿子还算听话,尽管心里有意见,但行为上还是尊重了妹妹。
ھېلىمۇ ياخشى ئىككى ئائىلىدىكى چوڭلارنىڭ كەيپىياتى ھەر ھالدا ياخشى بولۇپ، بالىلار ئارىسىدا ئانچە-مۇنچە قېيدىشىش بولۇشى نورمال ئىش، دەپ قارايتتى. كېيىن مەن ئوغلۇمغا: سەن ئاكىسى بولغاندىكىن، سىڭلىڭغا يول قويغىن، ئامال بار ئۇنىڭ پىكرىگە بويسۇنغىن، دېدىم. ئوغلۇم ھەر ھالدا گەپ ئاڭلىدى، كۆڭلىدە پىكرى بولسىمۇ، لېكىن ئىش-ھەرىكىتىدە يەنىلا سىڭلىسىنىڭ پىكرىنى ھۆرمەت قىلدى.
度假的最后一天,两个孩子发生了口角。
دەم ئېلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، ئىككى بالا تاكاللىشىپ قالدى.
那天,我们逛的景点叫天涯海角,附近有个超大的土特产专营店。我们想顺便买一点特产带回杭州。已经逛累的女孩子明显不想去,她说:“拎着这么些东西回酒店累不累啊?去机场买更方便啊!”这话明显是针对我们说的,儿子有些不服气,说买不买是我们的事情,你有钱就去机场买!
ئۇ كۈنى بىز ئايلانغان مەنزىرە نۇقتىسى دۇنيانىڭ چېتى دەپ ئاتىلاتتى، يېقىن ئەتراپتا بەكلا چوڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار مەخسۇس دۇكىنى بار ئىدى. بىز يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلاردىن ئازراق سېتىۋېلىپ، خاڭجوۋغا ئېلىپ كەتمەكچى بولدۇق. مەنزىرە نۇقتىسىنى ئايلىنىپ ھېرىپ كەتكەن قىزچاقىڭ بارغۇسى يوق ئىدى، ئۇ: «بۇنداق نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ مېھمانخانىغا قايتسا ھېرىپ كەتمەمدۇ؟ ئايرودرومغا بېرىپ سېتىۋالسا تېخىمۇ قولايلىق!» دېدى. بۇ گەپ ئېنىقلا بىزگە قارىتىلغان بولغاچقا، ئوغلۇم سەل قايىل بولماي: «سېتىۋېلىش-سېتىۋالماسلىق بىزنىڭ ئىشىمىز، پۇلىڭىز بولسا ئايرودرومغا بېرىپ سېتىۋېلىڭ!» دېدى.
无趣之下,女孩子认真又天真地说:你这样吝啬钱,小心以后找不到老婆哦!
كەيپى ئۇچقان قىزچاق ئەستايىدىل ھەم ساددا ھالدا مۇنداق دېدى: «سىز بۇنداق پىخسىقلىق قىلسىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن خوتۇن تاپالماي قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ-ھە!»
儿子想也没想,回了她一句:你这样的娇气鬼,才没男人会娶你!
ئوغلۇم دەرھاللا ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ: «سىزدەك تاۋى نازۇكنى ئالىدىغان ئەر كىشى چىقمايدۇ» دېدى.
机场告别时,我跟儿子说,这一路过来,妈妈发现你有时候有失男子汉的风度,是不是应该向妹妹道一下歉?小女孩小嘴一撅,说:“口头的道歉太没诚意啦!你得买件礼物哄我开心才行!”
ئايرودۇرۇمدا خوشلىشىدىغان چاغدا، ئوغلۇمغا: «بۇ سەپەر جەريانىدا، بەزىدە يىگىتلىك سالاپىتىڭنى يوقىتىپ قويغانلىقىڭنى بايقىدىم، سىڭلىڭدىن كەچۈرۈم سورىشىڭ كېرەكمۇ- قانداق؟» دېدىم. قىزچاق ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ: «ئاغزاكى كەچۈرۈم سورىغاننىڭ سەمىمىيىتى يوق! سوۋغات سېتىۋېلىپ مېنى خۇشال قىلسىڭىز ئاندىن بولىدۇ!» دېدى.
两家的旅行就在两个小孩之间的拌嘴加玩笑中结束了。
ئىككى ئائىلىنىڭ ساياھىتى ئىككى بالا ئوتتۇرىسىدىكى تاكاللىشىش ۋە چاقچاق بىلەن ئاخىرلاشتى.
我想起钱钟书先生的一句名言:如果你想跟一个人结婚,就先跟他去旅行。我跟儿子说起曾经的娃娃亲,儿子正儿八经地说:妈,你可别害我,这样的女孩我可HOLD不住!
چيەن جۇڭشۇ ئەپەندىنىڭ «ئەگەر سىز بىر ئادەم بىلەن توي قىلماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئۇنىڭ بىلەن ساياھەتكە بېرىڭ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئىلگىرى دوستۇم بىلەن دېيىشكەن ئىككى بالا چوڭ بولغاندا تويىنى قىلىپ قويۇش ئىشىنى ئوغلۇمغا دەپ بەرسەم، ئوغلۇم ناھايىتى كەسكىن ھەم ئەستايىدىل قىياپەتتە ماڭا: «ئاپا، ماڭا زىيانكەشلىك قىلماڭ، بۇنداق قىز بىلەن بىللە ئۆتۈپ بولالمايمەن» دېدى.
这次两家的家庭旅行中两个孩子的表现,令我感慨奉行“男孩穷养、女孩富养”的弊端。拿我儿子来说,现在看来,他是一个勤俭、自律的男孩,但也随之附带了过分严谨、不懂适度享受生活情趣的缺憾。而女友富养的女孩子,虽然有眼界懂潮流,将来不会被男人的小恩小惠所蒙骗,但她同时也要直面自己因此而养成的骄娇二气,否则将来即使遇到心仪的男孩,其性格也会成为相处的障碍。
بۇ قېتىمقى ئىككى ئائىلىنىڭ ساياھىتى جەريانىدا ئىككى بالىنىڭ ئىپادىسى مەن قاتتىق يولغا قويۇپ كەلگەن «ئوغۇل بالىنى نامرات بېقىش، قىز بالىنى باياشات بېقىش كېرەك» دەيدىغان بالا بېقىش قارىشىنىڭ يامان تەرىپىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئوغلۇمنى ئېلىپ ئېيتساق، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇ تىرىشچان-ئىقتىسادچىل، ئىنتىزامچان ئوغۇل بالا بولدى، لېكىن شۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچان بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى بىلمەيدىغان يېتەرسىزلىكىمۇ بار. دوستۇمنىڭ باياشات باققان قىزىنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ بولغاچقا، كەلگۈسىدە ئەرلەرنىڭ ئاز-تولا ئۇششاق ئىلتىپاتىغا ئالدىنىپ كەتمەيدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزى يېتىلدۈرگەن نازۇك، يولسىزلىقىغىمۇ بىۋاسىتە يۈزلىنىشى كېرەك، بولمىسا كەلگۈسىدە كۆڭلى چۈشكەن ئوغۇل بالىغا ئۇچرىغان تەقدىرىدىمۇ، ئۇنىڭ مىجەزى ئىككىسىنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈشىنىڭ توسالغۇسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
所以“穷养男孩、富养女孩”现在看来也许是没错的,但等穷养的男孩遇到富养的女孩时,家长才会发现自己错了。
شۇڭا «ئوغۇل بالىنى نامرات بېقىش، قىز بالىنى باياشات بېقىش كېرەك» ديدىغان قاراش ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بەلكىم خاتا بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن نامرات بېقىلغان ئوغۇل بالا باياشات بېقىلغان قىز بالا بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا، ئاتا-ئانىلار ئاندىن ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بايقايدۇ.
很多家长都对“富养女孩”有这样的误解,认为只要给她钱就可以了,这大错特错,这样的做法只能使女儿的虚荣心逐渐膨胀,她即使拥有高贵的气质,也是徒有其表而已,一旦涉及实质性的问题,这样的孩子最终还是会败下阵来。因此,“钱”绝不是“富养”的唯一内涵。对于父母的教育来说,“富养”富在家庭环境上。
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار «قىزلارنى باياشات بېقىش كېرەك» دېگەن سۆزنى خاتا چۈشىنىپ قېلىپ، ئۇلارغا پەقەت پۇل بەرسىلا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇ ئىنتايىن خاتا قاراش. بۇنداق قىلىش پەقەتلا قىزىنىڭ ئابرۇيپەرەسلىكىنى بارا-بارا ئاشۇرۇۋېتىدۇ، قىزى گەرچە ئېسىلزادىلەرچە سالاپەتكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن پەقەت تاشقىي قىياپىتىلا شۇنداق، خالاس. ماھىيەتلىك مەسىلىگە چېتىلغان ھامان، بۇنداق بالىلار ئاخىرىدا يەنىلا مەغلۇپ بولىدۇ. شۇڭا، «پۇل» ھەرگىزمۇ «باياشات بېقىش»نىڭ بىردىنبىر مەزمۇنى ئەمەس. ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «باياشات بېقىش» ئائىلە مۇھىتىنىڭ باياشاتلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
家庭环境主要是指物质环境和精神环境。无论是物质环境,还是精神环境,对孩子行为习惯都有很大影响。对于成长中的孩子来说,良好的物质环境可以约束孩子的行为,良好的精神环境可以熏陶孩子的性格。
ئائىلە مۇھىتى ئاساسلىقى ماددىي مۇھىت ۋە مەنىۋى مۇھىتنى كۆرسىتىدۇ. مەيلى ماددىي مۇھىت ياكى مەنىۋى مۇھىت بولسۇن، بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئادىتىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياخشى ماددىي مۇھىت بالىلارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەيدۇ، ياخشى روھىي مۇھىت بالىلارنىڭ خاراكتېرىنى تاۋلايدۇ.
什么是“富养”?“富养”不仅仅指生活的富足,更是教育的富足。富养女孩不是娇生惯养,而是给予她更为精细的教育,让她自信自立,眼界开阔,成长为一个有优雅动人、智慧美丽的女孩。
«باياشات بېقىش» بېقىش دېگەن نېمە؟ «باياشات بېقىش» تۇرمۇشنىڭ باياشاتلىقىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى تەربىيەنىڭ باياشاتلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قىزىنى «باياشات بېقىش» ھەرگىزمۇ ئەركە چوڭ قىلىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئىنچىكە تەربىيە بېرىپ، ئۇنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، مۇستەقىللىقى بار، نەزەر دائىرىسى كەڭ، نازاكەتلىك، ئەقىل-پاراسەتلىك، گۈزەل قىزغا ئايلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
什么是“穷养”?穷养男孩不是要把孩子养得小家子气,没了自信和智慧,而是让他养成坚强勇敢、独立自主、克制物欲、勤俭持家、奋发图强的优良品质。
«نامرات بېقىش» دېگەن نېمە؟ ئوغۇل بالىنى «نامرات بېقىش» ھەرگىزمۇ بالىنى كۆزى كىچىك قىلىپ تەربىيەلەش، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئەقىل-پاراسەتتىن مەھرۇم قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا قەيسەر، باتۇر، مۇستەقىللىقى بار، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولىدىغان، نەپسىنى كونترول قىلىدىغان، ئائىلىنى تىرىشچانلىق-ئىقتىسادچىللىق بىلەن باشقۇرىدىغان، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەيدىغان ئېسىل پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
穷养,富养,都不如教养!
مەيلى «نامرات بېقىش» ياكى «باياشات بېقىش» بولسۇن، ئوقۇمۇشلۇق قىلىپ تەربىيەلىگەنگە يەتمەيدۇ.
其实,只要翻开古今中外的历史,看看那些有作为的伟人或卓越者,并不是穷养与富养的结果,而是教养使然!
ئەمەلىيەتتە، قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەلگىچە بولغان تارىخنى ۋاراقلاپ، ئاشۇ ئۇلۇغ ئەربابلار ياكى كۆزگە كۆرۈنگەنلەرگە نەزەر سالساق، ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى قانداقتۇر «نامرات بېقىش» ياكى «باياشات بېقىش»تىن كېلىپ چىققان ئەمەس، بەلكى ئوقۇمۇشلۇق قىلىپ تەربىيەلەشتىن كەلگەن.
不管是司马光,还是曾国藩,都为中国在对子孙的教养上点燃了一盏盏的智慧之灯。
مەيلى سىما گۇاڭ بولسۇن ياكى زېڭ گوفەن بولسۇن، ھەممىسى جۇڭگو ئۈچۈن ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتە ئەقىل-پاراسەت چىراغلىرىنى ياقتى.
特别是诸葛亮的教子书,更是写得语重心长、言简意深:“静以修身,俭以养德。非澹泊无以明志,非宁静无以致远。夫学须静也,才须学也。非学无以广才,非志无以成学。”
بولۇپمۇ، جۇگې لياڭنىڭ بالا تەربىيەلەش توغرىسىدىكى كىتابىدا، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق يېزىلغان: «قەلبنىڭ جىمجىتلىقى ئارقىلىق ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئىقتىسادچىللىق ئارقىلىق ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. جىمجىتلىق ئىچىدە نەپسىنى يىغمىغاندا، ئۇلۇغۋار ئىرادىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولمايدۇ، سىرتنىڭ كاشىلا قىلىشىنى تۈگەتمىگەندە، ئۇلۇغۋار نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ. بىلىم ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم قەلبنى تىنچلاندۇرۇپ، دىققەتنى يىغىش كېرەك. تالانت ___ تىرىشىپ ئۆگىنىشتىن كېلىدۇ، تىرىشىپ ئۆگەنمىگەندە، ئۆزىنىڭ تالانتىنى ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، ئىرادىنى ئايدىڭلاشتۇرمىغاندا، ئۆگىنىشتە نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.»
教子书中虽然有一个“俭”字,但绝不是“穷养”的意思,可以说节俭是体现在一个人身上的永恒的美德,不管他是穷人,还是富人,不管是男人,还是女人!
بالا تەربىيەلەش توغرىسىدىكى كىتابتا «ئىقتىسادچىللىق» دېگەن سۆز بار بولسىمۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ «نامرات بېقىش» دېگەن مەنا چىقمايدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىر ئادەم مەيلى نامرات بولسۇن ياكى باي بولسۇن، مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، ئىقتىسادچىللىق بىر ئادەمدە نامايان بولىدىغان مەڭگۈلۈك گۈزەل ئەخلاقتۇر.
当一个人拥有了良好教养的时候,他就能举止合范,进退有度,在取舍之间能把握好分寸;在成功之时,他可以喜不自胜,但不会得意忘形;在失败之中,他可以黯然神伤,但不会意气消沉。
بىر ئادەم ياخشى تەربىيە كۆرگەن بولسا، ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى مۇۋاپىق بولىدۇ، ئىلگىرىلەش-چېكىنىشىنىڭ چېكى بولىدۇ، تاللاش-شاللاش ئوتتۇرىسىدا ئۆلچەمنى ياخشى ئىگىلىيەلەيدۇ؛ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا ئۇ خوشال بولسىمۇ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ؛ مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندا ئۇ پەرىشان بولىدۇ، لېكىن روھى چۈشۈپ كەتمەيدۇ؛
为官为富为贵,不会泯灭良知,不失侧隐之心;身为布衣匹夫,依然会傲骨凛凛,心清魂净地做人。在犯了错误之后一定会从自身去找症结,而不是怨天尤人,百般推脱责任……
ئەمەل تۇتقان، باي بولغان، يول تاپقان چاغدا ۋىجدانىنى يوقاتمايدۇ، ھېسداشلىق تۇيغۇسىنى يوقاتمايدۇ. پۇقرا بولسىمۇ يەنىلا قەيسەر، ۋىجدانلىق، قەلبى پاك ئادەم بولۇپ ياشايدۇ؛ خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ھەممىدىن ئاغرىنىپ، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرمەيدۇ، بەلكى مەسىلىنى چوقۇم ئۆزىدىن ئىزدەيدۇ.
教养,不是富贵人家的专属,也不是贫穷人家的私藏,而是任何一个家庭或父母或教师都能送给孩子的一笔无价之宝,是为孩子心灵世界打造的一盏智慧之灯。
بالىنى ئوقۇمۇشلۇق قىلىپ تەربىيەلەش باي-غوجاملارغىلا خاس نەرسە ئەمەس ياكى نامرات-گادايلاردىن چەكلەنگەن نەرسىمۇ ئەمەس، بەلكى ھەرقانداق بىر ئائىلە ياكى ئاتا-ئانا ياكى ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىلارغا بېرىدىغان بىباھا گۆھىرى، بالىلارنىڭ قەلب دۇنياسى ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان ئەقىل-پاراسەت چىرىغىدۇر.
孩子生于贫穷之家,拥有了教养,他知道自己怎样的立足现实和发展自我;孩子生于富贵之家,拥有了教养,他知道怎样利用自己的优势开拓未来。
بالا نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان بولسىمۇ، تەربىيە كۆرگەن بولسىلا، رېئال تۇرمۇشتا قانداق قىلىپ پۇت تىرەپ تۇرۇش ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىلىدۇ؛ بالا باي ئائىلىدە تۇغۇلغان بولسا، تەربىيە كۆرگەنلىكتىن، ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ كەلگۈسىنى قانداق يارىتىشنى بىلىدۇ.
因此,教养,是培养孩子成人的灵魂,是教育孩子成材的基础,是一个让孩子在心身等方面得以全面发展的系统工程。
شۇڭا، بالىنى ئوقۇمۇشلۇق قىلىپ تەربىيەلەش — بالا تەربىيەلەشنىڭ جېنى، بالىنى تەربىيەلەپ قابىلىيەتلىك ئادەم قىلىپ چىقىشنىڭ ئاساسى، بالىنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈشنىڭ سىستېما قۇرۇلۇشىدۇر.
只想通过穷养或富养的捷径,剑走偏锋,看似奇巧,自以为可以出奇制胜,其结果,往往事与愿违!
پەقەت نامرات بېقىش ياكى باياشات بېقىشتەك ئۆزگىچە يولدا مېڭىش قارىماققا ئاجايىپ-غارايىپ كۆرۈنسىمۇ، شۇ ئارقىلىق بالىنى كىشىلىك ھاياتنىڭ يەڭگۈچىسىگە ئايلاندۇرۇمەن دەپ ئويلىسىمۇ، نەتىجىدە، ئىشلارنىڭ نەتىجىسى كۆپ ھاللاردا ئويلىغان يەردىن چىقمايدۇ.
教育孩子是一门科学,也不是“穷养与富养”所能涵盖的;教育孩子是一种智慧,亦是对父母本身所具教养的一种考验!
بالا تەربىيەلەش بىر ئىلىم، ئۇنى «نامرات بېقىش» ۋە «باياشات بېقىش» دېگەن سۆزلەرگە يىغىنچاقلىغىلى بولمايدۇ؛ بالا تەربىيەلەش بىر خىل ئەقىل-پاراسەت، شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىنى تەربىيەلىشىدىكى بىر خىل سىناقتۇر!
تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا،
چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
مەنبە: خەلق تورى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ | باشقىلارنىڭ مۇنەۋۋەرلىكىنى ئېتىراپ قىلىڭ
◇ خەيرلىك كەچ | شۇنچە ئالاھىدە تۇرۇپ، نېمىشقا ئېقىمغا ئەگىشىسىز؟
◇ خەيرلىك كەچ | سەبىي قىزلارچە ساددىلىقنى تاشلاپ، ياخشى ياشاڭ
◇ باشقىلاردىن ئۆگىنىڭ، ئۆزىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇڭ | خەيرلىك كەچ