باشقىلاردىن ئۆگىنىڭ، ئۆزىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇڭ | خەيرلىك كەچ

时事   2025-01-31 00:55   北京  


خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەر بىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ.

ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، ئۆزىڭىزنى تونۇتۇپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز. 

ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 




向别人学,跟自己比

باشقىلاردىن ئۆگىنىڭ، ئۆزىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇڭ



ღ ღ ღ


  生活中有很多爱计较、爱攀比的人,他们喜欢盯着身边的人比来比去,似乎看不到更广阔的星辰大海。

تۇرمۇشتا تالاش-تارتىش قىلىش، سېلىشتۇرۇشقا ئامراق كىشىلەر تولىمۇ كۆپ. ئۇلار دىققىتىنى ئەتراپىدىكىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈۋېلىپ، توختىماي سېلىشتۇرۇشنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، تېخىمۇ كەڭ مەنزىلنى ئاساسىي جەھەتتىن يولۇقتۇرالمايدۇ. 

  适当的比较有利于自己的进步,但过分的攀比只会让自己身心俱疲。

مۇۋاپىق دەرىجىدىكى سېلىشتۇرۇش كىشىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە پايدىلىق. بىراق، چېكىدىن ئاشقان سېلىشتۇرۇش كىشىنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن چارچىتىدۇ.

  镇上有几家做生意的老板娘,她们喜欢一起去做美容、逛商场,一起去健身房,表面上是一片祥和,其实暗自互相较着劲。

بازاردا سودا قىلىدىغان بىر نەچچە ئايال بار بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە ھۆسن تۈزەتكىلى بېرىش، سودا سارايلارنى ئايلىنىش، چېنىقىش سارايلىرىغا بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قارىماققا، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە  ئاستىرىتتىن بىر-بىرى بىلەن كۈچ سىنىشىدۇ.

  背后谁也不认同谁好看,都觉得自己比对方优势多,自己的孩子更可爱聪明,自己穿衣服更显身材,每个人都会觉得自己比对方年轻。

باشقىلار يوق يەرلەردە ھېچقايسىسى ھېچقايسىسىنىڭ چىرايلىقلىقىنى ئېتىراپ قىلماي، ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكلەر قارشى تەرەپتىن كۆپتەك، بالىسى تېخىمۇ ئوماق ۋە ئەقىللىقتەك، ئۆزى كىيگەن كىيىملەر بەكرەك ياراشقاندەك ھېس قىلىدۇ، ھەممىسىلا ئۆزىنى قارشى تەرەپتىن ياشتەك ئويلايدۇ.

  其实,人都会有一种幻觉,同是40岁的两个人,隔着几年遇见,总感觉对方比自己老。

ئەمەلىيەتتە، ئادەمدە بىر خىل ساختا سېزىم بار بولۇپ، ئوخشاشلا 40 ياشلىق ئىككى ئادەم ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ قايتا كۆرۈشكەندە، قارشى تەرەپنى ئۆزىدىن قېرىدەك ھېس قىلىدۇ.

  犹如很多父母,总觉得自己孩子是最优秀、最可爱的,不比任何人差。

مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئەڭ مۇنەۋۋەر، ئەڭ ئوماقتەك، ھېچكىمدىن قېلىشمايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ.

  喜欢不自觉地放大自己的优点,扩大对方的缺点。

ئىختىيارسىزلا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى، قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكىنى چوڭايتىپ كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

  有的女人喜欢比老公,比孩子,看对方老公收入如何,是否比自己老公更疼自己,一旦发现样样都比自己好时,心里就会不平衡,开始抱怨生活,抱怨老公,抱怨命运,不曾去想每个人表达爱的方式不同,既然走在一起,总归是有爱的。

بەزى ئاياللار يولدىشى، بالىسىنى سېلىشتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ يولدىشىنىڭ كىرىمىنىڭ قانچىلىكلىكى، ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ ئايالىغا ئۆزىنىڭ يولدىشىدىنمۇ بەكرەك كۆيۈنىدىغان-كۆيۈنمەيدىغانلىقىنى سېلىشتۇرىدۇ. ناۋادا، ھەرقايسى جەھەتلەردە ئۆزىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىسا، قەلبىدە تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا بولۇپ، تۇرمۇشتىن، يولدىشىدىن، تەقدىردىن ئاغرىنىشقا باشلايدۇ، ھەربىر ئادەمنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، تۇرمۇش قۇرغانىكەن، ئارىدا ھامان مېھىر-مۇھەببەت بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرمەيدۇ.

  而且别人所描述的,也未必就是她真正的感受。家家都有一本难念的经,生活都是喜忧参半,如鱼饮水,冷暖自知。

ئۇنىڭ ئۈستىگە، باشقىلارنىڭ تەسۋىرلەپ بەرگىنى ئۇنىڭ ھەقىقىي تۇيغۇسى بولۇشى ناتايىن. ھەممە ئائىلىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قىيىنچىلىقى بولىدۇ، تۇرمۇشتا خۇشاللىق بىلەن خاپىلىق ئارىلىشىپ كېلىدۇ، خۇددى بېلىقنىڭ سۇ ئىچكىنىدەك، ئەھۋالنىڭ قانداقلىقىنى ئۆزى بىلىدۇ.

  许多妯娌间喜欢暗暗较劲,你买了银耳环我得去买个银镯子,你买了新上衣,我去买条新裤子。

كۆپىنچە ئېپى يەڭگىلەر يوشۇرۇنچە سېلىشتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، سىز كۈمۈش ھالقا سېتىۋالغان بولسىڭىز، مەن كۈمۈش بىلەيزۈك سېتىۋېلىشىم كېرەك، سىز يېڭى چاپان سېتىۋالغان بولسىڭىز، مەن يېڭى ئىشتان سېتىۋالىمەن.

  是谁说过,女人和女人之间大多只有同情和嫉妒两种感情。

ئاياللار بىلەن ئاياللار ئارىسىدا پەقەت ھېسداشلىق ۋە ھەسەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىللا ھېسسىيات بار دەپ كىم دەيدۇ؟

  电视剧《芈月传》中的芈月和芈姝开始是一对好姐妹,芈姝对芈月照顾有加,彼此掏心掏肺。却随着芈月的一步步得宠,好姐妹最后竟反目成仇,令人唏嘘。

تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مىيۆ قىسسىسى»دىكى مىيۆ بىلەن مىشۇ دەسلەپتە بىر جۈپ ياخشى ئاچا-سىڭىللاردىن ئىدى، مىشۇ مىيۆنىڭ ھالىدىن ئالاھىدە ياخشى خەۋەر ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە ئىچىدە بارىنىڭ ھەممىنى ئېيتىپ بېرەتتى. بىراق، مىيۆنىڭ بارا-بارا ئەتىۋارلىنىشىغا ئەگىشىپ، ياخشى ئاچا-سىڭىللار ئاخىرىدا يۈز ئۆرۈشۈپ، دۈشمەنلىشىپ، كىشىنى خۇرسىندۇرىدۇ. 

  爱攀比,爱嫉妒,让芈姝一步步走向万丈深渊。

سېلىشتۇرۇش، ھەسەت قىلىشقا ئامراقلىق مىشۇنى ئاستا-ئاستا تېگى يوق ھاڭغا باشلاپ بارىدۇ.


ღ ღ ღ


  写文字的人,有的也很喜欢同别人比较,比粉丝比人气等等,所谓文人相轻。

يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ بەزىلىرىمۇ باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، مەستانىلىرى، ئابروي-ئىناۋىتى قاتارلىقلارنى سېلىشتۇرىدۇ. بۇ دەل «ئەدىبلەر بىر-بىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ» دېيىلگىنىگە ئوخشايدۇ.

  这有啥好比呢?!

بۇنىڭ سېلىشتۇرغۇدەك نېمىسى بار؟!

  每个人写作风格不同,写作动机不同,有的人纯粹是我手写我心,写作这条漫长路未来会如何都是未知的,谁也无法看到终点风景如何,乐观坦然写自己的字就是。

ھەربىر ئادەمنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى، يېزىقچىلىق قىلىش مەقسىتى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر ئاددىيلا ئۆز كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى يېزىپ چىقىدۇ. يېزىقچلىقتىن ئىبارەت ئۇزاققا سوزۇلغان بۇ يولنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدىغانلىقى نامەلۇم، ھەممە ئادەم ئاخىرقى نۇقتىنىڭ مەنزىرىسىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈشكە ئامالسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈمىدۋار ۋە خاتىرجەم ھالدا ئۆز يېزىقچىلىقىنى قىلغان ياخشى.

  现在没写出名堂的,未必将来还不会,现在在某个平台红火的,未必就能一直火下去,在A平台默默无闻的,或许会在B平台风生水起,写作这条路是有无限想象的空间。

ھازىر يېزىقچىلىق قىلىپ نام قازىنالمىغانلارنىڭ كەلگۈسىدىمۇ نام قازىنالماسلىقى ناتايىن، ھازىر مەلۇم سۇپىدا نام قازىنىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىزچىل مۇشۇنداق كېتىۋېرىشى ناتايىن، بىر سۇپىدا تونۇلمىغان كىشى، ئېھتىمال يەنە بىر سۇپىدا داڭق قازىنىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. يېزىقچىلىقتىن ئىبارەت بۇ يولنىڭ چەكسىز تەسەۋۋۇر بوشلۇقى بار.

  比来比去,最终比的是谁身体更健康点,这才是硬道理。

سېلىشتۇرۇپ يۈرۈپ ئەڭ ئاخىرىدا كىمنىڭ بەدىنىنىڭ ساغلامراق ئىكەنلىكىنى سېلىشتۇرۇشلا ئەڭ مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.

  爱攀比、爱嫉妒,在生活中无处不在。它能给人压力,也能给人动力,但如何把握那个度,就是我们要去修行的。

سېلىشتۇرۇشنى ياخشى كۆرۈش، ھەسەت قىلىشنى ياخشى كۆرۈش __ تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچرايدۇ. ئۇ، كىشىگە بېسىم ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، يەنە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچمۇ ئاتا قىلىدۇ. بىراق، ئاشۇ ئۆلچەمنى قانداق ئىگىلەشلا دەل بىز چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئىشتۇر.


ღ ღ ღ


  人生太短暂,少把焦点放在别人身上,多关照自己的灵魂,多注重自己的成长,只跟别人学,只同自己比。

ھايات تولىمۇ قىسقا. فوكس نۇقتىسىنى باشقىلارغا ئازراق قارىتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ روھىيىتىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىڭ، باشقىلاردىن ئۆگىنىڭ، ئەمما ئۆزىڭىز بىلەنلا سېلىشتۇرۇڭ.

  多锻炼身体,早睡早起,保持好心态,开心工作,快乐生活,仅此而已。

كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇڭ، بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر تۇرۇڭ، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاڭ، خۇشال ھالدا خىزمەت قىلىڭ، شاد-خۇرام ياشاڭ، مانا مۇشۇنچىلىكلا.

  沃兹基硕德说:

ۋەسكى شۇد مۇنداق دېگەن:

不论你是谁,少说都有三分野心。没什么好遮掩,野心本身就是一种追求更好生活的意愿。但太过好胜,也是一种病态。是把一切快乐都建立在输赢之上。要强的人生不争强。抗争和妥协,一样都不能少。生活就是这样,一半要争、一半要退。缺了哪一半,都难顺心。
مەيلى كىم بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سىزدە ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئۈلۈش ئىرادە بولىدۇ. بۇنىڭ يوشۇرۇپ يۈرگۈدەك يېرى يوق، چۈنكى، ئىرادە ئەسلىدىلا تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشنى قوغلىشىش ئىستىكىدىن ئىبارەت. بىراق، غەلىبە قازىنىشقا بەكلا ھېرىسمەن بولۇشمۇ بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، بۇنىڭدا بارلىق خۇشاللىق يېڭىش-يېڭىلىش ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. كۈچلۈكلەر ھاياتتا كۈچلۈك بولۇشنى تالاشمايدۇ. قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن مۇرەسسەلىشىشنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. تۇرمۇش مانا مۇشۇنداق، يېرىمى تالىشىش بولسا، يېرىمى چېكىنىش. قايسى يېرىمى كەم بولسا كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى قىيىن.


  有些人喜欢对别人指指点点,喜欢揪住别人的缺点来满足自己,喜欢用攀比心来掩盖内心的空虚和底气不足。

بەزىلەر باشقىلارغا يول كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى تۇتۇۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىنى قانائەتلەندۈرىدۇ، سېلىشتۇرۇش پىسخىكىسى ئارقىلىق ئىچكى دۇنياسىدىكى مەنىسىزلىك ۋە ئاجىزلىقىنى يېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

  但我们要区别攀比和良性竞争。良性竞争促进发展,出发点不一样,满足的需求也不一样。

بىراق، بىز سېلىشتۇرۇش بىلەن ياخشى سۈپەتلىك رىقابەتنى پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك. ياخشى سۈپەتلىك رىقابەت تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغا بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ چىقىش نۇقتىسىمۇ، قانائەتلەندۈرۈلىدىغان ئېھتىياجىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

  攀比多了很容易引起嫉妒,而嫉妒是万恶之源,最终是损人不利己。

سېلىشتۇرۇش كۆپ بولسا ئاسانلا ھەسەت پەيدا قىلىدۇ. ھەسەت بارلىق رەزىللىكلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئاخىرىدا باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈدۇ، ئۆزىمۇ پايدا ئالالمايدۇ.


ღ ღ ღ


  良性竞争,是带着欣赏的心态,学习他人的亮点,最终为了成就更好的自己。

ياخشى سۈپەتلىك رىقابەت ھوزۇرلىنىش روھىي ھالىتىدە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كىشى باشقىلارنىڭ يارقىن نۇقتىسىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئاخىرىدا تېخىمۇ ياخشى ئۆزىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. 

  芸芸众生,茫茫人海,比来比去何时了?少了一点攀比心,多一点进取心。

جانلىقلار دۇنياسىدىكى چەكسىز ئادەم دېڭىزى ئارىسىدا سېلىشتۇرۇپ يۈرىدىغان قايسى ۋاقىت-بۇ؟ سېلىشتۇرۇش پىسخىكىسى ئازراق بولسا، ئىلگىرىلەش پىسخىكىسى كۆپرەك بولىدۇ.

  提高格局,扩大眼界,多花心思修炼自我,专心做好自己。

ساپايىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نەزەر-دائىرىڭىزنى كېڭەيتىڭ، زېھنىڭىزنىڭ كۆپرەكىنى ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە قارىتىڭ، كۆڭۈل قويۇپ ئۆزىڭىزنى ياخشىلاڭ.


تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز


         كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

         مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

         مەنبە: خەلق تورى



خەيرلىك كەچ سەھىپىسى

 خەيرلىك كەچ | بىز ئالاقىلاشمىغىلى قانچىلىك بولدى؟

 خەيرلىك كەچ | 20 ياشقا كىرىپلا 40 ياشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈمەن دېمەڭ

 خەيرلىك كەچ | ياخشىلىقنى يوشۇرۇنچە قىلىڭ

 خەيرلىك كەچ | سىز يولۇققانلارنىڭ ھەممىسى سىز سەۋەبلىك كەلگەن

 خەيرلىك كەچ | ياخشى ئايال بىلەن توي قىلىش — ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئامىتى

 خەيرلىك كەچ | بالىنى «باياشات بېقىش» قانداق بولىدۇ؟

 خەيرلىك كەچ | سىز قاچقان ئاۋارىچىلىق ھامان سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ

 خەيرلىك كەچ | بالام، ئانىڭىزنىڭ ئىپتىخارى بولۇشىڭىز ھاجەتسىز

 خەيرلىك كەچ | ياخشى غىزالىنىش ئائىلىگە نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىم؟

 خەيرلىك كەچ | بارلىق مۇناسىۋەتلەر مانا مۇشۇنداق سۇسلىشىپ كېتىدۇ

 خەيرلىك كەچ | بىر ئۆمۈر نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان تۇرمۇش پەلسەپىلىرى

 خەيرلىك كەچ | قانچە قاچقانسېرى، تۇمشۇقىڭىزغا شۇنچە يەيسىز

 خەيرلىك كەچ | دادا، ئاپا، بىز ياخشىراق پاراڭلاشساق بولامدۇ؟

 خەيرلىك كەچ | باشقىلارنىڭ مۇنەۋۋەرلىكىنى ئېتىراپ قىلىڭ

 خەيرلىك كەچ | شۇنچە ئالاھىدە تۇرۇپ، نېمىشقا ئېقىمغا ئەگىشىسىز؟





خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
uyghur.people.com.cn

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章