ئىسرائىلىيە قاماپ قويۇلغان 90 نەپەر پەلەستىنلىك خادىمنى قويۇپ بەردى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئىسرائىلىيە تۈرمىسىگە قامالغان 90 نەپەر پەلەستىنلىكنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە قويۇپ بېرىلگەن ئىسرائىلىيەلىك تۇتۇپ تۇرۇلغان خادىملار ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئىسرائىلىيە تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى قاماپ قويۇلغان پەلەستىنلىك 78 كىشىنى ئاپتوبۇس بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئوۋېر تۈرمىسىگە ئېلىپ بېرىپ، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك قىسمى بىلەن قىزىل كىرست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇ يەردە قاماپ قويۇلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى سېلىشتۇرغان ھەمدە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرگەن، ئۇنىڭدىن باشقا قاماپ قويۇلغان 12 نەپەر شەرقىي يېرۇسالىملىق پەلەستىنلىكمۇ قويۇپ بېرىلىپ ئۆيىگە قايتقان.
ئىسرائىلىيە «يېڭى خەۋەر» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قويۇپ بېرىلگەن پەلەستىنلىك قاماپ قويۇلغۇچىلار «تېررورلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە قوللاش، ۋە خاتا قىلمىش سادىر قىلىش» قاتارلىق نىسبەتەن يېنىك «جىنايەت» سەۋەبلىك ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا، ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ تەخمىنەن 1900 نەپەر پەلەستىنلىك قاماپ قويۇلغۇچىنى قويۇپ بېرىشى مۆلچەرلەندى.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆ قولغا ئېلىندى
◇ جۇڭگو ئۆزىنىڭ يوللۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ
◇ بۇ جۇڭگو-تۈركىيە ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى
◇ ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟