خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەر بىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ.
ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، ئۆزىڭىزنى تونۇتۇپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز.
ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
你曾经躲过的麻烦,最后都会回来找你!
سىز ئىلگىرى قاچقان ئاۋارىچىلىقلار ھامان سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ
ღ ღ ღ
怕麻烦,是惰性使然
ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇش ھورۇنلۇقنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر
说起“麻烦”这个话题,我首先想到的就是我的高中数学老师。
«ئاۋارىچىلىق» دېگەن بۇ سۆزنى تىلغا ئالغاندا، مەن ئالدى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچۇمنى ئويلاپ قالىمەن.
她姓郭,当时已年过六旬,花白的头发里掺杂着几根黑发,岁月让她弯下了腰,但丝毫不影响她走路带风的速度。
گو فامىلىلىك بۇ ئوقۇتقۇچۇم شۇ چاغدا ئاتمىش ياشتىن ئاشقان بولۇپ، ئاق چاچلىرى ئارىسىغا بىر نەچچە تال قارا چاچ ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى، يىللار ئۇنىڭ بېلىنى ئەگكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شامال چىقىرىپ ماڭىدىغان يول مېڭىش سۈرئىتىگە قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيتتى.
她讲课时总是精神抖擞,哪怕已连着上了四节课,也丝毫看不出她有一丝懈怠。
ئۇ دەرس سۆزلىگەندە ھەمىشە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، ئۇدا تۆت سائەت دەرس ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قىلچە بوشاڭلىق قىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولمايتتى.
面对出错率高的题目,她都会在黑板上很细致地一步一步解出答案,也要求我们动手再写一遍,哪怕这道题之前讲过。
قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان سوئاللارغا قارىتا ئۇ دوسكىغا يېزىپ تۇرۇپ، ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن جاۋاب بېرەتتى، ئىلگىرى سۆزلەپ بولغان تەقدىردىمۇ، بىزدىن بۇ سوئالنى يەنە بىر قېتىم يېزىشنى تەلەپ قىلاتتى.
有一次,老师在台上讲一道题的多种解答方式,让我们也在自己本子上跟着写。当时觉得自己会一种就行了,记那么多方法太麻烦了,就在本子上简单几笔记录,没耐心跟着老师一步步地书写。
بىر قېتىم مۇئەللىم مۇنبەردە بىر سوئالنى يېشىشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇللىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، بىزنىمۇ ئەگىشىپ دەپتەرگە يېزىشقا بۇيرۇدى. شۇ چاغدا مەن، بىر خىل ئۇسۇلنى بىلسەملا بولدى، ئۇنچە كۆپ ئۇسۇللارنى ئەستە تۇتۇش بەك ئاۋارىچىلىقكەن، دەپ ئويلاپ، مۇئەللىمگە ئەگىشىپ بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن يېزىشقا تاقىتىم قالماي، دەپتەرگە بىرنەچچە خەت بىلەن خاتىرە قالدۇرۇپ قويدۇم.
可谁知老师在解答完之后,让大家把本子交到讲台上。班里大眼瞪小眼,竟没有几个人能按时上交。
كىم بىلسۇن، مۇئەللىم يېشىپ بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىككە دەپتەرنى مۇنبەرگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئېيتتى. ساۋاقداشلار چەكچىيىشىپ تۇرۇپ قالدى، كۆپىنچە ساۋاقداشلار ۋاقتىدا تاپشۇرالمىدى.
老师布满皱纹的脸颊露出不满的神色,深深叹了口气:“我都不怕麻烦,你们这么年轻就怕了?你们现在偷的懒,就会变成以后掉的泪;你们现在躲过的麻烦,以后会加倍的返还给你们。”
مۇئەللىمنىڭ قورۇق باسقان مەڭزىدە نارازىلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولۇپ، چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ: «مەن چېغىمدا ئاۋارىچىلىقتىن قورقمىسام، سىلەر شۇنچە ياش تۇرۇپ قورقتىڭلارمۇ؟ ھازىر ھورۇنلۇق قىلساڭلار، كېيىن ياش تۆكۈپ قالىسىلەر؛ ھازىر ئۆزۈڭلارنى قاچۇرغان ئاۋارىچىلىقلار كېيىن سىلەرگە ھەسسىلەپ قايتىپ كېلىدۇ» دېدى.
果然,在第三次模拟考试时,我之前掌握的那种屡试不爽的方法竟完全派不上用场,情急之下也想不到其他的方法。
دەرۋەقە، 3-قېتىملىق تەقلىدىي ئىمتىھاندا، مەن ئىلگىرى ئىگىلىگەن، قايتا-قايتا سىناقتىن ئۆتكەن ئۇسۇللارنىڭ ھېچقانداق رولى بولمىدى، جىددىي ئەھۋالدا باشقا ئۇسۇللارنى ئويلاپ تاپالمىدىم.
考试不比平日,没有千锤百炼就想一蹴而就是绝对不行的。最后,自己平时最有信心的两道题全部丢分,后面的题目也答得不尽人意。当时学校和家长都很重视的三模,却是我最失败的一次,给我带来非常大的压力。
ئىمتىھان ئادەتتىكى كۈنلەرگە ئوخشىمايتتى، ھەرخىل سىناقلاردا تاۋلانماي تۇرۇپ، بىراقلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن، دەپ ئويلىساق ھەرگىز بولمايتتى. ئاخىرىدا، مەن ئادەتتە ئەڭ ئىشەنچ قىلىدىغان ئىككى سوئالنىڭ ھەممىسىدىن نومۇر ئالالمىدىم، كېيىنكى سوئاللارغىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاب بېرەلمىدىم. ئەينى چاغدا مەكتەپ ۋە ئاتا-ئانىلار ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان 3-قېتىملىق تەقلىدىي ئىمتىھان مېنىڭ ئەڭ مەغلۇپ بولغان بىر قېتىملىقىم بولۇپ، ماڭا ناھايىتى زور بېسىم ئېلىپ كەلدى.
之前偷懒,之后只能掉泪。只怪自己眼高手低,没耐心嫌麻烦,最后得不偿失。从那之后,一直到现在,近十年的时间,我一直把老师的话记在心里。
بۇرۇن ھۇرۇنلۇق قىلغاچقا، كېيىن ئامالسىز ياش تۆكتۈم. پەقەتلا ئۆزۈمنىڭ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانىم يوقلىقىنى، سەۋر-تاقىتىمنىڭ يوقلىقىنى، ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇپ، ئاخىرىدا زىيان تارتقانلىقىمدىن ئاغرىندىم. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى ھازىرغىچە، 10 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، مەن ئىزچىل مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى كۆڭلۈمدە ساقلاپ كەلدىم.
当麻烦降临,不要排斥和拒绝,不要重复“麻烦”这个想法。行动起来,用耐心去迎接麻烦。等开始做了,麻烦自然就不见了。
ئاۋارىچىلىققا يولۇققاندا، چەتكە قاقماسلىق ۋە رەت قىلماسلىق، «ئاۋارىچىلىق» دېگەن ئوينى تەكرارلىماسلىق كېرەك. ھەرىكەتكە كېلىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئاۋارىچىلىقنى كۈتۈۋېلىش لازىم. قول سېلىپ قىلىشنى باشلىغاندا، ئاۋارىچىلىق تەبىئىيلا يوقاپ كېتىدۇ.
ღ ღ ღ
把处理“麻烦”当成一种习惯
«ئاۋارىچىلىق»نى بىر تەرەپ قىلىشنى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك
朋友小一在一家外企销售部上班,除了每月要达成的业绩,还需要定期出差走访市场。
دوستۇم شياۋ يى بىر چەت ئەل كارخانىسىنىڭ سېتىش بۆلۈمىدە ئىشلەيتتى، ھەر ئايدا تاماملاش كېرەك بولغان سېتىش نەتىجىسىدىن باشقا، يەنە قەرەللىك كاماندىروپكىغا چىقىپ، بازارنى زىيارەت قىلىشقا توغرا كېلەتتى.
每次市场调研比每月要完成的任务还麻烦,他需要写总结、周报、给上司写汇报,还要制定季度规划。
ھەر قېتىملىق بازارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ھەر ئايدا تاماملايدىغان ۋەزىپىدىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولۇپ خۇلاسە، ھەپتىلىك دوكلات يېزىش، باشلىققا دوكلات يېزىشتىن باشقا، ئۇ يەنە پەسىللىك پىلان تۈزۈشى كېرەك ئىدى.
所以每次小一都特别发愁出差,因为出一趟远门就会有许多待办事项。
شۇڭا شياۋ يى ھەر قېتىم كاماندۇرۇپكىغا چىقىشتىن بەك غەم قىلاتتى، چۈنكى بىر قېتىم يىراق سەپەرگە چىققاندا، قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار ئىدى.
有一次,他事情太多处理不过来,就没写出差总结等一系列内容,而他的上司也一直没有提及这件事。他慢慢发现,不写这些东西,上司也不会在意,关键还不影响他的业绩。
بىر قېتىم، ئىش بەك كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكتىن، ئۇ بىر تەرەپ قىلىپ بولالماي، كاماندىروپكا خۇلاسىسى قاتارلىق بىر قاتار مەزمۇنلارنى يازمىدى، ئۇنىڭ باشلىقىمۇ بۇ ئىشنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىدى. ئۇ بۇ نەرسىلەرنى يازمىسا باشلىقىنىڭمۇ پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى، مۇھىمى ئۇنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر يەتمەيدىغانلىقىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىپ قالدى.
他也想过要写完这些总结,可一想有那么多次都没写,补起来工程量很大,觉得麻烦,索性就放弃了。
ئۇ بۇ خۇلاسىلەرنى يېزىپ بولۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن نەچچە قېتىم يازمىغانلىقىنى، ئىش مىقدارىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، ئاۋارىچىلىق ھېس قىلىپ، بىراقلا ۋاز كەچتى.
直到有一天,他出差时负责的一批货出了问题,上司让他把之前所有的出差总结、情况汇报上交,以便检查纰漏。
مەلۇم بىر كۈنى، ئۇ كاماندىروپكىغا چىققاندا مەسئۇل بولغان بىر تۈركۈم مالدا مەسىلە كۆرۈلدى، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، باشلىق ئۇنى ئىلگىرىكى بارلىق كاماندىروپكا خۇلاسىسى، ئەھۋال دوكلاتىنى يۇقىرىغا يوللاشقا بۇيرۇدى.
他当时完全傻眼,大脑一片空白,他以为上司不会检查这些内容,谁知道却是在如此棘手的时候抽查,就算会分身术也赶不完所有的内容。
ئەينى چاغدا ئۇ ھاڭ-تاڭ قالغان بولۇپ، كاللىسى قۇپقۇرۇق ئىدى، ئۇ باشلىقنى بۇ مەزمۇنلارنى تەكشۈرمەيدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدى، بۇنداق قول تۇتىدىغان ۋاقىتتا ئارىلاپ تەكشۈرۈشىنى كىم بىلسۇن، ئۇنىڭ ئۆزىنى نەچچىگە بۆلۈش ماھارىتى بولغان تەقدىرىدىمۇ، بارلىق مەزمۇنلارنى تاماملاپ بولالمايتتى.
他只能坦白,独自承担责任,最后月工资减半,奖金全无,季度奖励泡汤。
ئۇ ئامالسىز راستىنى ئېيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالدى، ئەڭ ئاخىرىدا ئايلىق مائاشىنىڭ يېرىمى كېمەيتىلدى، مۇكاپات پۇلى پۈتۈنلەي يوق بولدى، پەسىللىك مۇكاپات سۇغا چىلاشتى.
他后来再也不敢说“麻烦”两个字,也彻底不怕麻烦了。
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ «ئاۋارىچىلىق» دېگەن گەپنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، ئاۋارىچىلىقتىن پۈتۈنلەي قورقمايدىغان بولدى.
他说自己现在只要一出差,提前一天就会写好日程安排,还有预期谈判的结果,并准备好几个可行方案,以备不时之需。出差回来之后,就算再累再忙,也要抽出时间写总结、写汇报,每周工作完也会按时写周报。
ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىر كاماندىروپكىغا چىقسىلا، كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر كۈن بۇرۇن يېزىپ قويىدىغانلىقىنى، يەنە سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ ھەمدە يولغا قويۇشقا بولىدىغان بىر قانچە لايىھە تەييارلاپ، كۈتۈلمىگەن ئېھتىياج ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدىغانلىقىنى، كاماندىروپكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەرقانچە چارچىسىمۇ، ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، ۋاقىت چىقىرىپ خۇلاسە، دوكلات يازىدىغانلىقىنى، ھەر ھەپتىدە خىزمەت تۈگىگەندىن كېيىن ھەپتىلىك دوكلات يازىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
他说这些工作已经成为他的一种习惯,必须完成心里才踏实。
ئۇ بۇ خىزمەتلەرنىڭ بىر خىل ئادەتكە ئايلانغانلىقىنى، چوقۇم ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن خاتىرجەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
李笑来在《把时间当作朋友》一书中说:“养成不怕麻烦的性格,才可能拥有耐心。”而耐心是在任何工作、学习上获得成功的前提。
لى شياۋلەي «ۋاقىتنى دوست دەپ بىلىش» دېگەن كىتابىدا: «ئاۋارىچىلىقتىن قورقمايدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن سەۋرچان بولغىلى بولىدۇ» دېگەن بىر جۈملە بار. سەۋرچانلىق — ھەرقانداق خىزمەت، ئۆگىنىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
其实,当我们把工作生活中的“麻烦”看作一种习惯时,也就没有所谓的麻烦了。
ئەمەلىيەتتە، بىز خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى «ئاۋارىچىلىق»لارنى بىر خىل ئادەت دەپ قارىغىنىمىزدا، ئاتالمىش ئاۋارىچىلىقمۇ مەۋجۇد بولمايدۇ.
大多数时候怕麻烦只是没有养成好习惯,心有惰性,才会不断拖延,最后被麻烦缠身,让自己越活越累。
كۆپ ھاللاردا ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇش پەقەتلا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرمىگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ، كۆڭۈلدە ھۇرۇنلۇق بولغاچقا، ئىشنى ئۈزلۈكسىز كەينىگە سۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاۋارىچىلىققا پېتىپ قېلىپ، ئۆزىنى بارغانسېرى چارچىتىپ قويىدۇ.
ღ ღ ღ
“怕麻烦”会错失良机
«ئاۋارىچىلىق»تىن قورققاندا، ياخشى پۇرسەت قولدىن كېتىدۇ
يۈن ھەدە 500 كۈچلۈك قاتارىدىكى بىر شىركەتتە كۆپ يىل ئىشلەپ، ئاخىرى ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلىققا ئۆرلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
ئەگەر، شىركەتتە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بولسا، ئىش ھەققى ئىككى ھەسسە قاتلىنىپلا قالماي، يەنە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىمۇ بار بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىدى.
بۇ پۇرسەت ئۈچۈن، يۈن ھەدە مەندىن ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئىشلار توغرىسىدا مەسلىھەت سوراشقا باشلىدى.
ئۇنىڭ بۇنچە كۆڭۈل قويغىنىنى كۆرۈپ، مەنمۇ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، چۈنكى ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ ئۇنىڭ ئىزچىل ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغانىدىم.
لېكىن، مەن ئۇنىڭغا تەپسىلىي سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى: «نېمە دېگەن ئاۋارىچىلىق، يەنە تېخى ئىنگلىز تىلى، ماتېماتىكا ئۆگىنىدىغان ئىشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىمتىھان ۋاقتى كېلەي دەپ قاپتۇ.»
مەن ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ سورىدىم: «ئۇنداقتا ئەمىلىڭىزنىڭ ئۆسۈشىنى، مائاش قوشۇلۇشىنى ئويلىمامسىز؟»
ئۇ تەلپۈنگەن ھالدا: «ئەلۋەتتە ئويلايمەن، يىللىق ئىش ھەققى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ» دېدى.
«سىز ئىزچىل ئۆگىنىش ماھىرى بولۇپ كەلدىڭىز، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش سىزگە تەس كەلمەيدۇ» __ مەن ئۇنى رىغبەتلەندۈردۈم.
ئۇ ئامالسىز ھالدا: «لېكىن مەن كىتاب ئوقۇمىغىلى ئۇزاق بولدى، ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىم ئۆتۈپ كەتكىلىمۇ كۆپ يىل بولدى، ئويلىساملا ئاۋارىچىلىق ھېس قىلىمەن، قول سېلىپ تەييارلىق قىلىشتىن سۆز ئېچىشقا تېخىمۇ پېتىنالمايمەن.»
不管我怎么鼓励她,她还是满面愁云,把麻烦写在脸上。
ئۇنى قانداق ئىلھاملاندۇرۇشۇمدىن قەتئىينەزەر، ئۇ يەنىلا غەمكىن بولۇپ، ئاۋارىچىلىق ھېس قىلغانلىقى چىرايىغا چىقىپ تۇراتتى.
结果,一个月过去了,她还在纠结要不要考研;两个月过去了,她还没买好复习资料;三个月过去了,她还在书的前三页原地踏步;考试时间到了,她却放弃了。
نەتىجىدە، بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ يەنىلا ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش-بەرمەسلىك ئۈستىدە ئويلىنىۋاتاتتى؛ ئىككى ئاي ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ تېخىچە تەكرارلاش ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ بولالمىدى؛ ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ يەنىلا كىتابنىڭ ئالدىنقى ئۈچ بېتىدىن ھالقىپ بولالمىدى؛ ئىمتىھان ۋاقتى كەلدى، لېكىن ئۇ ۋاز كەچتى.
直到现在,她还在原来的岗位上,重复着同样的工作和薪水。
تاكى ھازىرغىچە، ئۇ يەنىلا ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىدا بولۇپ، ئوخشاش خىزمەت ۋە مائاشى تەكرارلىنىۋاتىدۇ.
她说,当初觉得那个职位就是为自己设立的,各个条件她都非常符合,只要考上研究生就好了。
ئۇ: «ئەينى چاغدا ئۇ خىزمەت ئورنىنى مەن ئۈچۈن تەسىس قىلىنغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم، ھەر قايسى شەرتلەرگە ناھايىتى ماس كېلەتتىم، ئاسپىرانتلىققا ئۆتەلىسەملا بولاتتى» دېدى.
如今,比她资历浅的人都成了她的上级,她却还在原地,就因为当时怕麻烦,错失了良机。
بۈگۈنكى كۈندە، خىزمەت ئىستاژى ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ باشلىقى بولۇپ قالدى، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆز ئورنىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئاشۇ چاغدا ئاۋارىچىلىقتىن قورققانلىق سەۋەبىدىن، ئۇ بىر ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغان ئىدى.
遇到难题就打退堂鼓,不敢尝试,不敢冒险,还要找各种理由为自己开脱,那最终会失去更多可能性。
قىيىن مەسىلىگە يولۇقسىلا ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، سىناپ بېقىشقا، تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىسا، يەنە ھەر خىل سەۋەبلەرنى تېپىپ ئۆزىنى چەتكە ئالسا، ئەڭ ئاخىرىدا تېخىمۇ كۆپ ئېھتىماللىقتىن مەھرۇم قالىدۇ.
ღ ღ ღ
麻烦即是生命
ئاۋارىچىلىق — ھاياتلىق دېمەكتۇر
因为怕麻烦,不愿从头开始,时间拖得久了,也就没有了做事情的激情和动力。
ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇپ، ئىشنى باشتىن باشلاشنى خالىمىغاچقا، ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە، ئىش قىلىش قىزغىنلىقى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمۇ قالمايدۇ.
其实,不是这件事有多麻烦,而是在遇事只想着逃避。
ئەمەلىيەتتە، ئىشلار ئۇنچە ئاۋارىچىلىق ئەمەس، بەلكى كىشىلەر ئۆزىنى قاچۇرۇشنىلا ئويلايدۇ.
如果不敢跳出自己的舒适圈,去适应陌生的世界,最后只会固步自封,死在自己所谓的安全地带。
ئەگەر ئۆزىنىڭ راھەت چەمبىرىكىدىن چىقىپ، ناتونۇش دۇنياغا ماسلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىسا، ئەڭ ئاخىرىدا بىر ئىزدا توختاپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ ئاتالمىش بىخەتەرلىك بەلبېغىدا ئۆلۈپ كېتىدىغان گەپ.
张爱玲曾说:“生命即是麻烦,怕麻烦,不如死了好。麻烦刚刚完,人也完了。”
جاڭ ئەيلىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ھاياتلىق — ئاۋارىچىلىق دېمەكتۇر، ئاۋارىچىلىقتىن قورققاندىن كۆرە ئۆلگەن ياخشى. ئاۋارىچىلىق تۈگىگەن ھامان، ئادەممۇ تۈگەيدۇ.»
每个人的一生都会遇到各种各样的麻烦,如果一味地排斥、抱怨、躲避,那最终不是麻烦不见了,而是会被麻烦淹没。
ھەربىر ئادەم ئۆمرىدە ھەر خىل ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، ئەگەر ئىزچىل ئۇنىڭغا يۈزلەنمەي ئاغرىنىپ، ئۆزىنى قاچۇرغاندا، ئۇنداقتا ئەڭ ئاخىرىدا ئاۋارىچىلىق يوقاپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئادەم ئاۋارىگەرچىلىق ئارىسىغا كۆمۈلۈپ قالىدۇ.
因为你曾经躲过的麻烦,最后都会回来找你!
چۈنكى سىز ئىلگىرى ئۆزىڭىزنى قاچۇرغان ئاۋارىچىلىقلار ئەڭ ئاخىرىدا سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ!
تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا،
چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
مەنبە: خەلق تورى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ | بىز ئالاقىلاشمىغىلى قانچىلىك بولدى؟
◇ خەيرلىك كەچ | 20 ياشقا كىرىپلا 40 ياشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈمەن دېمەڭ
◇ خەيرلىك كەچ | ياخشىلىقنى يوشۇرۇنچە قىلىڭ
◇ خەيرلىك كەچ | سىز يولۇققانلارنىڭ ھەممىسى سىز سەۋەبلىك كەلگەن
◇ خەيرلىك كەچ | ياخشى ئايال بىلەن توي قىلىش — ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئامىتى
◇ خەيرلىك كەچ | بالىنى «باياشات بېقىش» قانداق بولىدۇ؟