يامان غەرەزدە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش جىنايىتى جازالاندى

时事   2025-01-24 12:04   北京  

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىرلىكتە يامان غەرەزدە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش جىنايىتىنى جازالاشقا دائىر تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلدى

باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 22-چېسلا، يامان غەرەزدە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش جىنايىتىنى قانۇن بويىچە جازالاشقا دائىر بەش تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇنچىللىق جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

2020-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى ئەمگەك ھەققى بېرىشنى رەت قىلىشقا دائىر جەمئىي 6200 دىن ئارتۇق جىنايى ئىشلار دېلوسىنى سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇردى، كۈچكە ئىگە ھۆكۈم چىقىرىلغان ئادەم سانى 6200دىن ئاشتى.

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان. لېكىن، ئايرىم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەر ئەمگەك ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش، ھەتتا يامان غەرەزدە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش ئەھۋاللىرى يەنىلا مەۋجۇت. بىناكارلىق كەسپى ئىزچىل ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەشتىكى نۇقتىلىق ساھە بولۇپ كەلدى، بۇ خىل ئەمگەك ھەققى بېرىشنى رەت قىلىش دېلولىرىنى بېجىرىشتە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ

ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 19 مىڭ200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ

ۋاڭ شىڭ ئادەم توشۇپ-سېتىشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەن

جاڭ شيۇلۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

بۇ يىل شىنجاڭ ئالتە تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى تۇتىدۇ

تەيۋەننىڭ تەينەن شەھىرىدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى

دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا چوڭ تىپتىكى ئالتۇن كان بايقالدى

بايا ئېلان قىلىندى! دۇنيا بويىچە بىرىنچى!

جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا دوكلات يوق

ياپونىيەدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى

مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى بايرام بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章