سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گەرچە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا ئوخشاش كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرا، كىچىك كۆلەمدىكى توقۇنۇش توختىماي يۈز بەردى. ئون توقۇنۇشنىڭ ئىچىدە توققۇز جايدا ئامېرىكا ئارمىيىسى بار. ئامېرىكا ئارمىيىسى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ياخشى ئۇرۇش قىلىدۇ؟ مەنپەئەت تالىشىش ئەلۋەتتە مۇھىم سەۋەب، لېكىن يەنە ئازراق ئارتۇقچىلىقمۇ بار، يەنى ئامېرىكىدا زور مىقداردا ئوق-دورا زاپىسى بار
ئامېرىكىدا، نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى ئوق-دورا ئىسكىلاتى بار. بۇ ئىسكىلاتلار ئادەتتە كۆپ ئاخبارات ۋاستىللىرىغا چىقمايدۇ ئاخبارات خەۋەرلىرىدە نىسبەتەن ئاز ئۇچرايدۇ، لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. مەسىلەن، بىز سۆزلىمەكچى بولغان خوسان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئامبىرى دەرىجىدىن تاشقىرى ئوق-دورا ئامبىرى. خوساڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىسكىلاتىنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، جەمئىي 2427 مۇستەھكەم پولات چىۋىقلىق بېتون پوتەي بار، ئىچىدە نۇرغۇن ئوق-دورا ساقلانغان. بۇ ئامبارلارنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 594 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنى مۇھىم ئوق-دورا ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇرۇش قىلغاندا، ئاساسەن ئوق-دورىننى كۆپ ئىشلىتىدۇ، شۇڭا كۈچلۈك كاپالەت بولمىسا بولمايدۇ
خوسان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئامبىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا بىر كۆل بولۇپ، ئىسمى ۋالكېر كۆلى ئىكەن. سۈرەتنى چوڭايتقاندا، يۇلتۇزدەك تارقالغان ئوق-دورا ئامبىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا، خوسان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىسكىلاتىمۇ ئەڭ چوڭ ئوق-دورا ئامبىرى. بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى دورا ئامبىرى ئۈچ رايونغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىش رايونى، قوماندانلىق مەركىزى ۋە ئالاقىدار قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىچىدە ئوق دورا ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 30 كۈن كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قىلىشىغا يېتىدۇ
خوساڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئامبىرى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئۇنىڭ مەنبەسى 1930-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان خوسان دېڭىز ئارمىيە ئوق-دورا ئىسكىلاتىدىن باشلانغان. 1926-يىلى، يېڭى جېرسېي شىتاتىدىكى دېڭىز ئارمىيەسى دېمارك دېڭىز ئارمىيەسى ئوق-دورا ئىسكىلاتىدا زور كۆلەملىك ئاپەت يۈز بېرىپ، 21 ئادەم قازا قىلدى، 53 ئادەم يارىلاندى. ئوق-دورا ئامبىرى ۋە ئەتراپتىكى ئەسلىھەلەر ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، شۇ چاغدا كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 84 مىليون دوللارغا يەتكەن، بۇ بۈگۈنكى 1 مىليارد دوللارغا باراۋەر ئىدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ھەر قېتىملىق ئۇرۇشتا، خوسان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوق-دورا ئامبىرى مۇھىم رول ئويناپ، ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەرنى زور مىقداردا ئوق دورا بىلەن قوللىدى. يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، خوساڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوق-دورا ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 610 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئوق دورا پوتەي 3000 غا يېتىدۇ. شۇ چاغقا سېلىشتۇرغاندا، بۈگۈنكى كۆلەم سەل كىچىكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئوق-دورا ئامبىرى
ا 1994-يىلى، بۇ ئوق دورا ئامبىرىنىڭ نامى ھازىرقى ئىسمى خوسان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىسكىلاتىغا ئۆزگەرتىلدى. خوسان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئامبىرىدا ئىلگىرى ئېغىر ۋەقە يۈز بەرگەن، 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەتراپىدا راست ئوق مانېۋىرى ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، بىر مىناميوت ئوقى پارتلاپ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ يەتتە خادىمى قازا قىلدى، ئاز دېگەندىمۇ سەككىز ئادەم يارىلاندى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خوسان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئامبىرىدا ئوق دورا بىر تەرەپ قىلىش بىر مەھەل توختىتىلغان. لېكىن كېيىنكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بەزىبىر ئىشلار ئېنىقلىنىپ خوسان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىسكىلاتىنىڭ نورمال خىزمىتى ئەسلىگە كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر يەنىلا ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئوق-دورا ئامبىرى
خوسان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوق-دورا ئامبىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايون قۇملۇق بولۇپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ 4-ئارقا سەپ چوڭ ئەترىتى ھەر يىلى بۇ يەردە مەشىق مانۋېرى ئۆتكۈزىدۇ. ئەتراپتا خوسان بازىرى دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك بازار بار، شىمالىي قىسمىدا ۋوك كۆلى دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆل بار، خوسان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىسكىلاتىدىكى نۇرغۇن ياللانما خادىملارنىڭ ھەممىسى كىچىك بازاردا تۇرىدۇ. بۇ سۈرەتتىن تاغ باغرىدا نۇرغۇن ئوق-دورا ئىسكىلاتىنىڭ بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ
ئوق-دورا يېڭىلىنىدۇ، لېكىن ئادەتتىكى مانېۋىردا بۇنچىلىك كۆپ ئوق دورا كەتمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھەر بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيىسى ئامبار قالدۇقىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ھامان بىر قىسىم ئۇرۇش قوزغايدۇ. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشى، جەنۇبىي ئىتتىپاق توقۇنۇشى، ئىراق ئۇرۇشى ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيىسى ناھايىتى ئىشچان بولۇپ، دائىم ئاساسىي كۈچ رولىنى ئويناپ كەلگەن
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹