بۇ ئەپنى جۇڭگودىن باشقا دۆلەت كارخانىلىرىغا سېتىش تەلەپ قىلىندى

时事   2025-01-23 16:30   北京  

TikTok ئامېرىكىدىكى مۇلازىمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىسقا سىن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسى TikTok 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامېرىكىدىكى مۇلازىمىتىنىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

ئامېرىكا غەربىي قىسىم ۋاقتى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 1دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە)، TikTok ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، شىركەتنىڭ ئىنتېرنېت تورى مۇلازىمەتچىلىرى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، ئالاقىدار مۇلازىمەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. مۇخبىر دەرھال تەكشۈرۈپ، TikTok ئەپ دېتالىنىڭ نورمال ئىشلىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى، TikTok تور بېكىتىنىڭمۇ نورماللاشقانلىقىنى كۆردى.

TikTok ئامېرىكا غەربىي قىسىم ۋاقتى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 19 دىن 30 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 11دىن 30 مىنۇت) ئەتراپىدا ئامېرىكىدىكى ئابۇنىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى توختاتقان. TikTok شىركىتىنىڭ ئانا شىركىتى بولغان زىجيې تياۋدۇڭ قارمىقىدىكى بىرقانچە قوللىنىشچان ئەپ دېتالمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا ئامېرىكىدا مۇلازىمەتنى توختاتقان. TikTok ئەپ دېتالىنىڭ ئامېرىكىدا نورمال يۈرۈشۈشىنى قوللايدىغان ئالما، گۇگول ۋە ئوراكول قاتارلىق ئامېرىكا كارخانىلىرىمۇ ئالاقىدار مۇلازىمەتنى توختاتقان.

2024-يىلى 4-ئايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن پارلامېنت ئىككى پالاتاسى ماقۇللىغان بىر قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇپ، زىجيې تياۋدۇڭ شىركىتىدىن 270 كۈن ئىچىدە TikTokنى جۇڭگودىن باشقا دۆلەت كارخانىلىرىغا سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، بولمىسا بۇ ئەپ دېتالىنىڭ 2025-يىل 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن كېيىن ئامېرىكىدا ئىشلىتىشتىن چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى TikTok نى «ساتمىسا ئىشلىتىشنى چەكلەش» قانۇنىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئەمەسلىكى ھەققىدە كېسىم چىقاردى. بۇ فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئەسلىدىكى پىلان بويىچە 1-ئاينىڭ 19-كۈنى كۈچكە ئىگە بولۇشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بايدىن ھۆكۈمىتى ئارقىدىنلا قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان تىرامپ ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. TikTok شىركىتى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى جاۋاب قايتۇرۇپ، بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئىنتېرنېت تورى مۇلازىمەت سودىگىرىگە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرمەسلىك باياناتىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويمىسا، بۇ سۇپىنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامالسىز تاقىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆ قولغا ئېلىندى

◇ جۇڭگو ئۆزىنىڭ يوللۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ

◇ خۇش خەۋەر! %5 ئاشتى

◇ بۇ جۇڭگو-تۈركىيە ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى

◇ ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى






خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章