تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكى تەپسىلاتلارغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ

时事   2025-01-23 22:30   北京  


خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ

ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز. 

ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 




美好的生活,总藏在细节里

تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكى تەپسىلاتلارغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ



ღ ღ ღ


周末约了好友小叶子逛街。我等在她小女儿周末上培优班的路口,看她缓缓走下车。我注意到她整齐的眉毛和慵懒的发型,顺口夸了她几句,她笑着说:刚才送孩子上学,来不及化妆,又怕你等得着急,在开车等红灯时画的眉毛,还不错吧。

ھەپتە ئاخىرىدا دوستۇم شياۋ يېزى بىلەن بازار ئايلىنىشقا كېلىشتىم. مەن ئۇنى كىچىك قىزىنى ھەپتە ئاخىرىدىكى «مۇنەۋۋەر ئوقوغۇچى تەربىيەلەش» كۇرسىغا ئاپىرىپ قويىدىغان يول ئېغىزىدا ساقلاپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ ئاپتوموبىلدىن ئالدىرىماي چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. شۇ چاغدا، ئۇنىڭ رەتلىك قاشلىرى ۋە تۈزۈك تارالماي مۇنداقلا شەكىل چىقىرىلغان چاچلىرىغا دىققىتىم تارتىلىپ بىرنەچچە ئېغىز ماختاپ قويسام، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «بايا بالىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويىمەن دەپ گىرىم قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم، سىزنىڭ ساقلاپ تىت-تىت بولۇپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ ئاپتوموبىلنى قىزىل چىراغدا توختاتقاندا قېشىمنى سىزىۋالدىم، خېلى چىرايلىق سىزىپتىمەنمۇ؟» دېدى.

这种细节是一种美,也是一种礼貌。

بۇنداق تەپسىلاتلار بىر خىل گۈزەللىك، شۇنداقلا يەنە بىر خىل ئەدەب.


ღ ღ ღ


北岛曾经说我们生活在一个没有细节的时代,他在大学里教散文写作,让同学们写写童年,发现几乎没人会写细节,这非常可怕,因为商业化的时代正从人们的生活里删除细节,一个观念出来,大家纷纷跑去跟风。

بېيداۋ ئىلگىرى: «بىز بىر تەپسىلات يوق دەۋردە ياشاۋاتىمىز» دېگەنىدى. ئۇ داشۆدە نەسىر يېزىقچىلىقى دەرسى ئۆتكەندە، ئوقۇغۇچىلارنى بالىلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە يېزىشقا بۇيرۇسا، ئاساسەن دېگۈدەك ھېچكىم يازالمىغانىكەن. بۇ تولىمۇ قورقۇنچلۇق بىر ئىش. چۈنكى، بۇ تاۋارلاشقان دەۋرنىڭ ئۇششاق تەپسىلاتلارنى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن چىقىرىۋېتىپ بارغانلىقى، بىرەر كۆز-قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھامان ھەممە ئادەمنىڭ ئېقىمغا ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

说话也是一样的,有些人,说话除了炫耀就是抱怨,却听不到任何清新动人的细节。所以,有些话越说越累人,越来越多的人不愿真诚开口。

پاراڭلىشىشمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. چۈنكى، بەزىلەر ئاغزىنى ئاچسىلا بىرەر نەرسىسىنى كۆز-كۆز قىلىدۇ ياكى ئاغرىنىدۇ، ھېچكىمنىڭ ئاغزىدىن يېڭىچە، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چەككۈدەك تەپسىلاتلارنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بەزى پاراڭلار ئاڭلىغانسېرى كىشىنى چارچاتقانلىقتىن، سەمىمىيلىك بىلەن گەپ قىلىدىغانلار بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى.

我曾在书里看过描写国外的书店:比如一本关于钓鱼的书,不是扎在书堆里,变成那种大路货,而是营造出一本书的氛围——书、鱼杆、休闲椅、便当、背篓、还有防晒霜,他们在营造一种生活细节,将书和生活紧密相联,这倒符合一些注重细节的人想法。

ئىلگىرى بىر كىتابتىن چەت ئەلدىكى كىتابخانا تەسۋىرلەنگەن قۇرلارنى ئوقۇغانىدىم: مەسىلەن، بېلىق تۇتۇش توغرىسىدىكى بىر كىتاب بولسا، ئۇنىڭدا بېلىق تۇتۇش ئادەمنى كىتاب دۆۋىسىدە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، باشقا ئادەتتىكى تاۋارلارغا ئوخشاش چۈشەندۈرەلمەستىن، بەلكى، بىر خىل كىتاب مۇھىتى بەرپا قىلىنىدۇ. يەنى كىتاب، بېلىق قارمىقى، راھەت ئورۇندۇق، تەييارلاش ئاسان تاماق، يۈدۈمە سېۋەت، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى قاتارلىقلار بىر خىل تۇرمۇش تەپسىلاتى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، كىتاب بىلەن تۇرمۇشنى زىچ باغلايدۇ. بۇ تەپسىلاتقا ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆز-قارىشىغا ماس كېلىدۇ.

很多人不喜欢逛大书店是因为压抑、沉重、累、又没有乐趣,反倒不如某些城市街角里呆过的小书店来得悠然惬意,几把竹椅、半盏清茗、满地碎阳、一卷闲书。

نۇرغۇن ئادەم سىقىلىش، بېسىم ۋە ھېرىش-چارچاش ھېس قىلغانلىقى، شۇنداقلا خۇشاللىق تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن چوڭ كىتابخانىلارنى ئايلىنىشنى ياقتۇرماي، شەھەرنىڭ مەلۇم بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى كىچىك كىتابخانىلاردا ئولتۇرۇشتىن، ئۇ يەرلەردىكى بىر نەچچە تال بامبۇك ئورۇندۇق، ئەتراپقا ھەرە كۆنىكىدەك يېيىلغان قۇياش نۇرى، مەقسەتسىزلا ئوقۇلغان بىرەر پارچە كىتابتىن خاتىرجەملىك ۋە قانائەت ھېس قىلىدۇ.


ღ ღ ღ


朋友的母亲,就是一个注意生活细节的人。

دوستۇمنىڭ ئانىسى دەل مۇشۇنداق تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىغا دىققەت قىلىدىغان ئايال.

记得那时她们虽然住在一套只有60平方米的旧房里,阿姨却打理着一个漂亮的花草露台。

ئېسىمدە قېلىشىچە، شۇ چاغلاردا ئۇلار گەرچە ئارانلا 60 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كونا ئۆيدە تۇرسىمۇ، ئەمما، ئۇ ئۆيىدە گۈل-گىياھ قاپلىغان ئايۋاندىن بىرنى بەرپا قىلغانىدى.

夏天的黄昏里,我总会以各种理由流连在她家,常出神地看她穿着一件宽松的布裙走来走去,然后把冰镇西瓜挖空了盛着凉面端出来,浇上芝麻酱,再喝上一壶绿豆茶,说不出的清凉美好。

ياز كۈنلىرى كەچقۇرۇن مەن ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆزۈممۇ بىلىپ-بىلمەي ئۇنىڭ ئازادە كۆڭلەك كىيىپ ماڭغىنىچە توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلانغان تاۋۇزنىڭ ئېتىنى ئېلىۋېتىپ، شاپىقىغا سوغۇق چۆپ ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۈستىگە كۈنجۈت قىيامى تۆكۈپ يەيدىغانلىقىنى ۋە بىر چەينەك ماش چېيى ئىچىدىغانلىقىنى كۆرەتتىم. بۇ مەنزىرە ئادەمگە تولىمۇ سالقىن ۋە گۈزەل تەسىر بېرەتتى.

她端着西瓜凉面走向露台时的香风习习,伴着夏天的蝉鸣,花草摇曳,这样有创意又漂亮的细节,一直留在我的脑海里。

ئۇنىڭ تاۋۇز شاپىقىغا سېلىنغان سوغۇق چۆپنى ئالغىنىچە خۇشپۇراق تارقىتىپ ئايۋانغا ماڭغاندىكى تۇرقىغا يازدىكى تومۇزغىلارنىڭ چىرىلداشلىرى، گۈل-گىياھلارنىڭ ئىرغاڭلاشلىرى قوشۇلاتتى، ھەم ئىجادكارلىق ھەم گۈزەللىككە تولغان بۇنداق تەپسىلات ئېسىمدە ئىزچىل ساقلىنىپ كەلگەنىدى.

前些日子我与一位兄长聊天,他谈起自己刚刚读了大学的儿子。

ئالدىنقى كۈنلەردە مەن بىر ئاكام بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمدىلا ئالىي مەكتەپكە چىققان ئوغلى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى.

他说孩子上小学、中学时因为工作特忙从未接送过,但上了大学后,他反而每个周末都送儿子到同城的大学,这成了一件让他特别愉快的事,因为一路上可以聊天,什么都聊,边走边说,一两个小时的路程,父子俩都很享受这个过程,路上有风吹,有鸟鸣,有甜点铺和爬上了铁栅栏的粉蔷薇,灿烂在四、五月份,还有儿子青春的脸……

ئۇ ئاكام خىزمەت ئالدىراشلىقى سەۋەبلىك ئوغلى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغاندا ئۇنى ئەزەلدىن ئاپىرىپ، ئەكىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما، ئوغلى ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ھەر ھەپتە ئاخىرىدا ئۇنى ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەردىكى ئالىي مەكتەپكە ئاپىرىپ قويغان ھەمدە بۇ ئۇنى ناھايىتى خۇشال قىلىدىغان ئىشقا ئايلانغان. چۈنكى، ئۇلار يولبويى ھەر خىل پاراڭلارنى قىلىشقان، يول ماڭغاچ پاراڭلاشقانلىقتىن، ئاتا-بالا ئىككىيلەن بۇ 2-1 سائەتلىك سەپەردىن ناھايىتى ھۇزۇرلانغان، يولبويى ئۇنىڭغا يەلپۈنۈپ تۇرغان شامال، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى، تاتلىق-تۈرۈم ساتىدىغان دۇكان ۋە تۆمۈر رېشاتكىغا يامىشىپ ئۆسكەن ھالرەڭ ئەتىرگۈل، قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرغان 4-، 5-ئاي، شۇنداقلا ئوغلىنىڭ ياشلىق جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايى ھەمراھ بولغانىدى....

当然,不爱做饭的他因为儿子爱喝粥,反复研究,自创了一款经典的粥,只要孩子在家,他都会亲手熬粥,天天熬,多少带着他的个人风格,成了他的招牌粥。他说,希望儿子离家时每每想到这些细节心里都是暖的。

ئەلۋەتتە، تاماق ئېتىشنى ياقتۇرمايدىغان ئۇ ئوغلىنىڭ ئۇماچ ئىچىشكە ئامراقلىقى سەۋەبلىك قايتا-قايتا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تۈجۈپىلەپ تەييارلىنىدىغان بىر خىل ئۇماچ ئىجاد قىلغان، ئوغلى ئۆيدە بولسىلا ئۆز قولى بىلەن ھەر كۈنى ئۇماچ ئەتكەن، بۇ ئۇماچقا ئۇنىڭ تاماق ئېتىش ئۇسلۇبى سىڭىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇ ئېتىشكە ئۇستا ئۇماچقا ئايلانغانىدى. ئۇ: «ئوغلۇم ئۆيدىن ئايرىلىپ ھەر قېتىم مۇشۇ تەپسىلاتلارنى ئېسىگە ئالغاندا، قەلبىنىڭ ئىللىقلىققا تولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

我听了很感动,这个世界再怎么喧嚣、浮躁、动荡、变迁,还是有无可替代的深情与简洁纯粹的爱存在的。

مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قاتتىق تەسىرلەندىم. بۇ دۇنيا ھەرقانچە شاۋقۇن-سۈرەنلىك، ھەرقانچە ئالدىراشچىلىق، ھەرقانچە پاراكەندىچىلىك، ھەرقانچە ئۆزگىرىشكە تولغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھامان باشقا نەرسە ئورنىنى ئالالمايدىغان چوڭقۇر ھېسسىيات ۋە ساپ مېھرى-مۇھەببەت مەۋجۇت بولىدىكەن.

所以,保持某种真心,做个能讲出细节的人才是最重要的。

شۇڭا، مەلۇم خىل سەمىمىي قەلبنى ساقلاپ، تەپسىلاتنى ئۆزىدە ھەقىقىي نامايان قىلالايدىغان ئادەمگە ئايلىنىش ئەڭ مۇھىم.


ღ ღ ღ


张爱玲和胡兰成分手后,胡兰成一直记着有些细节,就是张爱玲喜欢闻气味:别人不喜欢的气味爱玲都喜欢,雾的轻微的毒气,雨打湿的灰尘,葱、蒜、廉价的香水味,还有汽油,有人闻了要头晕的,她却特意要坐在车夫身旁,或是走到汽车后面,等到它开动的时侯布布布地放气,还有她每年都用汽油擦洗衣橱,满房都是那清刚明亮的气息,还故意放慢了手和脚,尽着汽油大量蒸发。

جاڭ ئەيلىڭ بىلەن خۇ لەنچېڭ ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، خۇ لەنچېڭ بەزى تەپسىلاتلارنى، يەنى جاڭ ئەيلىڭنىڭ پۇراقلارنى پۇراشقا ئامراقلىقىنى ئىزچىل ئېسىدە ساقلاپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەيلىڭ باشقىلار ياقتۇرمايدىغان پۇراقلارنىمۇ ياقتۇرىدۇ، تۇمان تەركىبىدىكى سۇس زەھەرلىك گازنىڭ پۇرىقى، يامغۇردىن كېيىنكى چاڭ-توزاننىڭ پۇرىقى، پىياز، سامساق ۋە ئەرزان ئەتىرلەرنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغاندىن باشقا، يەنە تېخى بەزىلەر پۇرىسا بېشى قېيىپ كېتىدىغان بېنزىن پۇرىقىنى ئۇ ئاتايىن شوپۇرنىڭ يېنىدا ئولتۇرىۋېلىپ ياكى ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىغا ئۆتۈۋېلىپ، ئاپتوموبىل ئوت ئالدۇرۇلغاندا، «ۋۇڭ-ۋۇڭ-ۋۇڭ» قىلىپ گاز قويۇپ بەرگەندە پۇرىۋالىدۇ، ئۇ يەنە ھەر يىلى بېنزىندا كىيىم ئىشكاپىنى سۈرتىدۇ، ئۆينىڭ ھەممە يېرى كىشىگە ئازادىلىك بېغىشلايدىغان يەڭگىل پۇراققا تولغاندا، ئۇ ئاتايىن ئىش قىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىپ، بېنزىننىڭ كۆپلەپ ھورلىنىشىدىن ھوزۇرلىنىدۇ».

后来,有人向她求证。

كېيىن، بەزىلەر ئۇنىڭدىن بۇ ئىشلارنىڭ راست، يالغانلىقىنى سورايدۇ.

她说:回忆这东西若有气味的话,那就是樟脑的香,甜而稳妥,像记得分明的快乐,甜而怅惘,像忘记了忧愁。

ئۇ: «ئەسلىمە دېگەن بۇ نەرسىنىڭ پۇرىقى بار دېيىلسە، ئۇ دەل ئېنىق ئەستە قالغان خۇشاللىقتەك شېرىن ھەم ئۆزگەرمەيدىغان، غەم-قايغۇنى ئۇنتۇپ قالغاندەك تاتلىق ھەم مەيۈس كامفورانىڭ خۇشپۇرىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

说这话时,她不动声色,只怕心里,早就山河万千了。

بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش كۆرۈلمەيدۇ. بىراق، ئۇنىڭ خىيالىغا ئاللىبۇرۇن تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلار كېلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.

想必胡兰成记住的这份细节里,带着那段情的历历魂魄,在冷凉里还有一丝余温吧。

خۇ لەنچېڭنىڭ ئېسىدە قالغان بۇ تەپسىلات، ئېھتىمال، ئىككەيلەننىڭ ئاشۇ مەزگىلدىكى ھېسسىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى، ئىككەيلەننىڭ مېھرى-مۇھەببىتى تېخى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ كەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن.


ღ ღ ღ


人到中年,我开始喜欢那些注重细节的人,因为细节微妙,它能让人心潮起伏,在浮华的灯影里看到内心最深处。

مەن ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە تەپسىلاتقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلارنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ قالدىم. چۈنكى، تەپسىلات ئۇششاق ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ قەلبىدە داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، ھەشەمەتلىك چىراغ نۇرلىرى ئارىسىدا ئۆز قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا نەزەر سېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

接受一份工作时,是因为对它有兴趣和热情,而不是因为它让自己一辈子有饭吃;做某件事,是因为发自内心的喜欢,点滴真实;在路上旅行,离开某个城市,交往某个人,全都凭着那些能让内心热情的细节,因为生活对这样的人来说,从来都是自已给的,眼前的细节,才是最重要的。

ئادەم مەلۇم بىر خىزمەتنى ئۆز تۇرمۇشىنى بىر ئۆمۈر كاپالەتكە ئىگە قىلارمىكىن دەپ ئەمەس، بەلكى، ئۇنىڭغا بولغان زوق ۋە قىزغىنلىق سەۋەبلىك قوبۇل قىلىدۇ؛ مەلۇم بىر ئىشنى بولسا، ئۇنى چىن كۆڭلىدىن ياقتۇرغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ ھەمدە ھەربىر باسقۇچىنى سەمىمىيلىك بىلەن تاماملايدۇ؛ ساياھەت قىلىپ مەلۇم شەھەردىن ئايرىلىش، مەلۇم ئادەم بىلەن مۇھەببەتلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە كىشى ئۆز قەلبىدە پەيدا بولىدىغان قىزغىنلىققا تايىنىدۇ. چۈنكى، بۇنداق كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەم تۇرمۇشنى ئۆزى ياراتقانلىقتىن، كۆز ئالدىدىكى تەپسىلاتلارلا ئەڭ مۇھىم بولىدۇ.

一般能将细节做到极致的人,通常是温暖沉稳的,他们懂得这份细节是空山闻惊雷,午夜听花语。

ئادەتتە، تەپسىلاتلارنى ۋايىغا يەتكۈزەلەيدىغانلار مېھرىبان، ئېغىر بېسىق بولىدۇ. ئۇلار بۇ تەپسىلاتلارنىڭ كىشى قەلبىدە داۋالغۇش پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

即使美好只是刹那,也足够了。

گەرچە، گۈزەللىك دەقىقە ساقلانسىمۇ، شۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك.

到底是有过的......

چۈنكى، ئۇ نېمىلا دېگەنبىلەن يۈز بەردى ئەمەسمۇ....




تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز



         بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

         مەنبە: خەلق تورى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


◇ ئۇرۇشالمايدىغان قىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق

◇ ئۆزىنى ياش ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ

◇ نادانلىقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش

◇ تۇرمۇش مۇراسىم تۇيغۇسىغا مۇھتاج

◇ خۇشال بولالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى كەڭ قورساق بولالمىغانلىقىڭىزدا

◇ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章