ئامېرىكا زىمىنى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى تېخى ئاخىرلاشمىغان مەزگىلدە، پەقەت ئەنگليەنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13 مۇستەملىك رايونى بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقىدا بىۋاستە گەۋدىلەنگەن. ئەينى چاغدىكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقى مۇنداق شەكىلدە ئىدى: بايراقنىڭ سول تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجىكىدە كىچىك ئەنگىلىيە بايرىقى، ئوڭ تەرىپىدە 13 توغرا سىزىق بار بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئەينى ئەنگىليەنىڭ ئامېرىكىدىكى 13 ئىشتاتىغا ۋەكىللىك قىلاتتى.
ئامېرىكا بىر كۆچمەنلەر دۆلىتى بولۇپ، قۇرۇلغاندەسلەپكى مەزگىللەردە ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى. ئەمما ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەققىل بولغاندىن كىيىن ئەڭ دەسلەپكى دۆلەت بايرىقىدىكى كىچىك ئەنگلىيە بايرىقى ئۇلارنى بىئارام قىلدى. ئامېرىكىلىقلار ئامېرىكا ئەنگىلىيەنىڭ كونترول قىلىش دائىرىسىدىن چىقىپ كەتتى، شۇڭا ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنى داۋاملىق ئۆز بايرىقىدا ساقلاشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق دەپ قارىدى. ئېلانغا كەپقاپتۇق...شۇڭا ئامېرىكا ئۆزنىڭ بايرىقىدىكى ئەنگلىيە بايرىقىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا 13 شىتاتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان 13 يۇلتۇزغا ئالماشتۇرىۋەتتى. كېيىن، ئامېرىكىنىڭ يېرى بارغانسېرى كۆپەيدى، دەسلەپكى 13 تىن كېيىن 15 كە يەتتى. كېيىن 40 تىن ئاشتى. ھەر بىر شىتات كۆپەيگەندە، ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىغا بۇ يەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يۇلتۇزنى قوشتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىدىكى يۇلتۇزلار بارغانسېرى كۆپەيدى.
ئەلۋەتتە، يۇلتۇزلارنىڭ تىزىلىشىمۇ ناھايىتى رەتلىك ھەم چىرايلىق. ئامېرىكىدا 48 شتات بار چاغدا، بۇ بايراق جۇڭگو تەرىپىدىن گۈللۈك بايراق دەپ ئاتالغان. يۇلتۇزلار سەككىزدىن ئالتە رەت تىزىلغان بولۇپ، بايراققا دەل كەلگەن. ئامېرىكا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 11 يىلدا بىر قېتىم دۆلەت بايرىقىنى ئۆزگەرتىپ كەلدى. ھەر بىر قېتىم شىتات قوشۇلغاندا بايراقتا بىردىن يۇلتۇز كۆپىيىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدا 50 ئىشتات بار. 50 يۇلتۇز مەيلى قانداق تىزىلغان بولسۇن، ھامان كۆڭۈلدىكىدەك چىقمايدۇ. كۆپ قېتىم كېڭىشىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ھازىرقى دۆلەت بايرىقى شەكىللەنگەن.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئامېرىكىلىقلارنى دۆلەت بايرىقى جەھەتتە ھەقىقەتەن ھەددىدىن زىيادە ئەستايىدىل ھەم يۈزەكى دىيىشكە بولىدۇ. نېمىشقا مۇقىم بىر مەنىگە ئىگە دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتمەيدۇ، بۇنداق بولغاندا ھەرقانچە كۆپ شىتات بولسىمۇ، ئۆزگەرتىش ھاجەتسىز. ئەلۋەتتە بىز بۇنىڭغا بىرنەرسە دېيەلمەيمىز. ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنىنى دۆلەت بايرىقى خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ بۇ كۈنى چوڭ تىپتىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئەلۋەتتە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا بۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىشىنى ھۆرمەتلەشكە ئەرزىدۇ. ئەلۋەتتە ئاستىدىكى ئېلانمۇ بېسىشقا ئەرزىدۇ.
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹