ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقارمىغان بولسىلا تاموژنا بېجى تاپشۇرىدۇ

时事   2025-01-26 19:35   北京  

ترامپ: ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقارمىغان بولسىلا زور سوممىلىق تاموژنا بېجى تاپشۇرىدۇ

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 1-ئاينىڭ 23-كۈنى دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2025-يىللىق يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقارمىغان مەھسۇلاتلار «نەچچە يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، ھەتتا نەچچە تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى» تاموژنا بېجىغا دۇچ كېلىدۇ.

ترامپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ دۇنيادىكى كارخانىلارغا بېرىدىغان ئۇچۇرۇم شۇكى، <ئامېرىكىغا كېلىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش> كېرەك، بولمىسا جەزمەن ئوخشاش بولمىغان سوممىدا تاموژنا بېجى تاپشۇرۇشى لازىم، شۇنداق بولغاندا، نەچچە يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، ھەتتا نەچچە تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى ئامېرىكا دۆلەت خەزىنىسىگە كىرىدۇ.» ئۇ يەنە ئامېرىكىدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ بېجىنى %15كە چۈشۈرۈشكە ۋەدە بەردى.

ترامپ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاموژنا بېجى بەك يۇقىرى، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چەكلىمىسى بەك كۈچلۈك، ئامېرىكا بىلەن بولغان سودىدا تەتۈر بالانىس بەك چوڭ، دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇ بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ «ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئادىلسىز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ ياۋروپانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا سورالغاندا، ترامپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ جاۋاب بەردى. ئۇ ياۋروپا بىلەن ئېنېرگىيە كېلىشىمى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ترامپ يەنە دۇنيا نېفىت بازىرىغا كەڭ كۆلەمدە ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ئوپېك)غا ئەزا دۆلەتلەرنى «نېفىت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش»كە مۇراجىئەت قىلدى.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى توغرىسىدا، ترامپ مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا توقۇنۇشنىڭ تىنچ ھەل قىلىنىشىغا تىرىشىپ ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ

ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 19 مىڭ200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ

جاڭ شيۇلۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

تەيۋەننىڭ تەينەن شەھىرىدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى

دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا چوڭ تىپتىكى ئالتۇن كان بايقالدى

بايا ئېلان قىلىندى! دۇنيا بويىچە بىرىنچى!

جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا دوكلات يوق

ياپونىيەدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى

مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى بايرام بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章