مۇبارەك بولسۇن قومۇل

时事   2025-01-21 19:31   北京  

مۇبارەك بولسۇن! قومۇل!

1-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ قومۇل شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، قومۇل شەھىرىنىڭ 2024-يىلى ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى(GDP) 108 مىليارد 439 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.3 ئېشىپ، شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. بۇ، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان يەنە بىر ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك شەھەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«قومۇل شەھىرى 2023-يىلى تاماملىغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 98 مىليارد 270 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 11.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى شىنجاڭ بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان.» قومۇل شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خې جىجۈن مۇنداق دېدى: قومۇل شەھىرىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2023-يىلى ۋە 2024-يىلى ئۇدا ئىككى يىل پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بويىچە مۇقىم 1-ئورۇندا تۇردى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىدە يەر تەۋرىدى

شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 10 ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويىدۇ

چاۋشيەن دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىنى ئەيىبلىدى

بايا ئېلان قىلىندى! دۇنيا بويىچە بىرىنچى!

ھەقسىز! ئۇدا سەككىز كۈن!

جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا دوكلات يوق

ياپونىيەدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى

مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى بايرام بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك

ۋاڭ شىڭ ئادەم توشۇپ-سېتىشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەن

جاڭ شيۇلۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى

ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 19 مىڭ200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ

يان تېلېفون، كومپيۇتېر سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ

شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章