سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى
خادا تاش ئارىلىدىكى توك ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئېلىمىز ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا ۋە كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا دېڭىز ـ ئوكيان يادرو ئېنېرگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور كۈچ سەرپ قىلدى ۋە سەرىپ قىلماقچى ، يەنى يادرو ئېلېكتىر گۆھىرى دەپ ئاتالغان دېڭىز ئۈستى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى. گەرچە، جۇڭگو بۇ ساھەدە باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا كېيىن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن تەرەققىيات سۈرىتى ئىنتايىن تېز. لىڭلۇڭ 1ـ نومۇر ئالدىنقى يىلىلا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن.
جۇڭگونىڭ تۇنجى دېڭىز ـ ئوكيان يادرو ئېنېرگىيە سۇپىسى جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى قارمىقىدىكى بوخەي پاراخوتى ئېغىر سانائەت زاۋۇتىدا ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇلدى، كېمىسازلىق زاۋۇتىنىڭ تېخنىكلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ سۇپا جۇڭگوغا تەۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، ئەڭ تېز بولغاندا 2020ـ يىلى ئەتراپىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، شۇ چاغدا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئارال ۋە خادا تاشلار توك ۋە سۇ قەھەتچىلىكىدىن ئۈزۈل ـ كېسىل قۇتۇلىدۇ.
ئۇنىڭ چوڭلىقى ھەقىقەتەن بىز ئويلىمىغان يېرىم يوشۇرۇن شەكىلدىكى ئاساسىي قۇرۇلما بۆلىكىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2400 مېتىردىن 3200 مېتىرغىچە، ئېغىرلىقى 500 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. تېخىمۇ سىرلىق يېرى شۇكى، ئەگەر ئېھتىياج بولسا، پىرىستان قاتارلىق نۇرغۇن ئىقتىدار بۆلەكلىرى بىز رەسىم قۇراشتۇرۇش ئويۇنى ئوينىغان ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش بىۋاستە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئاخىرىدا ئارمىيە بىلەن خەلق تەڭ ئىشلىتىدىغان بازا شەكىللەندۈرۈلىدۇ. دېڭىز ـ ئوكيان يادرو ئېنېرگىيە سۇپىسى قاتتىق جەھەتتە بىر خىل ھۇجۇم قورالى ھېسابلانمايدۇ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ يادرو رېئاكتورى قاچىلانغان دېڭىز ئۈستى تەمىنات سۇپىسى بولۇپ، يىراق ئوكياندا ئۇرۇش قىلغاندا، زۆرۈر ئېنېرگىيە ۋە ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەتتا كۈرەشچى ئايروپىلان ياكى بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى ۋە قونۇشىغا بولىدۇ. ئارالنى ئېنېرگىيە، توك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ.
ئۇنىڭ گەۋدىسى بەش ئاۋىياماتكىچىلىك كېلىدۇ، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ سۇپىنىڭ ئوينىغان رولى ئاۋىياماتكىدىن چوڭ، ئۇ مۇقىم ھەرىكەت قىلمايدۇ ئەمەس، ئۇنىڭ ۋاسىتىسى غايەت زور بولۇپ، ھەربىي پاراخوتقا ئوخشاش يىراققا سەپەر قىلالايدۇ. خەلق جۇڭگونىڭ يادرو ئېنېرگىيەلىك ئاۋىياماتكىسىنى بالدۇرراق كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ دېڭىز ـ ئوكيان يادرو ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ بارلىققا كېلىشى ياكى بۇ زور قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. ما ۋېيمىڭ مۇنداق دەيدۇ: ئون يىل ئاز ياشىساقمۇ، ئالاھىدە ئېلېكتىر تېخنىكىسى قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىمىز كېرەك! بەش يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ما ۋېيمىڭ تۈر گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ئەۋرىشكە ماشىنىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە سىناق قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى تاماملىدى، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىككى بومبا، بىر سۈنىي ھەمراھ ۋە ئادەملىك ئالەم قاتنىشىدىن قېلىشمايدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: بۇ دېڭىز ئۇلى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولسىلا، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئاز دېگەندىمۇ ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، جۇڭگونىڭ بۇ تېخنىكىسىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ پىكىرنى ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغىنى ئامېرىكىلىقلار بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90ـ يىللىرىدىلا ئامېرىكا ئالىملىرى دېڭىز ئۈستى بازىسى دېگەن بۇ تەسەۋۋۇر توغرىسىدا ئامېرىكىدىكى مەلۇم داڭلىق ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلغان، ماقالىدە بۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ رولى ۋە ئالاقىدار تونۇشتۇرۇشلار تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
پەقەت ئامېرىكا يەڭگىلى بولمايدىغان ئىككى قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدى: ئالدى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا يېتەرلىك كۈچلۈك ماتېرىيال يوق ئىدى، ئادەتتىكى ماتېرىيال تەيفېڭ بورىنى ۋە كۈچلۈك دولقۇننىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. ئۇنىڭدىن قالسا يېتەرلىك چوڭ زاۋۇت بىناسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتكەن تەقدىردىمۇ، دېڭىزغا قانداق يۆتكەشنى بىلمەيدۇ. ئەينى يىلى ئامېرىكىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگو مۇكەممەل ھەل قىلدى. رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەسەۋۋۇرى ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو ئالدى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى، ئامېركا يۈزىنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرۈيدۇ ؟ پۇرسەت ھەمىشە كۈچلۈكلەرنىڭ قولىدا.
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹