خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەر بىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ.
ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، ئۆزىڭىزنى تونۇتۇپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز.
ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
你在消磨时光,时光也在消磨你
سىز ۋاقىتنى خوراتقان بولسىڭىز، ۋاقىتمۇ سىزنى خورىتىۋاتقان بولىدۇ
ღ ღ ღ
周五去电脑城,看到一个顾客跟店家发牢骚。
جۈمە كۈنى كومپيوتېر شەھەرچىسىگە بارغىنىمدا، بىر خېرىدارنىڭ دۇكاندارغا غۇدۇراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم.
小伙子的电脑坏了,要换配件,修理师傅说要找原厂订货,三天才能收到。小伙子不依不饶地要师傅想办法当天就找到配件。
بۇ يىگىتنىڭ كومپيوتېرى بۇزۇلۇپ قالغان بولۇپ، زاپچاس ئالماشتۇرۇش كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن رېمونتچى ئۇستام ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتقا مال زاكاز قىلىش كېرەكلىكىنى، ئۈچ كۈندە ئاندىن كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، يىگىت قىلچە تۈزۈت قىلماي، زاپچاسنى ئامال قىلىپ شۇ كۈنىلا تېپىشنى تەلەپ قىلدى.
“不行,按你这种方式,电脑修好都下周一了!不打游戏看电影,周末怎么过?三天,这不是要了我的命吗?我就靠这台电脑消磨时间了!”
«بولمايدۇ، سىزنىڭ بۇ ئۇسۇلىڭىز بويىچە بولغاندا، كومپيوتېر ئوڭشالغۇچە كېلەر دۈشەنبە بولۇپ كېتىدۇ! ھەپتە ئاخىرىنى ئويۇن ئوينىماي، كىنو كۆرمەي قانداق ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ؟ ئۈچ كۈن، بۇ مېنىڭ جېنىمنى ئالغانلىق ئەمەسمۇ؟ مەن ۋاقتىمنى مۇشۇ كومپيوتېرغا تايىنىپ ئۆتكۈزىدىغان تۇرسام!»
小伙子喋喋不休,修理师傅倒也不恼,只是笑着说:“年轻人,电脑只是个工具,别把它当了生活。等你到了我这个年纪,就不会觉得时间没用了!”
يىگىت توختىماي سۆزلەيتتى. بىراق، رېمونتچى ئۇستام بۇنىڭدىن تېرىكمەي، كۈلۈپ تۇرۇپ: «يىگىت، كومپيوتېر دېگەن پەقەتلا بىر ئەسۋاب، ئۇنى تۇرمۇشىڭىزغا ئايلاندۇرۇۋالماڭ. مېنىڭ يېشىمغا كەلگەندە، ۋاقىتنى پايدىسى يوقتەك ھېس قىلمايدىغان بولىسىز!» دېدى.
小伙子一脸不屑,催促着修理师傅联系其它同行找配件。
يىگىت قىلچە پەرۋا قىلماي، رېمونتچىنى باشقا كەسىپداشلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، زاپچاس تېپىشقا سۈيلىدى.
看着焦躁的小伙子,我想起了刚参加工作时的自己。
تىت-تىت بولۇۋاتقان يىگىتكە قاراپ، ئۆزۈمنىڭ يېڭىلا خىزمەتكە چىققان ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم.
我的第一份工作是在一家工厂做总机。每天握着话筒机械地重复“您好”“找哪位”和“请稍等”。
مەن تۇنجى بولۇپ بىر زاۋۇتتا باش ئاپپاراتنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالغانىدىم. ھەر كۈنى تېلېفون تۇرۇپكىسىنى تۇتۇۋېلىپ، مېخانىكىلىق ھالدا «ياخشىمۇسىز»، «كىمنى ئىزدەيسىز؟» ۋە «ئارازاق ساقلاپ تۇرۇڭ» دېگەنلەرنى تەكرارلايتتىم.
起初,我还带着校园里的那股子好学劲偶尔翻翻书,时间长了,我越来越适应这份工作带给我的安逸:从来不必思考,更不用带着未完成的问题睡觉。
دەسلەپتە، مەن تېخى مەكتەپتىكى ئۆگىنىشچان روھىم بىلەن ئانچە-مۇنچە كىتاب كۆرۈپمۇ قويدۇم. بىراق، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشى بىلەن بۇ خىزمەتنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن راھىتىگە ماسلىشىشقا باشلىدىم: تەپەككۇر قىلىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق ئىدى، تېخى تاماملانمىغان مەسىلىلەرنى ئويلانغىنىمچە ئۇخلىشىمنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق ئىدى.
学习的念头渐渐消失后,我唯一的忧愁就只剩如何打发时间。
ئۆگىنىش قىلىش خىيالى بارا-بارا يوقالغاندىن كېيىن، مېنىڭ بىردىنبىر غېمىم ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۈش بولۇپ قالدى.
人无聊起来,就只觉得人生漫长,大把时光。
ئادەم زېرىكىپ قالغاندا ھاياتنى بەكلا ئۇزۇندەك، نۇرغۇن ۋاقتى باردەك ھېس قىلىدۇ.
ღ ღ ღ
当时没有智能手机,没有微信朋友圈,没有网络游戏,我唯一的玩伴是和我同样无聊的闺蜜兔子。我们在相同的工作岗位上,各自守两个电话机。
ئەينى چاغدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى، تور ئويۇنى يوق ئىدى، مېنىڭ بىردىنبىر ھەمراھىم ۋاقتىنى ماڭا ئوخشاشلا زېرىكىش ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان يېقىن دوستۇم تۇ زى ئىدى. بىز ئوخشاش خىزمەت ئورنىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئىككىمىز بىردىن تېلېفون ئاپپاراتىغا قارايتتۇق.
我们惺惺相惜地分享着打发时间的妙招,折腾出很多玩法:
بىز ھوشيارلىق بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەپچىل چارىلىرىنى ھەمبەھرلىشەتتۇق، نۇرغۇن ئويۇن ئويناش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقاتتۇق:
我们给每个部门的行政助理打电话:来来来,我们交换一个笑话吧!
بىز ھەربىر بۆلۈمنىڭ مەمۇرىي ياردەمچىسىگە تېلېفون قىلاتتۇق: قېنى، قېنى، بىز بىردىن يۇمۇر ئالماشتۇرايلى!
我们做了很多不同形状的小纸条,方形的上面写着“别惹我,我会放臭屁!” 圆形的上面写着“兵”或“勇”,伺机往那些忙碌的工友们身上贴;
بىز شەكلى ئوخشاشمايدىغان ھەرخىل باغاقچىلەرنى تەييارلاپ، چاسا شەكىللىك باغاقچىلارغا: «مېنىڭ چىشىمغا تەگمەڭ، بولمىسا سېسىق ئوسۇرۇرۇۋېتىمەن!» دەپ يازساق، يۇمىلاق شەكىللىكلىرىگە: «قوراللىق لەشكەر» ياكى «ۋاقىتلىق لەشكەر» دەپ يېزىپ، ئاشۇ ئالدىراش ئىشلەۋاتقان خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ بەدىنىگە چاپلاپ قوياتتۇق.
下班后,我们结伴逛商场,专挑女士不收费的演艺吧看热闹……
ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، بىز بىرلىكتە سودا سارايلىرىنى ئايلىناتتۇق، مەخسۇس ئاياللاردىن ھەق ئالمايدىغان نومۇر كۆرسىتىش سورۇنلىرىغا بېرىپ تاماشا كۆرەتتۇق...
这种没心没肺的日子持续了四年后,我们相继被自己的同学刺激到了。与我们同时参加工作的同学,大多在职场上摸出了点门道,对未来都有着明确的规划,更重要的是,他们的工资都比我们高出一大截。
مۇشۇنداق لايغەزەللىك كۈنلەر تۆت يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، بىز ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ كۈچلۈك زەربىسىگە ئۇچرىدۇق. بىز بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا خىزمەتكە چىققان ساۋاقداشلارنىڭ كۆپىنچىسى خىزمەت سورۇنلىرىدا ئانچە-مۇنچە يول بىلىۋالغان بولۇپ، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېنىق پىلانى بار ئىدى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ئۇلارنىڭ مائاشى بىزنىڭكىدىن خېلىلا كۆپ ئىدى.
工资比别人低就意味着我们比别人更没价值,这点觉悟让我们有了危机感。
مائاشنىڭ باشقىلاردىن تۆۋەن بولۇشى بىزنىڭ باشقىلارچىلىك قىممىتىمىز يوقلۇقىدىن دېرەك بېرەتتى. بۇ خىل ئاڭ بىزدە كىرزىس تۇيغۇسى پەيدا قىلغانىدى.
兔子率先跳槽去了其它地方,没了玩伴的我也很快辞职,准备另谋出路。
دەسلەپتە تۇ زى باشقا جايغا يۆتكىلىپ كەتتى، ئوينىشىپ بېرىدىغان ھەمراھىمدىن ئايرىلغان مەنمۇ تېزلا ئىستېپا بېرىپ، باشقا چىقىش يولى ئىزدەشكە تەييارلىق قىلدىم.
再次去人才市场,我发现自己比四年前更不受欢迎:
ئىختىساسلىقلار بازىرىغا يەنە بىر قېتىم بارغىنىمدا، ئۆزۈمنىڭ تۆت يىل ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىمنى بايقىدىم.
以前,我是一个毫无技能的应届毕业生,对每一个可能的职位跃跃欲试;此刻,我变成了一个毫无技能、不接受体力劳动、不接受加班、不接受食宿自理的社会闲杂人员,而且,当初在学校积累的一点英文基础和文字功底全部归零了。
ئىلگىرى مەن ھېچقانداق ماھارىتى يوق يېڭى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى ئىدىم، مۇمكىنچىلىكى بار ھەربىر كەسىپنى سىناپ بېقىشقا ئالدىرايتتىم. بىراق، مۇشۇ دەقىقىدە مەن ھېچقانداق ماھارىتى يوق، جىسمانىي ئەمگەك قىلىش، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، ياتاق-تاماقنى ئۆزى ھەل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلالمايدىغان بىكار تەلەپكە ئايلانغانىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەينى چاغدا مەكتەپتە توپلىغان ئازراق ئىنگلىز تىلى ۋە يېزىقچىلىق ئاساسىمدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى.
有一次面试,对方在听完我的要求后毫不掩饰地表达了对我的鄙夷:按你的心气估计要去找世界500强,但你的能力只配得上工厂流水线。
بىر قېتىملىق يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا قارشى تەرەپ مېنىڭ تەلەپلىرىمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ماڭا بولغان كەمسىتىش نەزىرىنى قىلچە يوشۇرماي ئىپادىلىدى: سىزنىڭ غەيرىتىڭىز بويىچە بولغاندا دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن بىرىگە كىرىپ ئىشلىسىڭىز بولىدىكەن، بىراق سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز زاۋۇتلارنىڭ ئاقما لىنىيەسىدە ئىشلەشكىلا ماس كېلىدىكەن.
不思进取的四年时光,轻轻松松把我消磨成了一副好吃懒做的模样。
تەپەككۇر قىلماي، ئالغا ئىنتىلمەي ئۆتكۈزگەن تۆت يىل ۋاقىت ناھايىتى ئاسانلا مېنى بىر تەييارتاپقا ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى.
ღ ღ ღ
يىغىپ قويغان پۇللىرىم ئارانلا ئىككى ئايلىق تۇرمۇشۇمنى قامداشقا يېتەتتى، ئىشسىز قالغاندىن كېيىنكى 2-ئايدا مەن ئاخىرى جاپادىن قېچىپ، راھەتكە ئالدىرىشىمنىڭ ئۆزۈمنى بارغانسېرى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.
ئىلگىرى ئىشلىگەن زاۋۇتنىڭ يېڭىلىقنى ئېچىش ياردەمچىسى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ قايتىپ بېرىپ، بۇ ئورۇننى قولغا كەلتۈردۈم.
بۇ قېتىم مەن قىلچىمۇ بىخۇدلۇق قىلىشقا پېتىنالمىدىم.
مەن يېڭىلا ئوقۇش پۈتكۈزگەن بىر توپ قىز ئوقۇغۇچى بىلەن سېخلارغا كىردىم، بازار ئارىلىدىم، ئۇلار ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئىنگلىر تىلى ئۆگىنىپ، كەسپى ئاتالغۇلارنى تەتقىق قىلدىم؛ ئاقما لىنىيەدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدىم، بەزىدە تېخنىك ئۇستىلارغا ياردەملىشىپ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق كۆپرەك بىلىم ۋە ماھارەت ئىگىلىۋېلىشقا تىرىشتىم. مېنىڭ ئاشۇ ئىسراپ قىلىۋەتكەن ۋاقتىمغا ئىچىم ئاغرىغانلىقتىن، ھەممىسىنى دەرھال قايتۇرۇۋالغۇم كېلىپ كېتەتتى.
مەن ئۆزۈمنىڭ ئاستا-ئاستا پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەمىلىم، مائاشىم، ھەتتا، كىشىلىك مۇناسىۋىتىمدىمۇ مېنىڭ تىرىشچانلىقىمغا ئەگىشىپ ئاز-ئازدىن ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى، ئەسلىدە ئارزۇ قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان نىشانلار قولۇمنى سوزساملا يەتكۈدەك دەرىجىدە يېقىنلاشتى.
مەن ۋاقتىمدىن جېنىمنىڭ بارىچە پايدىلىنىۋاتقان ھەم ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىۋاتقان ۋاقتىمدا، ئاندىن «ۋاقىت ئۆتكۈزۈش»تىن ئىبارەت بۇ خىيالنىڭ تولىمۇ ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. تۇرمۇش ئەسلىدە ناھايىتى رەڭدار بولسا بولىدىكەن، بىراق مەن پۈتۈن نىيەت-ئىقبالىم بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشنىلا ئويلاپتىمەن.
幸而,我醒悟得还不算晚。就像一场马拉松,起跑慢半拍,可以在上半程下点功夫追回来;如果整个上半程都耽误了,下半程还能拼了命去跑,总会好过那些全程懒散、到不了目的地的人。
بەختكە يارىشا، ھوشۇمنى تېپىشقا ئانچە كېچىكىپ كەتمىگەنىدىم. بۇ خۇددى بىر مەيدان مارافونچە يۈگرەشكە ئوخشايدىغان بولۇپ، باشلىنىشىدا ئاستىراق يۈگۈرگەن بولسا، ئالدىنقى يېرىم مەيداندا كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىپ، يېتىشىۋالسا بولىدۇ؛ ناۋادا، ئالدىنقى يېرىم مەيداننىڭ ھەممىسى قولدىن كەتكەن بولسا، كېيىنكى يېرىم مەيداندا يەنە پۈتۈن كۈچ بىلەن يۈگۈرسە بولىدۇ. ئىشقىلىپ، بۇنداقلار پۈتۈن مۇساپە جەريانىدا ئېزىلەڭگۈلۈك قىلغان، نىشانلىغان جايغا يېتىپ بارالمىغانلاردىن ياخشى.
那些在虚度中与他人拉开的差距,总是日后要花数倍的力气才能追得回来。你若不以为然,时间就像无处不在的尘埃,日复一日地覆盖你对生活的激情,最终将你的整个人生掩埋。
ۋاقىتنى بىكارغا ئۆتكۈزۈش سەۋەبلىك باشقىلار بىلەن ئۆزىمىز ئارىسىدا شەكىللەنگەن پەرققە كېيىنكى كۈنلەردە نەچچە ھەسسە ئارتۇق كۈچ سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئاندىن يېتەلەيدىكەنمىز. ناۋادا، پەرۋاسىزلىق قىلسىڭىز، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ۋاقىت خۇددى بارمايدىغان يېرى يوق چاڭ-توزانغا ئوخشاش سىزنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قايناق ھېسسىياتىڭىزنى قاپلايدىكەن ۋە ئاخىرىدا پۈتۈن ھاياتىڭىزنى بېسىپ كېتىدىكەن.
ღ ღ ღ
一个人未来的价值高低,很多时候取决于投资时间的多少。
بىر ئادەمنىڭ كەلگۈسىدىكى قىممىتىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇشى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ سەرپ قىلغان ۋاقتىنىڭ قانچىلىكلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
浪费一分钟,就会错过六十秒的成长。
بىر مىنۇت ۋاقىتنى ئىسراپ قىلسىڭىز، ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ 60 سېكونتىنى قولدىن بەرگەن بولىسىز.
一个惯于浪费时间的人,多半不知道自己想过什么样的生活,或者根本不相信自己能够挣得理想的生活。
ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشقا كۆنۈپ قالغان ئادەم كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ قانداق تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ياكى ئۆزىنىڭ غايىسىدىكىدەك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئەسلا ئىشەنمەيدۇ.
因为从未努力,便从不相信努力的结果。因为从未利用过时间,便从不相信时间能带来改变。于是,为了贪图眼前的安逸与舒服,一再地自我放逐。
چۈنكى، ئۇ ئەزەلدىن تىرىشىپ باقمىغانلىقتىن، تىرىشىشنىڭ نەتىجىسىگىمۇ ئەزەلدىن ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەزەلدىن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ باقمىغانلىقتىن، ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقىغا ئەسلا ئىشەنمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆز ئالدىدىكى خاتىرجەملىك ۋە راھەتنى دەپ ئۆزىنى قايتا-قايتا مەيلىگە قويۇۋېتىدۇ.
殊不知,你在消磨时光,时光也在消磨你的意志。它慢慢把满腔的热血磨成了一身的胆怯,把凌云的壮志磨成了眼前的苟且,不经意间,你的人生就被磨成了万千个庸碌的日子。
شۇنى بىلمەيسىزكى، سىز ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋاتقاندا، ۋاقىتمۇ سىزنىڭ ئىرادىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋاتقان بولىدۇ. ئۇ تولۇپ تاشقان قايناق ھېسسىياتنى بارا-بارا قورقۇنچاقلىققا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، يۈكسەك ئىرادىنى كۆز ئالدىڭىزدىكى ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز بىلىپ-بىلمەيلا ھاياتىڭىزنىڭ مىليونلىغان ئەھمىيەتسىز كۈنلەرگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز.
所以,那些试图kill time的人,最终都是killed by time。
شۇڭا، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش كويىدا بولۇۋاتقان ئاشۇ كىشىلەر ئاخىرىدا ۋاقىتنىڭ ئىسراپ قىلىشىغا ئۇچرايدۇ.
而那些浪掷的光阴,也大多以低配的人生作了代价。
ئاشۇ خالىغانچە ئىسراپ قىلىۋېتىلگەن ۋاقىتلارنىڭ كۆپ قىسمى تۆۋەن سۈپەتلىك تۇرمۇشنى ئۆزىگە بەدەل قىلغان بولىدۇ.
تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا،
چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
مەنبە: خەلق تورى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ | مۇھەببەت باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقېتىش ئەمەس
◇ خەيرلىك كەچ | پايدىلىق 12 «سەپسەتە»لەر
◇ خەيرلىك كەچ | رەت قىلىنغاندىن كېيىن، قانداق بولۇپ قالدىڭىز؟
◇ كېيىنكى ئۆمرىڭىزنى بىللە ئۆتكۈزۈشىڭىزگە ئەرزىيدىغان ئادەم
◇ خەيرلىك كەچ | سۈرى بار ئادەملەرنىڭ ئۈچ ئالاھىدىلىكى
◇ خەيرلىك كەچ | ئەقىللىق ئادەملەر بۇ سۆزلەرنى مەڭگۈ دېمەيدۇ
◇ خەيرلىك كەچ | گاڭگىراش بولمىغان ھايات ھەقىقىي ھايات ئەمەس
◇ خەيرلىك كەچ | ئارزۇيىڭىز بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشمىسىڭىز بىكار