بېيجىڭ تاموژنىسى 187 كورۇپكا تاماكىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى
«تاموژنا ئېلان قىلغان» ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا بېيجىڭ تاموژنىسىغا قاراشلىق داشىڭ ئايروپورت تاموژنىسى 187 كورۇپكا تاماكىنى قولغا چۈشۈرگەن.
داشىڭ ئايرودۇرۇمى تاموژنىسىنىڭ تاموژنا خادىملىرى چېگرادىن كىرگەن يولۇچىلارنىڭ يۈك ـ تاقلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغاندا، ئوخشاش بىر نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى مەلۇماتسىز تاموژنىدىن ئۆتۈشنى تاللىغان تۆت يولۇچىنىڭ يۈك-تاقلىرىنى ئايروپىلاندا تەكشۈرگەندە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان. ساندۇقنى ئېچىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نەق مەيداندىكى تاموژنا خادىملىرى يۇقىرىقى يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاقلىرىدىن ئوخشاش ماركىلىق تاماكىدىن 187 كورۇپكا، جەمئىي 37 مىڭ 400 تالنى قولغا چۈشۈرگەن.
تاموژنا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تاماكا مەھسۇلاتلىرى دۆلەت چېگرادىن كىرگۈزۈشنى چەكلىگەن بۇيۇملارغا تەۋە. ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، چېگرادىن كىرىدىغان يولۇچىلار 400 تال تاماكا (قىزدۇرۇلغان يۆگىمە تاماكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى 20 تال سىگارت ياكى 500 گىرام تاماكا قەلەمچىسىنى باجسىز ئېلىپ كىرسە بولىدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن چېگرادىن كىرىدىغان يولۇچىلار 200 تال تاماكا (قىزدۇرۇلغان يۆگىمە تاماكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئون تال سىگارت ياكى 250 گىرام تاماكا قەلەمچىسىنى باجسىز ئېلىپ كىرسە بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىدە يەر تەۋرىدى
شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 10 ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويىدۇ
چاۋشيەن دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىنى ئەيىبلىدى
بايا ئېلان قىلىندى! دۇنيا بويىچە بىرىنچى!
جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا دوكلات يوق
ياپونىيەدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى
مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى بايرام بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك
ۋاڭ شىڭ ئادەم توشۇپ-سېتىشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەن
جاڭ شيۇلۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى
ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 19 مىڭ200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ
يان تېلېفون، كومپيۇتېر سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ