قىشلىق تەتىل يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم مەزگىلى

时事   2025-01-26 17:31   北京  

نېمە ئۈچۈن قىشلىق تەتىلنى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم مەزگىلى دەيمىز؟

قىشلىق تەتىل مەزگىلى دەل باھار بايرىمى مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئاتا-ئانىلىرىغا ئەگىشىپ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلايدۇ، ئائىلە يىغىلىشىغا قاتنىشىدۇ، دالا پائالىيىتى ئازىيىش، ئۇزۇن ۋاقىت يېقىن ئارىلىقتا كۆز ئىشلىتىش، ئۇيقۇ، يېمەك-ئىچمەك تەرتىپسىز بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ئاسانلا كۆرۈلىدۇ. كۆپ يىللىق يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، نۇرغۇن بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەردە قىشلىق تەتىلدە يىراقنى كۆرەلمەسلىك ياكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك دەرىجىسى ئېغىرلىشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تەربىيەلەش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، بالىلار ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىشقا يېتەكلەپ، دالا پائالىيىتى، تەنتەربىيە چېنىقىشى، ئۆي ئىشلىرى، جەمئىيەت ئەمەلىيىتى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش قاتارلىقلارغا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشنى ئاڭلىق ھالدا ئىلمىي باشقۇرۇپ تىزگىنلىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ

ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 19 مىڭ200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ

جاڭ شيۇلۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

تەيۋەننىڭ تەينەن شەھىرىدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى

دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا چوڭ تىپتىكى ئالتۇن كان بايقالدى

بايا ئېلان قىلىندى! دۇنيا بويىچە بىرىنچى!

جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا دوكلات يوق

ياپونىيەدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى

مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى بايرام بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章