خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ
ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز.
ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
能多用心的时候就少用点力
كۆپرەك كۆڭۈل قويۇلىدىغان چاغلاردا كۈچىڭىزنى ئازراق ئىشلىتىڭ
ღ ღ ღ
都市人的生活大多是时间紧任务重,每天被各种deadline追杀。所以,高效成了一项核心技能。如何以小成本换大收益也成了朋友聚会上经久不衰的热门话题。过去,还经常有人说,勤奋就好。如今,每个人都说方向比努力更重要。
چوڭ شەھەردە ياشايدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ۋاقتى قىس، ۋەزىپىسى ئېغىر بولغانلىقى، ھەر كۈنى ھەر خىل ئىشلارنىڭ ۋاقتى توشۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئالدىراشلا ئۆتكەنلىكى سەۋەبلىك يۇقىرى ئۈنۈم بۇ جايلاردا بىر تۈرلۈك يادورلۇق ئىقتىدار بولۇپ قالدى، شۇنداقلا يەنە تۆۋەن تەننەرخ ئارقىلىق كۆپ پايدىغا ئېرىشىشمۇ دوستلار يىغىلىشىدا مەڭگۈ مودىدىن قالمايدىغان قىزىق تېمىغا ئايلاندى. ئىلگىرى بەزىلەر ھەمىشە: «تىرىشسىلا بولىدۇ» دېيىشەتتى. بىراق، ھازىر ھەممە ئادەم: «يۆنىلىش تىرىشچانلىقتىن مۇھىم» دەيدىغان بولدى.
我从大学毕业就没清闲过,一直自诩勤奋努力,每每累到撑不下去的时候,我都告诉自己,努力到老天都看不下去,它就会给你想要的东西。虽然,也得到了不少成绩和认可,但常常把自己累个半死。不时要闹一出辞职大戏。
مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن باشلاپ بىكار يۈرۈپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن ئىزچىل ئۆزۈمنىڭ تىرىشچان، ئىجتىھاتلىقلىقىم بىلەن ماختىنىپ كەلدىم، ھەر قېتىم چارچاپ بەرداشلىق بېرەلمىگەن چاغلىرىمدا، ئۆز-ئۆزۈمگە: «دۇنيامۇ ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە تىرىشساڭ، ئۇ ساڭا ئارزۇ قىلغان نەرسەڭنى بېرىدۇ» دەپ كەلدىم. شۇ سەۋەبتىن مەن گەرچە، ئاز بولمىغان نەتىجە ۋە ئېتىراپ قىلىشلارغا ئېرىشكەن بولساممۇ، ئەمما، ھەمىشە ئۆزۈمنى قاتتىق چارچىتىۋېلىپ، ئارىلاپ-ئارىلاپ خىزمىتىمدىن ئىستېپا بېرىۋېتىشتەك قىزىقارلىق ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم.
可这些年,我越来越发现,勤奋有时也是一种懒惰。诚然,有些事,你要不停地试错才能得出一个正确的结果。但也有些事,你早一点用心,根本不必如此费力。而生活里也总有些人懂得四两拨千斤的道理。
بىراق، بۇ يىللاردا مەن تىرىشچانلىقنىڭمۇ بەزىدە بىر خىل ھۇرۇنلۇق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بايقىدىم. دەرۋەقە، بەزى ئىشلارنىڭ خاتالىقىنى توختىماي سىنىغاندا ئاندىن توغرا نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولسىمۇ، ئەمما، بەزى ئىشلاردا بالدۇرراق كۆڭۈل قويسا، ئۇنچە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشنىڭ ئەسلا ھاجىتى قالمايدۇ. رېئال تۇرمۇشتىمۇ بەزىلەر ئاز كۈچ بىلەن كۆپ كۈچنى يەڭگىلى بولىدىغانلىقىدەك داۋلىنى چۈشىنىدۇ.
ღ ღ ღ
前几天,听一个电视台的朋友聊起一个小编导,同事们一个个通宵达旦,他却比谁下班都准点,工作没几年,步步高升,今年还被选上出国学习。每次说起这个小同事,朋友都感叹,这年头,脑子好使比什么都重要。
بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغان دوستۇم بىر تۈزگۈچى ۋە رېژىسسورنىڭ گېپىنى قىلىپ: «خىزمەتداشلارنىڭ ھەممىسى كېچە-كېچىلەپ ئىشلىسىمۇ، ئۇ دەل ۋاقتىدا ئىشتىن چۈشتى، خىزمەتكە چىققىنىغا نەچچە يىل بولار-بولمايلا ئەمىلى تەدرىجىي ئۆستى، بۇ يىل تېخى چەت ئەلگە ئۆگىنىشكە چىقىشقا تاللاندى» دېدى. ھەر قېتىم مۇشۇ كىچىك خىزمەتدىشىنىڭ گېپى چىقسىلا دوستۇم خۇرسىنىپ: «بۇ يىللاردا كاللىنىڭ ياخشى ئىشلىشى ھەممىدىن مۇھىمكەن» دەيدىغان بولدى.
想来,也不奇怪。这几年,光是从朋友嘴里,我就听说了她不少事迹,尤其是那些采访大牌明星的苦差。这类任务有两大难点:第一、明星不来。一般名人都是看平台,他们这种小台基本上只能靠毅力,不是围追堵截,就是在经纪公司傻等。可她的成功率却很高,总是能挤进各种私人聚会,有事打个电话,总有朋友两肋插刀。
ئويلاپ باقسام، بۇمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەسكەن. مۇشۇ نەچچە يىل جەريانىدا، دوستۇمنىڭ ئاغزىدىنلا ئۇ يىگىتنىڭ ئاز بولمىغان ئىش-ئىزلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ داڭلىق چولپانلارنى زىيارەت قىلغانلىقىدەك جاپالىق خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلىدىم. بۇ تۈردىكى ۋەزىپىلەرنىڭ ئىككى تۈرلۈك قىيىن نۇقتىسى بولىدۇ: بىرىنچىسى، چولپانلار كەلمەيدۇ. ئادەتتە، داڭلىق شەخسىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەكلىپ قىلىنىدىغان سۇپىغا قارايدۇ، ئۇلارنىڭكىدەك بۇنداق كىچىك تېلېۋىزىيە ئىستانىسىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن كۈچلۈك ئىرادىسىگە تايىنىپ، بىر بولسا چولپانلارنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ، ئالدىدىن توسۇسا، بىر بولسا ۋاسىتىچىلىك شىركەتلىرىدە بىھۇدە ساقلايدۇ. بىراق، ئۇ يىگىتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەمىشە ھەر خىل شەخسىي يىغىلىشلارغا قىستىلىپ كىرىۋالىدۇ، بىرەر ئىش بولۇپ تېلېفون قىلسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن جېنىنى ئايىمايدىغان دوستى ھامان چىقىدۇ.
第二个难点是调动嘉宾的季节性。而在他们那儿,编导又偏偏承担起帮主持人准备问题的重担。
ئىككىنچى قىيىن نۇقتىسى دەل ئەزىز مېھمانلارنى قوزغىتىشنىڭ پەسىلچانلىقى. ئۇلارنىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىدا تۈزگۈچى ۋە رېژىسسور قېرىشقاندەكلا رىياسەتچىگە ياردەملىشىپ سوئال تەييارلاشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
想问题这事儿听上去简单,做起来真不容易。
سوئال ئويلاپ چىقىشتىن ئىبارەت بۇ ئىش ئاڭلىماققا ئاددىي تۇيۇلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئورۇنلاش تولىمۇ قىيىن.
聊天是个技术活,即便是和蔼可亲的名人也经常冷场,更不要说那些傲娇大牌,状态好的时候,能和你说上两句。状态不好的时候,嗯嗯啊啊地完全没有节目效果。可她就是有本事能把无聊的话题聊开花儿。有时候嘉宾说着说着就爆了不少料。
پاراڭلىشىش بىر خىل تېخنىكىلىق ئىش بولۇپ، مۇلايىم ۋە يېقىملىق كەلگەن داڭلىق شەخسىلەرمۇ ھەمىشە سوئال سورىغۇچىنىڭ پەيزىنى ئۇچۇرۇۋەتكەن يەردە، ھاكاۋۇر ۋە مەنمەنچى چولپانلارغا تېخىمۇ گەپ كەتمەيدۇ. كەيپىياتى ياخشى چاغلاردا ئۇلار سىز بىلەن ئىككى ئېغىز پاراڭلاشسىمۇ، ئەمما، كەيپىياتى ناچار چاغلاردا: «شۇنداق، شۇنداق، ھەئە، ھەئە» دېگەندەك سۆزلەرنىلا قىلىپ پىروگراممىنى سۈرەتكە ئېلىشقا ماسلاشمايدۇ. بىراق، ئۇنىڭ مەززىسىز پاراڭ تېمىسىنىمۇ قىزىقارلىقلاشتۇرۇۋېتىدىغان قابىلىيىتى بولغانلىقتىن، بەزىدە ئەزىز مېھمانلار سۆزلەپ كېتىۋېتىپلا نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىۋېتىدۇ.
久而久之,导演和主持人都喜欢和她合作。听朋友说,电视台里比她学历高、经验多的同事比比皆是,可是谁都没有他用心。平时就认真经营自己的朋友圈,不会等到有难题了才发现自己求助无门。她的笔记本里全是采访嘉宾的资料和平时收集来的好问题。
شۇڭا، ۋاقىت ئۇزارغانچە رېژىسسور ۋە رىياسەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئامراق بولۇپ قاپتۇ. دوستۇمدىن ئاڭلىسام، تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىدا ئوقۇش تارىخى ئۇنىڭدىن يۇقىرى، تەجرىبىسى ئۇنىڭدىن كۆپ خىزمەتداشلار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما، قىلىۋاتقان خىزمىتىگە ھېچكىم ئۇنىڭدەك كۆڭۈل قويالماپتۇ. ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا، ئۇ ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى ياخشى باشقۇرغانلىقى ئۈچۈن، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئاندىن ئۆزىنىڭ ياردەم سورايدىغان ئادىمى يوقلۇقىنى بايقىمايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ خاتىرە كومپيوتېرىغا ئەزىز مېھمانلارنى زىيارەت قىلغان ماتېرىيال ۋە ئادەتتە توپلىغان ياخشى سوئاللار تولۇپ كېتىپتۇ.
很多人说,能说会道的人走到哪里都吃香。但是,讲真,有些人拼命练习还是不会聊天,要想说到别人心坎里,你得用心。
نۇرغۇن ئادەم: «گەپدان ئادەم قەيەرگىلا بارسا قارشى ئېلىنىدۇ» دېيىشىدۇ. بىراق، راستىنى ئېيتقاندا، بەزىلەر جېنىنىڭ بارىچە مەشىق قىلسىمۇ، يەنىلا پاراڭلىشالمايدۇ. شۇڭا، گەپنى باشقىلارنىڭ يۈرىكىگە تەگكۈزۈش ئۈچۈن كۆپرەك كۆڭۈل قويۇش كېرەك.
努力是每一种成功必备的要素,所以,用力没有什么值得称赞,用心才见差距。真正聪明的人都懂得一个道理:能多用心的时候,要少用力。比起花了多少时间做一件事,成果如何才更重要。
تىرىشچانلىق ھەربىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئامىل. شۇڭا، كۈچ ئىشلىتىشنىڭ ئانچە ماختىغۇدەك يېرى يوق، پەرق ھاسىل قىلىدىغىنى يەنىلا كۆڭۈل قويۇش. ھەقىقىي ئەقىللىق كىشىلەر: «كۆپرەك كۆڭۈل قويۇلىدىغان ۋاقىتلاردا ئازراق كۈچ ئىشلىتىش»تىن ئىبارەت داۋلىنى ياخشى چۈشىنىدۇ. مۇھىم بولغىنى، بىرەر ئىشنى قىلىشقا قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى نەتىجىسىنىڭ قانداقلىقىدۇر.
ღ ღ ღ
这一点,我过去背单词的时候,深有体会。那时,我每天抱着红宝书吭哧吭哧地又写又念,在图书馆待得比谁都长,睡的比谁都少,有时连饭都吃不上。可就是有的同学,每天该吃吃该喝喝,把单词背的又快又好。他们有各种各样的小诀窍,最绝的一个同学把社交账号的各种密码都改成记不住的单词,设置不自动登录,每天换一次,默默地连玩手机的时间都用上了。
ئىلگىرى مەن تاق سۆز يادلىغاندا، بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانىدىم. ئۇ چاغلاردا مەن ھەر كۈنى ئاسپىرانتلىق ئىنگلىزچە ئىمتىھان ماتېرىيالىنى كۆتۈرۈۋېلىپ پۇشۇلدىغىنىمچە بىر نەرسىلەرنى يازاتتىم ھەم ئوقۇيتتۇم، كۇتۇپخانىدا تۇرىدىغان ۋاقتىم ھەممە ئادەمدىن كۆپ، ئۇخلاش ۋاقتىم ھەممىدىن ئاز ئىدى، مۇشۇنداق يۈرۈپ بەزىدە ،ھەتتا، تاماقمۇ يېيەلمەيتتىم. بىراق، بەزى ساۋاقداشلار ھەر كۈنى تامىقىنى ۋاقتىدا يەپ، چېيىنى ۋاقتىدا ئىچسىمۇ تاق سۆزلەرنى ھەم تېز، ھەم مەھكەم ئەستە ساقلىۋالاتتى. ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق چارىلىرى بار بولۇپ، ئۆزىگە ئەڭ قاتتىق قوللۇق قىلغان بىر ساۋاقداش تېخى ئېسىدە تۇتالمىغان تاق سۆزلەرنى ئۆزىنىڭ ھەرقايسى ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابات نومۇرلىرىنىڭ مەخپىي نومۇرى قىلىپ، ئۇ ھېسابات نومۇرلىرىنى ئاپتوماتىك تىزىملاتقىلى بولمايدىغان قىلىپ لايىھەلەپ قويغان ھەمدە بۇلارنى ھەر كۈنى بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق جىمجىت ئولتۇرۇپ يانفون ئوينايدىغان ۋاقتىنىمۇ سۆزلۈك يادلاشقا ئىشلەتكەنىدى.
从小到大,老师和家长都告诉我们一个道理:一分耕耘,一分收获。可是生活里,就是有很多人只凭用心就甩别人几条街。
كىچىكىمىزدىن باشلاپلا ئوقۇتقۇچى ۋە ئائىلە باشلىقلىرىمىز بىزگە: «ئىشلىسەڭ ئالارسەن قاپلاپ ئاش، ئىشلىمىسەڭ قالارسەن چايناپ تاش» دېگەن داۋلىنى ئېيتىپ كەلدى. بىراق، تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئادەم كۆڭۈل قويۇش ئارقىلىقلا نۇرغۇن ئادەمنى خېلىلا ئارقىدا قالدۇرۇپ كەلدى.
用心和不用心,过得是不同质量的人生。光靠吃苦得来的好日子绝不能叫做成功。
كۆڭۈل قويغان ئادەم بىلەن كۆڭۈل قويمىغان ئادەمنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئوخشاش بولمايدۇ، جاپا چېكىشكە تايىنىپلا ياخشى كۈنگە ئېرىشىشنى «مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق» دېيىشكە بولمايدۇ.
这些年,身边很多朋友感叹,总是觉得别人一路顺风顺水,自己明明很努力却总是路漫漫其修远兮。有人说自己智商不高,有人说自己情商不行,还有人说自己不善言谈。
بۇ يىللاردا ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن دوستۇم خۇرسىنىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقى، بىراق، ئۆزلىرى ئېنىقلا شۇنچە تىرىشسىمۇ، نىشانى يەنىلا يىراقتا تۇرغاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى، بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكىنى ئېيتىشسا، بەزىلەر ھېسسىيات بۆلۈنمىسىنىڭ تۆۋەنلىكى توغرىسىدا دادلىدى، يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ گەپكە ئۇستا ئەمەسلىكىدىن ۋايسىدى.
有时候,我们总是错误地以为你要多么卓越,做出令人难忘的成绩,才能出众。但事实上,拉开人与人之间段位的,只是你比别人多的那一点点用心。
بەزىدە بىز خاتا ھالدا: «ناھايىتى قالتىس بولۇپ، ئادەمنىڭ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان نەتىجە قازانسىڭىز، ئاندىن يېڭىپ چىققان بولىسىز» دەپ قارايمىز. بىراق، ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر ئارىسىدا پەرق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغىنى پەقەتلا سىزنىڭ باشقىلاردىن ئازراقلا كۆپ كۆڭۈل قويۇشىڭىزدىن ئىبارەت.
聪明的人都明白细节见人心,所以他们不会等待那些令人记忆深刻却百年不遇的大事件,反而是在日常相处的细节中彰显自己的与众不同。
ئەقىللىق كىشىلەر تەپسىلاتتىن كىشى قەلبىنى چۈشەنگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكتىن، كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان، 100 يىلدىمۇ ئۇچرىمايدىغان ئىشلار يۈز بېرىشىنى ساقلاپ تۇرماستىن، ئەكسىچە، ئادەتتىكى بېرىپ-كېلىشلەر جەريانىدىكى ئۇششاق تەپسىلاتلاردىن ئۆزنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىقلىقىنى نامايان قىلىدۇ.
ღ ღ ღ
我刚进公司的那一年,参加了公司在香港举办的一次大型的亚洲客户答谢会。那一次,我被老板派去帮忙,认识了美国同事Bill。
مەن شىركەتكە يېڭىدىن كىرگەن يىلى، شىركەتنىڭ ئاسىيالىق خېرىدارلارغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن شياڭگاڭدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق چوڭ تىپلىق يىغىنىغا قاتناشتىم. شۇ چاغدا باشلىق مېنى ياردەملىشىشكە ئەۋەتكەن بولۇپ، ئاشۇ پۇرسەتتە مەن ئامېرىكىلىق خىزمەتدىشىم Bill بىلەن تونۇشقانىدىم.
他来参加这场活动纯属偶然,原本在香港休假的他,因为人手不够,硬生生地被拽来当了一回打杂的会务。引导客人到指定座位,协调他们的住宿、餐饮,总之都是些琐碎内务。但就是这么一个毫不起眼的小角色让很多人惊艳,因为他有一项神一般的能力。
ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتنىشىشى پۈتۈنلەي تاساددىپىيلىق بولۇپ، ئەسلىدە شياڭگاڭدا دەم ئېلىۋاتقان ئۇ ئادەم يېتىشمەسلىكى سەۋەبلىك مەجبۇرىي ھالدا چاقىرىپ كېلىنىپ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى قىلىدىغان يىغىن ئورۇنلاشتۇرغۇچى خادىمغا ئايلىنىپ قالغانىدى. شۇ چاغدا ئۇ مېھمانلارنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ قويۇش، ئۇلارنىڭ ياتاق، تاماقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئوخشاش ئۇششاق ئىشلارنى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما، مانا مۇشۇنداق كۆزگە چېلىقمايدىغان كىچىك رول ئۇنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئىقتىدارى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئادەمنى ھەيران قالدۇرغانىدى.
记人名。
بۇ دەل كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ئىدى.
只要他打过一次招呼的客户,再见面时就能一字不差地念出他们的名字,无论对方是韩国人、日本人、印度人、泰国人,还是中国人.....
ئومۇمەن، بىر قېتىم ئەھۋاللاشقان خېرىدارلار بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەندە، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ مەيلى كورېيەلىك، ياپونىيەلىك، ھىندىستانلىق، تايلاندلىق، مەيلى جۇڭگولۇق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممەيلەننىڭ ئىسمىنى بىر تال ھەرپنىمۇ چۈشۈرۈپ قويمىغان ھالدا توپتوغرا ئېيتىپ بېرەلەيتتى....
那一刻,我真的汗颜了,不是因为自己记不住那些晦涩的名字,而是根本没打算记过。对于一个在可预见的未来不会再见面的人,我从未觉得记住名字有多重要。但大概这是因为没有期待,当他说出别人的名字时,才特别令人难忘。
شۇ دەقىقىدە مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇ چۈشىنىكسىز ئىسىملارنى ئەستە تۇتالمىغىنىمدىن ئەمەس، بەلكى، ئۇلارنى ئەستە تۇتۇشنى ئەسلا خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن ھەقىقەتەن بەكلا خىجىل بولدۇم. مەن يېقىن كەلگۈسىدە قايتا ئۇچرىشىپ قالمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئەستە ساقلاشنى ئۇنچە مۇھىم دەپ قارىمايتتىم. ئېھتىمال، بۇنداق بولارىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغانلىقتىن، كىشىلەردە شۇنداق چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بولۇشى مۇمكىن.
后来,他真的来了香港,还成了香港办公室的主席,而当初那些客户都成了他的老朋友。一个外国人在香港秒杀各种本土精英。
كېيىنچە ئۇ ھەقىقەتەن شياڭگاڭغا كەلدى، يەنە تېخى شياڭگاڭدىكى ئىشخانىمىزنىڭ باشلىقى بولدى، ئەينى چاغدىكى خېرىدارلار بولسا ئۇنىڭ كونا دوستلىرىغا ئايلاندى. شۇنداق قىلىپ، بىر چەت ئەللىك شياڭگاڭغا كېلىپ يەرلىكتىكى ھەر خىل قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى بېسىپ چۈشتى.
所有同事都开始感叹,当年就应该看出差距,如今人家成了chairman,自己连个舒服的chair都没有。
بۇنىڭدىن بارلىق خىزمەتداشلار ئەينى چاغدىلا پەرقنى بايقىشى كېرەكلىكىنى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خەقنىڭ باشلىق بولۇپ كەتكەنلىكى، ئۆزىنىڭ بولسا راھەترەك ئورۇندۇقىمۇ يوقلۇقىنى ئېيتىشىپ خۇرسىنىشتى.
ღ ღ ღ
在TED听过一个关于细节的演讲,其中提到一个有趣的现象。很多大公司为了将产品和服务提升一个档次,不惜花重金改造产品、升级服务,却很少有人相信,真正令人难忘的事并不需要很多钱。餐厅的门把手、头等舱的调料瓶、外卖包装上的一句调侃,都能让你变得与众不同。所以,至今,无论多少人诟病连锁咖啡的劣质,我都是星巴克的忠实粉丝,只是因为无论走到哪里,星巴克的咖啡师都会亲切地叫一声我的名字。
TED نۇتۇق سۆزلەش پىروگراممىسىدىكى بىر نۇتۇقتا تەپسىلات توغرىلىق تولىمۇ قىزىقارلىق ھادىسىدىن بىرى تىلغا ئېلىنغانىدى. نۇتۇقتا ئېيتىلىشىچە، نۇرغۇن چوڭ شىركەت مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى بىر دەرىجە يۇقىرىلىتىش ئۈچۈن مەھسۇلات ئۆزگەرتىش ۋە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاشقان نۇرغۇن پۇل خەجلەشتىن ئايانمىسىمۇ، ئەمما، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كىشىنىڭ مەڭگۈ ئېسىدە قالىدىغان نەرسىگە كۆپ پۇل خەجلەش ھاجەتسىزلىكىگە ئىشىنىدىغانلار ناھايىتى ئاز ئىكەن. رېستوران ئىشىكىنىڭ تۇتقۇچى، ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارنىڭ قىممەت باھالىق بۆلۈمىدىكى تېتىتقۇ بوتۇلكىسى، يەتكۈزمە تاماقنىڭ ئورالما قېپىدىكى بىر ئېغىز چاخچاق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزنى كىشىلەردىن پەرقلىق قىلالايدۇ. شۇڭا، ھازىرغا قەدەر زەنجىرسىمان قەھۋەخانىلارنڭ قەھۋەسىنىڭ سۈپىتىنىڭ ناچارلىقىنى مەيلى قانچىلىك ئادەم سۆكسىمۇ، ئەمما، مەن يەنىلا سىتارباكسنىڭ سادىق مەستانىسى بولۇپ كەلدىم. چۈنكى، مەيلى قەيەرگىلا بېرىشىمدىن قەتئىينەزەر، سىتارباكسنىڭ قەھۋە ئۇستىسى مېنىڭ ئىسمىمنى يېقىملىق ئاھاڭدا چاقىرالايدۇ.
用力只是一种低层次的努力,如果你只会用力,你或许也能成功。但如果你所有的成绩都是苦苦地熬出来的,那你应该好好反思自己的能力是不是有问题。值得称赞的人生不是终身奋斗,而是不费力的取胜。而这一点离不开用心。
كۈچ ئىشلىتىش بىر خىل تۆۋەن قاتلاملىق تىرىشچانلىق. ناۋادا، سىز كۈچلا ئىشلەتسىڭىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، ئېرىشكەن نەتىجىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى جاپالىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق كەلگەن بولسا، ئۆز ئىقتىدارىڭىزدا مەسىلە بار، يوقلۇقى توغرىسىدا ئويلىنىپ بېقىشىڭىز كېرەك. ماختاشقا ئەرزىيدىغان ھايات ئۆمۈربويى كۈرەش قىلىنغان ھايات بولماستىن، بەلكى، كۆپ كۈچ سەرپ قىلمايلا غەلبە قازانغان ھاياتتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ نۇقتا دەل كۆڭۈل قويۇشتىن ئايرىلالمايدۇ.
所谓用心不过就是行动之前多动动脑子。人无远虑,必有近忧。用心虽然不能代替勤奋,但却可以让你少走很多弯路。
بۇ يەردىكى كۆڭۈل قويۇش ھەرىكەتكە ئۆتۈشتىن ئىلگىرى كۆپرەك كاللا ئىشلىتىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇزاقنى كۆرمىگەن قايغۇ-ھەسرەتكە يېقىن بولىدۇ. كۆڭۈل قويۇش، گەرچە، تىرىشچانلىقنىڭ ئورنىنى ئالالمىسىمۇ، ئەمما، ئۇ سىزنى نۇرغۇن ئەگرى يولدا مېڭىشتىن ساقلاپ قالىدۇ.
所以,无论你多么勤奋用功,都不要忘记,没有方向的路,每一条都是弯路。能多用心的时候,就少用点力。
شۇڭا، قانچىلىك تىرىشىپ ئىجتىھات قىلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، يۆنىلىشى بولمىغان ھەرقانداق يولنىڭ ئەگرى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز، كۆپرەك كۆڭۈل قويۇلىدىغان چاغلاردا ئازراق كۈچ ئىشلىتىشىڭىز كېرەك.
تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا،
چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ ئۇرۇشالمايدىغان قىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق
◇ ئۆزىنى ياش ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ
◇ نادانلىقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش
◇ تۇرمۇش مۇراسىم تۇيغۇسىغا مۇھتاج
◇ خۇشال بولالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى كەڭ قورساق بولالمىغانلىقىڭىزدا
◇ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟