مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم يىرىك پىلان ئېلان قىلىندى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پىلان پىروگراممىسى(2024-2035)»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2035-يىلىغا بارغاندا مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يۈزلىنىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇردى.
ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم نۇقتىلارنى كۆرۈپ باقايلى:
بىر تۈركۈم «چوڭ ئىدىيە-سىياسىي دەرسى» داڭلىق ماركىسى يارىتىلىدۇ.
«ساغلاملىق بىرىنچى» تەربىيەسى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىش پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر كۈنى ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى ئىككى سائەتتىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، مەكتەپ پۇتبولچىلىقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى، سېمىزلىك نىسبىتى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنىدۇ.
پسىخىكا ساغلاملىقى تەربىيەسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىكا ساغلاملىقىنى ئۆلچەش، ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئوقۇش بۆلىكى بويىچە مۇلازىمەت خىزمىتى مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.
يېڭى دەۋرنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، «جۇڭگو يۈرۈشلۈكلىرى» ئەسلىي ئىجادىي دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى يولغا قويۇپ، مۇستەقىل دەرسلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ.
ھەقسىز مائارىپ دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.
«شەھەر-ناھىيە بىرلەشتۈرۈلگەن» ئاساسىي مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، ئۆز يېرىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ ھەرقايسى ئوقۇش بۆلەكلىرىدىكى مائارىپ بايلىقىنى تۇتاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ، ئوقۇش بۆلىكىدىن ھالقىپ جانلىق تەڭشەش ۋە قالدۇق-كەمچىللىكنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇسنىڭ شەھەر-بازارلارغا ساپ ئېقىپ كىرگەندىكى مائارىپ بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىش كېرەك.
نوپۇسى 200 مىڭدىن ئاشىدىغان ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن)نىڭ ئۆلچەمگە يەتكەن ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىدىن بىرنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشىنى قوللاپ، شارائىتى بار رايونلارنىڭ 15 يىللىق ئىزچىل تۈزۈمدىكى ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، زۆرۈر بولغان يېزا-كەنتلەردىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپلەرنى ياخشى قۇرۇش كېرەك.
شارائىتى بار يەسلىلەرنىڭ ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنى قوبۇل قىلىشىنى قوللاش كېرەك.
شەھەر ئىچىدىكى تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىل تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىش كېرەك.
ئىلىم-پەن مائارىپىنى ئالاھىدىلىك قىلغان بىر تۈركۈم ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ياخشى قۇرۇش كېرەك.
مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى تۈزەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، پەندىن باشقا تۈردىكى تەربىيەلەشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.
مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئاساسىي بازىلىق رولىنى كۈچەيتىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.
تەكرار تاپشۇرۇقنى ئازايتىپ، كۈندىلىك ئىمتىھان-سىناقنى ئازايتىش كېرەك.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆ قولغا ئېلىندى
◇ جۇڭگو ئۆزىنىڭ يوللۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ
◇ بۇ جۇڭگو-تۈركىيە ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى
◇ ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟