ئىككى تارماق: ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە ئىگىلىك تىكلەش قەرزى بېرىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشىنى يەنىمۇ قوللاش كېرەك
يېقىندا، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرگە ئىگىلىك تىكلەش قەرزى بېرىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشىغا يەنىمۇ مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا سىياسەتنىڭ مەزمۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، بانكا ئاپپاراتلىرىدىن قوللاش ئوبيېكتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە پۇل ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قەرز پۇل سوممىسى ۋە مۇددىتىنى مۇۋاپىق بېكىتىش ھەم ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئېرىشكەن ھەربىي تۆھپە، شان-شەرەپ، تەقدىرنامە قاتارلىق ئۇچۇرلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، خېرىدارلار ئىجازىتى، قەرز پۇل سوممىسى ۋە مۇددىتى قاتارلىق جەھەتلەردە مايىللىشىپ، ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، كىرېدىت تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
تەيۋەننىڭ تەينەن شەھىرىدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى
شىزاڭدىكى گېئولوگىيەلىك ئاپەتكە ئىنكاس قايتۇرۇش توختىتىلدى
دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا چوڭ تىپتىكى ئالتۇن كان بايقالدى
شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىدە يەر تەۋرىدى
شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 10 ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويىدۇ
چاۋشيەن دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىنى ئەيىبلىدى
بايا ئېلان قىلىندى! دۇنيا بويىچە بىرىنچى!
جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا دوكلات يوق