تارىخچىلار
مەزمۇنلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
تارىخچىلار سالونى تەرجىمىسى
ئىنسانلارنىڭ يەككە گەۋدىسى يادرو قوراللىرى ئالدىدا ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، يادرو ئۇرۇشى پارتلىغاندا، ئۆزىنى قوغدايدىغان ھەر قانداق چارىنىڭ ئانچە كۆپ ئۈنۈمى بولمايدۇ.بەزىلەر ئىلگىرى ئىستاتىستىكا قىلغان، ئەگەر ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە بارلىق يادرو بومبىسىنى ئېتىپ چىقارسا، پۈتكۈل يەر شارىنى نەچچە قېتىم ۋەيران قىلىشقا يېتىدۇ.پەقەت رۇسىيەدىن ئىبارەت بىر دۆلەتنىڭ يادرو بومبىسىلا پۈتۈن ئامېرىكىنى بەش قېتىم يوقىتىشقا يېتىدۇ.ئەگەر ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئۇرۇش قىلسا، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ قارشى تەرەپنى ھالاكەتلىك زەربىگە ئۇچرىتىشىدا گەپ يوق.ئەمما بىر خىل قاراشتا، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىشى ئىككى دۆلەتتە ئېغىر ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دېيىلدى بۇنىڭ بىلەن دۇنيا كۈچ سېلىشتۇرمىسى ئېشىپ قالغان باشقا دۆلەتلەرگە پايدىلىق.
بۇنداق ئوي ـ پىكىرنى مۇتلەق خاتا دېيىشكە بولىدۇ، ئەگەر ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەدىن ئىبارەت دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئىككى دۆلەت ئۇرۇش قىلسا، پۈتكۈل دۇنيا تەڭ ھالاك بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ھېچقانداق بىر دۆلەت غەلىبە قىلغۇچى بولمايدۇ.ئۇزۇندىن بۇيان مۇنداق بىر خىل قاراش بار، ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر يۈرۈش يادرو باغلاش سىستېمىسى بار، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ داڭلىق ئۆلۈك قول سىستېمىسى بار، ئۆزىنىڭ قوماندانلىق قاتلىمى ۋەيران بولغان ئەھۋالدىمۇ، سىستېما ئاپتوماتىك بۇيرۇق چىقىرىپ يادرو بومبىسىنى كونترول قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەر قايسى نىشانلىرىغا زەربە بېرەلەيدۇ. ئەڭ قورقۇنچلۇقى،ئۇنىڭ زەربە بېرىش نىشانى بارلىق كۈچلۈك يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ يادرولۇق نىشانى بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەت پۈتكۈل دۇنيانى بىرلىكتە يادرو ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىرىش. لېكىن ئاتالمىش يادرو باغلاش سىستېمىسى ئەزەلدىن ئەمەلىي دەلىللەنمىگەن، ئۆلۈك قول سىستېمىسى پۈتكۈل دۇنيانى يادرو ئۇرۇشى سىستېمىسىغا باغلاپ قويۇش تېخىمۇ خاتا چۈشەنچە. ئۆلۈك قول سىستېمىسىنىڭ رەسمىي نامى ئەتراپ سىستېمىسى بولۇپ، بۇ بىر خىل كۈندىلىك يېرىم ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرىدىغان، پەقەت كىرىزىس ئەۋجىگە چىققاندا بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار قوزغاتقان سىستېما. ئۇنىڭ نامىنى ھەقىقىي تۈردە يىراق ـ يېقىنغا تاراتقان، ھېچقانداق ئادەم كۇنۇپكىنى باسمىسىمۇ قويۇپ بېرىلىدىغان نۇسخا بولۇپ، ئۇ بارلىق قوماندانلىق قاتلىمىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيدۇ ئاپتوماتىك يادرو بومبىسى قويۇپ بېرىدىغان ئاپتوماتىك ئۆلۈك قول سىستېمىسى.
لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1985ـ يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، ئاپتوماتىك ئۆلۈك قول سىستېمىسى رەت قىلىنغان. يادرو باغلاش سىستېمىسىنىڭ ھەقىقەتەن دۇنيادا مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى، ياكى كۈچىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ـ قىلدۇرالمايدىغانلىقى تېخى نامەلۇم. شۇنداق بولسىمۇ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەدە كەڭ كۆلەملىك يادرو ئۇرۇشى پارتلىغان ھامان، دۇنيادا يەنىلا ماڭىدىغان بىرلا يول بار. بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك، يادرو قورالى ئادەتتىكى بومبا ئەمەس، ئىشلەتكەندىن كېيىن پۈتكۈل يەر شارىنىڭ مۇھىتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. زەربە دولقۇنى ۋە يادرو رادىئاتسىيەسى بەلكىم پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما كەڭ كۆلەملىك يادرو ئۇرۇشىدىن كېيىن، مۇقەررەر ھالدا ئېغىر ئېكولوگىيىلىك ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى يادرو بومبىسى چىقارغان ئىس ـ تۈتەك يادرو قىش پەسلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ يادرو بومبىسىنى قوشقاندا 10 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇ يادرو بومبىلىرىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا ۋە رۇسىيە چېگرىسى ئىچىدە بولسا، مەنزىرىسى مۇقەررەر ھالدا ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولغاندىن سىرت، كۆپ مىقداردىكى ئىس ـ تۈتەكنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىدۇ. بەزى ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يادرو رېئاكسىيەسىدىن كېيىن 1 مىليون 470 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئىس ـ تۈتەك ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىدىكەن، بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئىس ـ تۈتەك ستاتوسفېرا قاتلىمىدا پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىدىكەن. ئارقىدىن پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 15 گرادۇستىن 9 گرادۇسقا چۈشىدۇ، بارلىق ئىس ـ تۈتەكنىڭ يوقىلىشىغا تەخمىنەن يەتتە يىل ۋاقىت كېتىدۇ يەر يۈزىگە چۈشكەن قۇياش نۇرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن يەنە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۆتكەن 200 يىلدا، يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى ئىككى گىرادۇسقا يەتمەيدۇ، بىر ھەپتە ئىچىدە ئالتە گىرادۇس تۆۋەنلەيدۇ، بۇ دۇنيا ئېكولوگىيەسىگە ئاپەت خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
پۈتكۈل يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا ماسلىشىش مۇمكىن ئەمەس، بۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇقەررەر ھالدا كەڭ كۆلەملىك جانلىقلارنىڭ يوقىلىشى ۋە ئاچارچىلىق، ۋابا قاتارلىق تۈرلۈك ئاپەتلەر يۈز بېرىدۇ. بۇنداق كەڭ كۆلەملىك يادرو ئۇرۇشى ئىنسانلارنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىلى قويمايدۇ.