ئۇشتۇمتۇت! تەيۋەننىڭ تەينەن شەھىرىدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى، فۇجيەننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تەۋرەش سېزىمى روشەن بولدى
جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 1-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 00 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، تەيۋەننىڭ تەينەن شەھىرى (شىمالىي كەڭلىك 23.24 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 120.51 گىرادۇس)دە 6.2 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 14 كىلومېتىر بولغان. نۆۋەتتە تالاپەت كۆرۈلگەنلىك ۋە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغانلىق توغرىسىدا ۋاقتىنچە دوكلات يوق.
1-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 00 دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە تەيۋەننىڭ تەينەن شەھىرى (شىمالىي كەڭلىك 23.25 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 120.45 گرادۇس)دە 4.3 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 15 كىلومېتىر بولدى.
يەر تەۋرەشتە تەيۋەن ئارىلىدا تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولدى، فۇجيەننىڭ چۈەنجوۋ، شيامېن، فۇجوۋ، پۇتيەن قاتارلىق جايلىرىدا تەۋرەش سېزىمى روشەن بولدى، جېجياڭنىڭ نىڭبو، خاڭجوۋ، شاڭخەي قاتارلىق جايلىرىدىمۇ تەۋرەش سېزىمى بولدى.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىدە يەر تەۋرىدى
شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 10 ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويىدۇ
چاۋشيەن دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىنى ئەيىبلىدى
بايا ئېلان قىلىندى! دۇنيا بويىچە بىرىنچى!
جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا دوكلات يوق
ياپونىيەدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى
مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى بايرام بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك
ۋاڭ شىڭ ئادەم توشۇپ-سېتىشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەن
جاڭ شيۇلۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى
ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 19 مىڭ200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ
يان تېلېفون، كومپيۇتېر سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ