شۇ يەر ۋاقتى 14-نويابىر، ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى تىرامپ كىچىك روبېرت فرانسىس كېننېدىنى ئامېرىكىنىڭ سەھىيە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت مىنىستىرىلىقىغا كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كېننېدى جەمەتىدىن چىققان بۇ كىچىك كېننېدى بۇ يىل 70 ياشتا، قازا قىلغان سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى، قوشما شىتاتلىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى روبېرت فرانسىس كېننېدىنىڭ ئوغلى، تاغىسى 1963-يىلى قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان سابىق زۇڭتۇڭ جون كېننېدى.