بەزى دورىلاردا سۈپەت خەۋپ-خەتىرى ئېھتىماللىقى مەۋجۇت

时事   2025-01-21 09:02   北京  

مەركەزلىك سېتىۋېلىنغان بەزى دورىلاردا سۈپەت خەۋپ-خەتىرى ئېھتىماللىقى مەۋجۇت بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى باشلامچىلىق بىلەن تەكشۈرىدۇ

دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: يېقىندا، شاڭخەي شەھىرىنىڭ «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، تېببىي مۇتەخەسسىسلەر مەركەزلىك سېتىۋېلىنغان بەزى دورىلاردا سۈپەت خەۋپ-خەتىرى ئېھتىماللىقى مەۋجۇت بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلدى، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى.

دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى ھەقىقىي قوبۇل قىلىپ، كىلىنىكا بىرىنچى سېپىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، دوختۇرلارنىڭ كەسپىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزلىك سېتىۋېلىش دورىلىرىنى كىلىنىكىدا ئىشلىتىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنىڭ بىرىنچى قول بىۋاسىتە دەلىل-ئىسپاتىغا ئېرىشىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش تەرتىپىنى قوغداش، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئەترەت باشلاپ، سەھىيە-ساغلاملىق، سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش، دورا نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، شاڭخەيگە بېرىپ ئالاقىدار ئەزالار، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش سىياسىتى ھەم تاللانغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت كاپالىتى توغرىسىدىكى پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى يۈزتۇرا ئاڭلاش ۋە كىلىنىكىلىق سانلىق مەلۇمات تىرىكى بار، ئىستاتىستىكىلىق پەرق بولغان سۈپەت ۋە دورا ئۈنۈمى مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىپ ئۇچىنى نۇقتىلىق توپلاشنى قارار قىلدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

چاۋشيەن دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىنى ئەيىبلىدى

بايا ئېلان قىلىندى! دۇنيا بويىچە بىرىنچى!

ھەقسىز! ئۇدا سەككىز كۈن!

جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا دوكلات يوق

ياپونىيەدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى

مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى بايرام بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك

ۋاڭ شىڭ ئادەم توشۇپ-سېتىشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەن

جاڭ شيۇلۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى

ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 19 مىڭ200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ

يان تېلېفون، كومپيۇتېر سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ

شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章