ب د ت ئامېرىكىنىڭ 2800000000 دوللار قەرز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت نىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى فارخان خاك شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئامېرىكا تاپشۇرمىغان ب د ت نىڭ ئادەتتىكى خامچوت چاچما سوممىسىنىڭ بىر مىليارد 500 مىليون دوللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، خاك نۆۋەتتە ئامېرىكا تاپشۇرمىغان ب د ت نىڭ ئادەتتىكى خامچوت چاچما پۇلىنىڭ بىر مىليارد 500 مىليون دوللار ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا تاپشۇرمىغان تىنچلىق ساقلاش خامچوتى چاچما پۇلى ۋە سوت خامچوتىنى قوشقاندا، جەمئىي 2 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خاك يەنە بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى يىللىق ئەزالىق بەدىلىنى نېسى قالدۇرسا بولىدىغانلىقىنى، بولمىسا ب د ت يىغىنىدا بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خاك ئامېرىكىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا «ھازىرچە بەكلا يېقىنلىشىپ قالمىغانلىقى»نى بىلدۈردى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ب د ت خامچوت خىراجىتى ئاساسلىقى ئەزا دۆلەتلەر تاپشۇرغان ئەزالىق خىراجىتىدىن كېلىدىكەن. «ب د ت خارتىيەسى»نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەزا دۆلەتلەر نېسى قالدۇرغان ئەزالىق ھەققى ئالدىنقى ئىككى يىلدا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئەزالىق ھەققىگە تەڭ ياكى ئېشىپ كەتسە، بۇ خىل ئەھۋالنى كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىسپاتلىيالمىغاندا، ب د ت يىغىنىنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆ قولغا ئېلىندى
◇ جۇڭگو ئۆزىنىڭ يوللۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ
◇ بۇ جۇڭگو-تۈركىيە ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى
◇ ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
◇ يان تېلېفوننىڭ بۇ ئىقتىدارىنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىڭ
◇ ئىسرائىلىيە قاماپ قويۇلغان 90 پەلەستىنلىكنى قويۇپ بەردى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟