بۇنداق «خىسلەتلىك دورا»لارنىڭ ئەپت-بەشىرىسىنى ئاشكارىلايلى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جياڭسۇ، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇنغا خىلاپ بىر تۈركۈم ئېلان تىپىك دېلولىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى توردا ساختا «خىسلەتلىك دورا» سېتىشقا چېتىلىدۇ.
بۇ دېلولاردا، بەزى ناچار تىجارەت سۇبيېكتلىرى ئادەتتىكى يېمەكلىك ياكى ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرىنى ساتقاندا، بۇ ئادەتتىكى يېمەكلىك ياكى ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرىنى تۈرلۈك كېسەللەرنى داۋالايدىغان «خىسلەتلىك دورا» دەپ ماختاپ ئۇچۇرۇپ، ئىستىمالچىلارنى كۆپ پۇل خەجلەپ سېتىۋېلىشقا قىزىقتۇردى. ئالدانغان بەزى ئىستىمالچىلار يېنىك بولغاندا پۇل-مالدىن زىيان تارتتى، ئېغىر بولغانلىرى داۋالاشقا دەخلى يەتكۈزۈپ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاشتى، ھەتتا بۇ سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالدى.
توردىكى ساختا «خىسلەتلىك دورا»لار كەڭ تور ئەھلىنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپ، بازارنىڭ نورمال تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىدۇ، ھەتتا ئىستىمالچىلارنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ، شۇڭا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك!
بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئېنىقلىشىچە، بۇ ئاتالمىش «خىسلەتلىك دورا»لارنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتىكى يېمەكلىكلەر ئىكەن، بەزىلىرى ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئۇچۇرى يوق ساغلاملىق بۇيۇملىرىغا تەۋە بولۇپ، كېسەل داۋالاش ئىقتىدارى قەتئىيلا يوق ئىكەن.
بەزى تور چولپانلىرى «قاندىكى شېكەر مىقدارىنى چۈشۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە» دەۋالغان «خىسلەتلىك دورا»لار ئەمەلىيەتتە ئاچچىق كاۋا ئىكەن؛ «ھەممە كېسەلنى داۋالىيالايدۇ» دەۋالغان ئاجايىپ دورا پاراشوكى ئەمەلىيەتتە كەھرىۋا پاراشوكى ئىكەن؛ «قان تومۇردىكى تىنىپ قالغان چۆكمىلەرنى تازىلىيالايدىغان» «خىسلەتلىك دورا»نىڭ ئاساسلىق تەركىبى بۇغداي مايسىسى ئىكەن؛ «يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى داۋالىيالايدىغان» «تارقاق فاكتور بىرىكمە تابلىتى» ئەمەلىيەتتە پەقەتلا بىرازىلىيە موگۇسى، چارتال، لوخەن مېۋىسىدىن ياسالغان بىرىكمە كەمپۈت ئىكەن.
ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىدا، يېمەكلىككە چېتىلىدىغان ئېلانلار «ھەقىقىي، قانۇنلۇق بولۇشى كېرەك، ساختا مەزمۇن بولماسلىقى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئىقتىدارىغا چېتىلماسلىقى كېرەكلىكى» ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئېلان قانۇنىدا يەنە «داۋالاش، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئېلانىدىن باشقا ھەرقانداق ئېلاننىڭ كېسەل داۋالاش ئىقتىدارىغا چېتىلىشى چەكلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
بۇ قانۇن-بەلگىلىمىلەر ئۇ ناچار تور دىكتورلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئايان. بىۋاسىتە كۆرسىتىش جەريانىدا ئۇلار ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسىغا «ھەممە كېسەلنى داۋالايدۇ»، «ئالاھىدە ئۈنۈملۈك خىسلەتلىك دورا» قاتارلىق كۆزگە چېلىقىدىغان خەتلەرنى يېزىپ قويىدۇ ياكى سۆزلەپ تونۇشتۇرغاندا «كىچىك ئاق تابلېتكا» دېگەن سۆز ئارقىلىق «ئاجايىپ دورا»نى ئىشارە قىلىدۇ، «يىڭنە» دېگەن سۆز ئارقىلىق ئىنسۇلىننى كۆرسىتىپ، بۇ ئارقىلىق سۇپىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىدىن قاچىدۇ.
ساختا «خىسلەتلىك دورا»لارنىڭ زىيىنى ئېغىر، كۆپ تەرەپلىمە تەرتىپكە سېلىپ تۈزەپ، بازار مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن ساپلاشتۇرۇش كېرەك.
بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى مەنبەدىن باشلاپ تۈزەپ، قانۇن ئىجرا قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئۇچۇرى يوق ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرىنىڭ بازارغا كىرىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىكى ئادەم ئالدايدىغان «خىسلەتلىك دورا»غا ئايلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
تور سۇپىلىرى ئىستىمالچىلارنى «قوغدىغۇچى» بولۇشتەك رولىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، سېلىنمىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، تېخنىكا ۋاسىتىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. «خىسلەتلىك تېۋىپ»، «خىسلەتلىك دورا»غا ئالاقىدار ساختا ئېلانلارنى مەخسۇس تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىكى ساختا «خىسلەتلىك دورا» سېتىش قالايمىقانچىلىقىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، تور سۇپىلىرىنى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ كۆپىيىش تۇپرىقىغا ئايلاندۇرماسلىق كېرەك.
ئىستىمالچىلارمۇ ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، كېسەل بولسا مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىشى، دورا سېتىۋالغاندا مۇنتىزىم سۇپىغا چىقىپ سېتىۋېلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغدىيالايدۇ.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆ قولغا ئېلىندى
◇ جۇڭگو ئۆزىنىڭ يوللۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ
◇ بۇ جۇڭگو-تۈركىيە ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى
◇ ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
◇ يان تېلېفوننىڭ بۇ ئىقتىدارىنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىڭ
◇ ئىسرائىلىيە قاماپ قويۇلغان 90 پەلەستىنلىكنى قويۇپ بەردى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟