18 تارماق ھۆججەت تارقاتتى: قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىپ ئىئانە توپلاشقا، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشقا بولمايدۇ
قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، يېقىندا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق 18 تارماق «قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداش خىزمىتى چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى. چارىدە مۇنداق بەلگىلەندى:
خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىدىن ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، خەيرىيەت ياردىمى بېرىش، غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويغاندا، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە قوغداشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.
بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قۇتقۇزۇش ۋە قوغداش ئاپپاراتلىرى، ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى، شۇنىڭدەك بالىلار نازارەتچىلىرى، بالىلار مۇدىرى قاتارلىقلارنىڭ ئۇچۇر قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتلىرى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، پىدائىيلار قاتارلىقلار ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش، بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلسە، پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشتا زۆرۈر بولغان ئەڭ تۆۋەن چەك ۋە دائىرە بىلەن چەكلىنىشى ھەمدە مۇناسىپ قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنى بەلگىلەشتۈرۈشىگە، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشىغا، ئېقىم مىقدارى تېپىشىغا، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىئانە توپلىشىغا، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ
ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 19 مىڭ200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ
جاڭ شيۇلۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى
تەيۋەننىڭ تەينەن شەھىرىدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى
دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا چوڭ تىپتىكى ئالتۇن كان بايقالدى
بايا ئېلان قىلىندى! دۇنيا بويىچە بىرىنچى!
جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا دوكلات يوق