نامراتلىققا كۆنۈپ قالسىڭىز ھەرگىز بولمايدۇ

时事   2025-01-29 23:01   北京  

خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ

ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز. 

ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 




你可以穷,但千万不能习惯穷

نامرات بولسىڭىز بولىدۇ، ئەمما، نامراتلىققا كۆنۈپ قالسىڭىز ھەرگىز بولمايدۇ


ღ ღ ღ


有些穷人最可悲的地方并非是他们不努力,而是他们内心深处早已经认定了自己一辈子都是穷人了。

بەزى نامرات كىشىلەرنىڭ ئەڭ بىچارە يېرى ئۇلارنىڭ تىرىشماسلىقىدا ئەمەس، بەلكى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا ئۆزىنى: «مەن دېگەن بىر ئۆمۈر نامرات ياشايدىغان ئادەم» دەپ بېكىتىۋېتىشىدىن ئىبارەت.


ღ ღ ღ


我大学有个舍友,我叫她L

ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلاردا بىر ياتاقدېشىم بار بولۇپ، مەن ئۇنى «شياۋلەن» دەپ چاقىراتتىم.

她的奇葩事情特别多。

ئۇنىڭ غەلىتە ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى.

我记得我们刚入学的第一天,舍长说由于宿舍要添置东西,每个人要交二十块钱的舍费。

ئېسىمدە قېلىشىچە، بىز ئالىي مەكتەپگە كەلگەن تۇنجى كۈنى ياتاق باشلىقى ياتاققا نەرسە-كېرەك تولۇقلاپ سېتىۋېلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ھەربىرەيلەننىڭ 20 يۈەن ياتاق پۇلى چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدى.

L立刻跳起来说:二十!我很穷的!十块钱行不行?

شۇ چاغدا شياۋلەن چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ: «20! مەن بەك نامرات! ئون يۈەن بەرسەم بولامدۇ؟» دەپ سورىغانىدى.

一开始大家并没有太在意,社长的本意也是先收着这样以后就能少收几次了。于是大家就每人交了十块钱。

ياتاق باشلىقىمۇ ئەسلىدىلا: «دەسلەپتە مۇشۇنچىلىك يىغىۋالغاچ تۇرساق، كېيىنكى قېتىملاردا ئازراق يىغارمىز» دەپ ئويلىغانلىقتىن، كۆپچىلىك بۇنىڭغا ئانچە ئېرەن قىلمىدى ھەمدە ھەربىرەيلەن ئون يۈەندىن تاپشۇردى.

L一边掏钱一边说:十块,好贵啊。我感觉我们宿舍不需要买什么啊。

ئاندىن، شياۋلەن پۇل ئالغاچ: «10 يۈەن بەك كۆپكەن. مېنىڭچە، بىزنىڭ ياتاققا ھېچنەرسە ئالمىساقمۇ بولاتتىغۇ» دېدى.

也是大一刚开学的中秋,班长出钱买了一大袋元祖月饼,每人发了一个。

مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىكى ئوقۇشىمىز ئەمدىلا باشلانغاندا كەلگەن جوڭچيۇ بايرىمىدا سىنىپ باشلىقى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ «يۈەنزۇ» ماركىلىق ئايتوقاچتىن چوڭ بىر خالتا سېتىۋېلىپ، ھەممىمىزگە بىردىن تارقىتىپ بەردى.

我们宿舍也领到了月饼,有个舍友不爱吃月饼,但是她对班长有点意思,所以也把月饼收了下来。

بىزنىڭ ياتاقتىكىلەرگىمۇ ئايتوقاچ تارقىتىلدى. بىر ياتاقدېشىمىز ئايتوقاچ يېيىشنى ياقتۇرمىسىمۇ، ئەمما، سىنىپ باشلىقىغا كۆڭلى بولغانلىقتىن، ئايتوقاچنى يەنىلا قوبۇل قىلدى.

L听说她不爱吃月饼,就说:不如你给我吃吧!我爱吃!

ئۇنىڭ ئايتوقاچ يېيىشنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئاڭلىغان شياۋلەن: «يېمىسىڭىز ماڭا بېرىڭ! مەن يېيىشكە ئامراق!» دېدى.

舍友说这是班长发的,她想留着做个纪念。

بىراق، ياتاقدېشىمىز بۇنى سىنىپ باشلىقى تارقاتقانلىقى، خاتىرە سۈپىتىدە ساقلاپ قويغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.

L不开心了:像你这样的城里人什么东西没吃过啊,就不能给一块月饼给我吗?我长这么大都没吃过几次元祖的月饼。

بۇنى ئاڭلىغان شياۋلەننىڭ ئاچچىقى كېلىپ: «سىز شەھەرلىك بولغاندىن كېيىن يېمىگەن نەرسىڭىز قالمىغاندۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق بىر تال ئايتوقاچنى ماڭا بېرىۋېتەلمەمسىز؟ مەن مۇشۇنچىلىك بولغىچە <يۈەنزۇ> ماركىلىق ئايتوقاچنى نەچچە قېتىم يېگىنىمنى بىلمەيمەن» دېدى.

舍友本来想留着的,但是看她可怜巴巴的,就给她了。

ياتاقدېشىمنىڭ ساقلاپ قويغۇسى بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ ئايتوقاچنى بېرىۋەتتى.

本来没什么的。舍友很好心,L也很受用。

بۇ ئىشتا ئەسلىدىمۇ تىلغا ئالغۇدەك چوڭ ئىش يۈز بەرمىگەن، ياتاقدېشىمىز ياخشى كۆڭلى بىلەن بەرگەن، شياۋلەنمۇ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانىدى.

后来L总说自己不是大城市的人,什么都没吃过什么都没看过。还喜欢说自己家庭条件不好,没见过什么世面。每次说这些话的时候我们听着都会觉得别扭,但是也不好多说什么,在以后的很多事情上面都会尽量让着她点。

كېيىن، شياۋلەن ھەمىشە ئۆزىنىڭ شەھەرلىك ئەمەسلىكى، تۈزۈك بىر نەرسە يەپ باقمىغانلىقى، ئېسىل يەرلەرنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىدىغان، يەنە تېخى ئائىلە شارائىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، ئىش كۆرمىگەنلىكى توغرىسىدا پاراڭ قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇۋالدى. ئۇ ھەر قېتىم مۇشۇ گەپلەرنى قىلغاندا بىز تولىمۇ بىئاراملىق ھېس قىلساقمۇ، ئەمما، ئارتۇق بىرنەرسە دېمەي، كېيىن ئۇچرىغان نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇنىڭغا يول قويىدىغان بولدۇق.

但是L得了寸就要进尺,最后发生了一件事情彻底触怒了舍友的底线。

بىراق، شياۋلەن بارغانسېرى ھەددىدىن ئاشتى ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا يۈز بەرگەن بىر ئىش بىر ياتاقدېشىمىزنىڭ تىتاڭ تومۇرىغا تېگىپ كەتتى.

有一次舍友很想吃她们家附近的私房甜品,跟我们说了好几天了,说味道非常好,学校周围还没有卖。于是就在微信上让店家顺丰寄一个过来。

ئۇ ياتاقدېشىمىز بىزگە ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بىر شەخسىي تاتلىق-تۈرۈم دۇكىنىنىڭ پېچىنە پىرەنىكلىرىنى يېگۈسى كېلىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇ پېچىنە-پىرەنىكلەرنىڭ تەمىنىڭ تولىمۇ ياخشىلىقىنى، مەكتەپ ئەتراپىدا ساتىدىغانلار يوقلۇقىنى بىرنەچچە قېتىم ئېيتقاندىن كېيىن، بىر كۈنى ئۈندىداردا دۇكاندار بىلەن ئالاقىلىشىپ شۈنفېڭ تېز يوللانمسى ئارقىلىق بىرنى ئەۋەتكۈزدى.

那天她有事出去了,回来的时候发现蛋糕已经被拆了,而且被吃了一大半了。

شۇ كۈنى ئۇ بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، قايتىپ كەلگەندە تورت قېپىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئېچىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، تورتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يېيىلىپ بولغانلىقىنى بايقىدى.

吃掉蛋糕的人,就是L

تورتنى يەۋەتكەن ئادەم دەل شياۋلەن ئىدى.

舍友非常生气,算是怒火中烧的那一种了。她质问L怎么可以不经过她的同意就拆了快递还吃了她的蛋糕。

بۇنىڭدىن ياتاقدېشىمىزنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى، غەزىپى تاشتى دېسەكمۇ بولاتتى. شۇڭا، ئۇ شياۋلەندىن: «نېمىشقا مېنىڭ رۇخسىتىمسىز تېز يوللانمىنى ئاچىسىز، يەنە تېخى تورتنى يەۋېتىسىز؟» دەپ سورىدى.

L竟然说:这快递你拆是拆我拆也是拆啊,反正都要拆掉的我帮你拆了也无所谓啊。

شياۋلەن ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇرۇپ: «بۇ تېز يوللانمىنى سىز ئاچسىڭىزمۇ، مەن ئاچساممۇ ئوخشاشلا ئېچىلىدۇ، ھامان ئېچىلىدىغان بولغاندىن كېيىن، مەن ياردەملىشىپ ئېچىۋەتسەممۇ ھېچنەرسە بولمايدۇغۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

舍友说:你知不知道你这样犯法啊!

ياتاقدېشىمىز: «بۇنداق قىلىشنىڭ قانۇنغا خىلاپلىقىنى بىلمەمسىز؟» دېدى.

L竟毫无悔意:不是吧我拆你个快递而已你难道要告我?好吧我下次不拆了。

شياۋلەن ھېچبىر پۇشايمان قىلىدىغان چىرايى يوق ھالدا: «ئۇنداق ئەمەستۇ، تېز يوللانمىڭىزنى ئېچىپ قويغانغا مېنى ئەرز قىلامسىز؟ بوپتۇ، كېيىنكى قېتىم ئاچماي» دېدى.

舍友又说:你还吃了我的蛋糕!太过分了!你要赔一个给我!

ياتاقدېشىمىز يەنە: «سىز تېخى مېنىڭ تورتۇمنى يەپسىز! بەك ئاشۇرۇۋەتتىڭىز! ماڭا بىرنى تۆلەپ بېرىڭ!» دېدى.

L接下来说的话让我都想揍她了,她说:你这个人怎么这样?这个蛋糕你肯定是要分给我们一起吃的啊,我吃两口怎么了?你还让我赔?你真的好过分!

شياۋلەننىڭ كېيىنكى جاۋابى مېنىڭمۇ قاتتىق ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. ئۇ: «بۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بۇ تورتنى بىزگىمۇ بۆلۈپ بېرىدىغان تۇرسىڭىز، ئىككى چىشلەم يەپ قويغانغا نېمە بوپتۇ؟ تېخى مېنى تۆلىتەمسىز! بەكلا ئاشۇرۇۋەتتىڭىز!» دېدى.

我忍不了了,跟L说:你也太过分了,拆快递和吃蛋糕都没经过主人同意,太随便了。

مەن ئاخىرى پەقەتلا چىداپ تۇرالماي، شياۋلەنگە: «سىزمۇ بەكلا ئاشۇرۇۋەتتىڭىز، تېز يوللانمىنى ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئېچىپسىز، تورتنىمۇ رۇخسەتسىز يەپسىز، بەك ئۆز بېشىمچىكەنسىز» دېدىم.

L竟然哭了,边哭边说:你们这些有钱人就会欺负我!我不像你们能天天吃这种蛋糕,现在想吃一口怎么了?

بۇ گەپنى ئاڭلىغان شياۋلەن يىغلىغىنىچە: «سىلەر پۇلدارلار مېنى بوزەك قىلىشنىلا بىلىسىلەر! مەن يا بۇنداق تورتنى سىلەردەك ھەر كۈنى يېيەلمىسەم، بىرەر چىشلەم يېگۈم كەلسە نېمە بوپتۇ؟» دېدى.

我跟舍友都傻眼了,原来天底下真的真的有这样不讲理的奇葩存在啊。

بۇنى ئاڭلاپ ياتاقدېشىم ئىككىمىز ھاڭ-تاڭ قالدۇق، ئەسلىدە دۇنيادا مۇنداقمۇ داۋلى چۈشەنمەيدىغان غەلىتە ئادەملەر ھەقىقەتەن، ھەقىقەتەن مەۋجۇتكەن ئەمەسمۇ.

舍友不管,非要她赔,但是L就是一副死不认账的样子:我就不赔,我没钱,有本事你就从我钱包里把钱抢过去,不过我钱包里的钱也不够赔你这一个蛋糕的。

ياتاقدېشىم ئۇنىڭ نېمىلا دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، تورتنى تۆلىتىشتە چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما، شياۋلەن پەقەتلا تۆلىمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى: «تۆلىمەيمەن تازا، مېنىڭ پۇلۇم يوق، بىڭسىڭىز بولسا پورتمالىمدىكى پۇلۇمنى بۇلىۋېلىڭ. بىراق، مېنىڭ پورتمالىمدىكى پۇل سىزنىڭ تورتىڭىزنى تۆلەشكىمۇ يەتمەيدۇ».

这件事情一闹就是好久,最后舍友没办法只能作罢。她说:我没你那么无赖,也没你那么穷!

بۇ ئىش خېلى ئۇزۇنغىچە بېسىقماي، ئاخىرىدا ياتاقدېشىمنىڭ ئامالسىز بولدى قىلىپ: «مەن سىزدەك ئۇنچە ئۇششۇق ئەمەس، سىزدەك نامراتمۇ ئەمەس!» دېيىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

本来只是自己宿舍的事情,没想到传到别人的耳朵里,就变成了舍友欺负L说她是穷人。

ئەسلىدە ياتاقتىكىلەردىن باشقىلار بىلمەيدىغان بۇ ئىش كېيىنچە ئويلىمىغان يەردىن باشقىلارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى، ياتاقدېشىم تېخى شياۋلەننى «نامرات» دەپ بوزەك قىلغان قاتارغا ئۆتتى.


ღ ღ ღ


本来就是个敏感的字眼,于是舍友自然而然就成了别人在背后议论的对象了。

نامراتلىق ئەسلىدىلا سەزگۈر سۆز بولغانلىقتىن، ياتاقدېشىم تەبىئىيلا باشقىلار ئارقىسىدىن غەيۋەت قىلىدىغان ئوبيېكتقا ئايلىنىپ قالدى.

其实这世上的好多事情,眼睛见到的都不一定是真的,更何况是听人说的呢。

ئەمەلىيەتتە، بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلاردا كۆزىمىز بىلەن كۆرگىنىمىزنىڭ راست بولۇشى ناتايىن تۇرغان يەردە، ئاڭلىغانغا قانداقمۇ ئىشەنچ قىلغىلى بولسۇن؟

只有我们这些朝夕相处过的人才知道,L其实从来没有将看作自己的不堪,反而恃而骄,不止一次以自己买不起某件某件东西为理由,用光了我们的水乳喷雾精华液,连我们的衣服她都要穿个好几天,我有的时候真庆幸,还好我的脚跟她不一样大。

پەقەت شياۋلەن بىلەن ھەمىشە بىللە تۇرىدىغانلارلا ئۇنىڭ «نامراتلىق»نى ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ يېتەرسىز تەرىپى دەپ قارىماستىن، ئەكسىچە، «نامراتلىق»ىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتۇق. چۈنكى، ئۇ بىرنەچچە قېتىم ئۆزىنىڭ مەلۇم نەرسىلەرنى سېتىۋالالمايدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ بىزنىڭ پۈركۈلىدىغان سۈتسىمان جەۋھەر سۈيىمىزنى ئىشلىتىۋالغان، ھەتتا كىيىملىرىمىزنىمۇ بىرنەچچە كۈن كىيىۋالغانىدى. شۇڭا، مەنمۇ بەزىدە ئاياغ رازمېرىمنىڭ ئۇنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىدىن خۇش بولۇپ يۈردۈم.

后来我们就没在一起玩过,大二搬校区分宿舍,她也被分出去了。

كېيىن بىز ئانچە ئارىلاشمايدىغان بولدۇق، ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققاندا مەكتەپ رايونى كۆچۈپ ياتاق بۆلگەندە، ئۇمۇ باشقا ياتاققا بۆلۈنۈپ كەتتى.

最近听说L谈恋爱又分手了,于是又到处宣扬男方嫌贫爱富瞧不起她嫌她没钱。

يېقىندا ئاڭلىسام، شياۋلەن مۇھەببەتلىشىپ يەنە ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ھەممە يەردە يىگىتىنىڭ نامراتلارنى يامان كۆرۈپ، بايلارغا ئامراقلىقى، ئۇنى پۇلى يوق دەپ كۆزگە ئىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ يۈرۈپتۇ.

不过听别人说起,仿佛她从来都没有以穷为耻,反倒是已经习惯了这种生活了。

بىراق، باشقىلاردىن ئاڭلىسام، ئۇ ئەزەلدىن نامراتلىقنى كىشىنى خىجىل قىلىدىغان ئىشتەك ھېس قىلىشنىڭ ئەكسىچە، بۇنداق تۇرمۇشقا ئاللىبۇرۇن كۆنۈۋاپتۇ.

L后来的一个舍友说,L谈恋爱以后总是以各种理由问对方要礼物,除了清明节基本上逢年过节就要个礼物,在一起以后更是十天一个纪念日。

شياۋلەننىڭ كېيىنكى ياتاقداشلىرىدىن بىرى: «شياۋلەن مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن ھەمىشە ھەر خىل باھانىلەر بىلەن قارشى تەرەپتىن سوۋغا بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ھەر يىلىنىڭ چىڭمىڭ بايرىمىدىن باشقا ھېيت-بايراملارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك سوۋغا تەلەپ قىلدى، ئىككەيلەن مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن، ھەر ئون كۈندە بىر قېتىم خاتىرىلىدى» دېدى.

一开始男方还能承受,据说后来压倒对方的最后一根稻草,是男生过生日的时候,她只花十五块钱买了个切片小蛋糕给人家。

يىگىت ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا دەسلەپتە بەرداشلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما، كېيىن يۈز بەرگەن بىر ئىش ئۇنىڭ قاتتىق ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن، يىگىتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاندا ئۇ ئارانلا 15 يۈەن خەجلەپ پارچىلانغان تورتتىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغانىدى.

男生都快要气死了,问她怎么好意思买这么小的蛋糕的。

شۇ چاغدا بەكلا ئاچچىقى كەلگەن يىگىت ئۇنىڭدىن قانداقمۇ خىجىل بولماي مۇشۇنداق كىچىك تورتنى سېتىۋالغانلىقىنى سورايدۇ.

她竟然说:人家口袋里没什么钱啊~

ئۇ پەرۋايىغا ئالماي: «مېنىڭ تۈزۈك پۇلۇم بولمىسا» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

这样的事例还不少,但是太恶心了,我不想说了。

بۇنداق ئىشلار ئاز ئەمەس. بىراق، ئۇلار ئادەمنىڭ بەكلا كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئېيتقۇم كەلمىدى.

我只想说:姑娘,我不介意你穷,但是你也不能习惯穷吧。

مېنىڭ ئۇنىڭغا پەقەت: «قىزچاق، سىزنىڭ نامراتلىقىڭىزنى كۆڭلۈمگە ئالمايمەن، بىراق، نامراتلىققا كۆنۈۋالسىڭىز بولمايدۇ-دە» دېگۈم بار.

你穷可以,但如果变成恶水穷山出来的刁民那就是你的不对了吧。

نامرات بولسىڭىز بولىدۇ. بىراق، شارائىتى ناچار رايوندىن چىققان بىچارىگە ئايلىنىۋالسىڭىز بولمايدۇ-دە.


ღ ღ ღ


斋藤绿雨说:夸耀贫穷比夸耀富裕更卑鄙。

سائىتو رىيوكۇ: «نامراتلىقنى كۆز-كۆز قىلىش بايلىقنى كۆز-كۆز قىلغاندىنمۇ رەزىل قىلمىش» دېگەن.

一点都没错。就像有人喜欢倚老卖老一样,倚穷卖穷简直就是罪不可恕。

بۇ گەپ ناھايىتى توغرا. بەزىلەرنىڭ يېشىنى دەسمايە قىلىپ چوڭچىلىق قىلغىنىغا ئوخشاش نامراتلىقى سەۋەبلىك نامراتلىقىنى پەش قىلىشنى كەچۈرگىلى بولمايدۇ.

你没手吗?你没脚吗?你没脑子吗?你就不能自己去努力赚点钱吗?你就不能多读点书长点学识教养吗?

سىزنىڭ قولىڭىز يوقمۇ؟ پۇتىڭىز يوقمۇ؟ كاللىڭىز يوقمۇ؟ ئۆزىڭىز تىرىشىپ ئانچە-مۇنچە پۇل تاپالمامسىز؟ كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئىگىلەپ، ساپايىڭىزنى ئۆستۈرەلمەمسىز؟

世间大部分的贫穷,都是一种病态,是不良生活、不良环境、不良思想的结果。

دۇنيادىكى نامراتلىقلارنىڭ كۆپ قىسىمى بىر خىل كېسەللىك ھالىتى بولۇپ، ئۇ ناچار تۇرمۇش، ناچار مۇھىت ۋە ناچار ئىدىيەنىڭ نەتىجىسىدۇر.

我认为,那些穷得理所当然的人,活该他们穷一辈子。

مېنىڭچە، ئۆزىنىڭ نامراتلىقىنى ئورۇنلۇق دەپ قارىغانلارنىڭ ئۆمۈربويى نامرات ياشىشىغا ئۆزى سەۋەبچى.

因为从他们内心深处已经否定了自己发财的可能性了,一个不愿掏钱买彩票的人和一个掏钱买彩票的人相比,他们中乐透的机会并不是相差一点点,而是百分之百。因为这个人连买彩票的钱都不愿意出,那就更不要谈中奖了。

چۈنكى، ئۇلار قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا ئۆزىنىڭ بېيىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ، پۇل چىقىرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى خالىمايدىغان ئادەم بىلەن پۇل چىقىرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى خالايدىغان ئادەمنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ لېتوۋ لاتارىيەسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى ئازراق ئەمەس، بەلكى %100 پەرقلىنىدۇ. چۈنكى، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغان پۇلنى چىقىرىشنىمۇ خالىمىغان ئادەمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

最可怕的是如果买彩票的人中了乐透,那个没掏钱的人还会说:他什么都没做就得了这么多钱,好过分,真应该分一点给我!

ئەڭ قورقۇنچلۇق يېرى شۇكى، ناۋادا، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان ئادەم لېتوۋدا مۇكاپاتقا ئېرىشسە، پۇل چىقارمىغان ئادەمنىڭ: «ئۇنىڭ ھېچ ئىش قىلماي تۇرۇپ شۇنچە كۆپ پۇلغا ئېرىشىشى بەكلا چەكتىن ئاشقانلىق، ئۇ ماڭا ئازراق بۆلۈپ بېرىشى كېرەك!» دەپ قارىشىدۇر.

我希望天下这样的人都找不到另一半,然后大自然就可以淘汰掉这群人了。

مەن بۇنداق ئادەملەرنىڭ بىر ئۆمۈر بويتاق قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق بولغاندىلا كەڭ تەبىئەت ئۇلارنى شاللىۋېتەلەيدۇ.

这群没有理想没有欲望安于贫瘠甚至是享受贫瘠的人。

ئۇلارنىڭ غايىسى، ئارزۇسىمۇ يوق بولۇپ، يوقسۇزلۇقتىمۇ خاتىرجەم ياشايدۇ، ھەتتا، يوقسۇزلۇقتىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

我的一个朋友,过去家里很穷,但是他从来都不妄自菲薄。因为他的母亲告诉他,我们家不富有,但是并不代表你以后不富有。

مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ ئائىلىسى ئىلگىرى بەكلا نامرات بولسىمۇ، ئەمما، ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنى تۆۋەن چۈشۈرمەيتتى. چۈنكى ئانىسى ئۇنىڭغا: «ئائىلىمىز باي ئەمەس، ئەمما بۇ سىزنىڭ كېيىن باي بولالماسلىقىڭىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

你的人生依旧有无限可能。

ھاياتىڭىزدا يەنىلا چەكسىز مۇمكىنچىلىكلەر مەۋجۇت» دېگەنىدى.

所以他从来都不会觉得穷是一件很羞耻的事,也从来不会因为穷而自卑,甚至是因为甘于穷而堕落。

شۇڭا، ئۇ ئەزەلدىن نامراتلىقنى ناھايىتى نومۇسلۇق ئىش دەپ قارىمايتتى، شۇنداقلا يەنە نامراتلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى كەمسىتمەيتتى، ھەتتا، نامراتلىققا تىز پۈكۈپ چۈشكۈنلىشىپمۇ كەتمىگەنىدى.

他凭借自己的努力拿到了学校唯一一个保送出国的名额,在富二代横行的留学生中他也一直坚持做自己应该做的事情,勤工俭学,现在留在了美国,一年近百万。

كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق مەكتەپنىڭ كاپالەت بىلەن چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىلىدىغان بىردىنبىر سانىنى قولغا كەلتۈردى، بايلارنىڭ بالىلىرى ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ يۈرىدىغان چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىمۇ ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ، ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇدى. ھازىر ئۇ ئامېرىكىدا قېلىپ، يىلىغا بىر مىليون يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىۋاتىدۇ.

贫穷本身并不可怕,可怕的是自己以为命中注定贫穷或一定老死于贫穷的思想。这是富兰克林先生讲过的一句话。

نامراتلىقنىڭ ئۆزى قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى ئۆزىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايمەن دەپ ئويلاش ياكى قېرىغىچىمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلالماي شۇ پېتى ئۆلۈپ كېتىمەن دەيدىغان ئىدىيە. بۇ سۆزنى فىرانكلىن ئەپەندى ئېيتقان.

所以,穷不是最可怕的,可怕的是因贫穷而滋生出来的阴暗与不堪,还有理所当然接受帮助甚至是觉得周围人就应该帮助你的心理。

شۇڭا، نامراتلىق قورقۇنچلۇق ئەمەس. قورقۇنچلۇقى نامراتلىق سەۋەبلىك پەيدا بولغان قاراڭغۇلۇق ۋە سەۋرسىزلىك، شۇنداقلا يەنە باشقىلارنىڭ ياردىمىنى ئورۇنلۇق دەپ قوبۇل قىلىش، ھەتتا ئەتراپىدىكىلەرنى ئۆزىگە ياردەم قىلىشى كېرەك دەپ قارايدىغان پىسخىكىدۇر.

最是不可自弃人,人应该拿出点骨气与自尊出来,告诉自己:我的人生依旧有无限的可能,我不会一直穷下去的。

ئادەم ئۆزىدىن ۋاز كەچمەسلىكى، غەيرىتى ۋە غۇرۇرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆز-ئۆزىگە: «ھاياتىمدا ھېلىھەم چەكسىز مۇمكىنچىلىكلەر مەۋجۇت، مەن ئىزچىل نامرات پېتى ئۆتۈۋەرمەيمەن» دېيىشى كېرەك.




تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز



         بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

         مەنبە: خەلق تورى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


◇ ئۇرۇشالمايدىغان قىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق

◇ ئۆزىنى ياش ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ

◇ نادانلىقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش

◇ تۇرمۇش مۇراسىم تۇيغۇسىغا مۇھتاج

◇ خۇشال بولالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى كەڭ قورساق بولالمىغانلىقىڭىزدا

◇ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章