ئېلىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش لازىم

时事   2025-01-24 22:31   北京  

ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىنىڭ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبە: خەلق تورى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 1-ئاينىڭ 23-كۈنى مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىنىڭ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن بىرلىكتە باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىغا باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى. 

ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ 2024-يىللىق خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە 2025-يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاكتىپ، ساغلام دىنلار مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك. ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىن ساھەسىدىكىلەر ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنىڭ جۇڭگوچىلىشىشىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق يېتەكلەش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئەھۋالىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دىنىي ئەقىدە ئىدىيەسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى كۈچەيتىپ، دىن ساھەسى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خىزمەتتە ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش، ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز-ئۆزىگە چەك قويۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى،  جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيىتى ، جۇڭگو خىرىستىيان دىنى ئۈچ ئۆز ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.



       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆ قولغا ئېلىندى

◇ جۇڭگو ئۆزىنىڭ يوللۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ

◇ خۇش خەۋەر! %5 ئاشتى

◇ بۇ جۇڭگو-تۈركىيە ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى

◇ ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

◇ يان تېلېفوننىڭ بۇ ئىقتىدارىنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىڭ

◇ ئىسرائىلىيە قاماپ قويۇلغان 90 پەلەستىنلىكنى قويۇپ بەردى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章