ئەڭ يېڭى خەۋەر! 31 ئۆلكىنىڭ ئاھالىلەر ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئەھۋالى ئېلان قىلىندى
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تور بېكىتى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 31 ئۆلكىنىڭ 2024-يىللىق ئاھالىلەر ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر ئالتە ئۆلكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 41 مىڭ 314 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن نامدا %5.3 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە %5.1 ئاشقان. شەھەر-يېزىلار بويىچە ئايرىپ قارىغاندا، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 54 مىڭ 188 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن نامدا %4.6 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە %4.4 ئاشقان؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 23 مىڭ 119 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن نامدا %6.6 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە %6.3 ئاشقان.
ئۆلكىلەر بويىچە ئايرىپ قارىغاندا، بۇلتۇر ئالتە ئۆلكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە شاڭخەي، بېيجىڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى بىردەك 85 مىڭ يۈەندىن ئاشقان. 2024-يىلى شاڭخەي ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 88 مىڭ 366 يۈەنگە يېتىپ، 1-ئورۇندا تۇرغان. بېيجىڭ 85 مىڭ 415 يۈەن بىلەن 2-ئورۇندا تۇرغان. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، باشقا ئۆلكىلەرنىڭ شاڭخەي، بېيجىڭ بىلەن بولغان پەرقى بىرقەدەر چوڭ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
تەيۋەننىڭ تەينەن شەھىرىدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى
شىزاڭدىكى گېئولوگىيەلىك ئاپەتكە ئىنكاس قايتۇرۇش توختىتىلدى
دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا چوڭ تىپتىكى ئالتۇن كان بايقالدى
شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىدە يەر تەۋرىدى
شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 10 ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويىدۇ
چاۋشيەن دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىنى ئەيىبلىدى
بايا ئېلان قىلىندى! دۇنيا بويىچە بىرىنچى!
جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا دوكلات يوق